خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك سابىق ئەمەلدارىنىڭ ئىنىسىمۇ پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن سوتلانغان

خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ مەزگىلىدە مەركىزى كومىتېت ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن لىڭ جىخۇانىڭ ئىنىسى لىڭ جېڭسې پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن سوتلانغان.

شىنخۇا تورىنىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرىدا، لىڭ جېڭسېنىڭ سەيشەنبە كۈنى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن سوتلانغانلىقى، ئۇنىڭ ئىككى مىليون 400 مىڭ دوللار خىيانەت قىلغان جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇنىڭ ئاكىسى لىڭ جىخۇامۇ مەركەزدىكى «ئاتتىن غۇلىغان» يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن ئىدى. لىڭ جىخۇا بۇ يىل 7-ئايدا پارىخورلۇق، قانۇنسىز ھالدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قولغا چۈشۈرۈش ۋە ئەمىلىنى سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

لىڭ جىخۇانىڭ يەنە بىر قېرىندىشى بولغان لىڭ ۋاڭچېڭ بولسا ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىش ئىشخانىسى ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىدىن ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىڭ ۋاڭچېڭنىڭ ئامېرىكىغا قېچىپ كېتىشى لىڭ جىخۇانىڭ ئۇنىڭغا خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ مەخپىي شىفىرلىرى قاتارلىق مۇھىم دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئېيتىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇنى ئامېرىكىغا قاچۇرۇۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى سۆز-چۆچەكلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.