خىتاي بۇ يىلمۇ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەت دەپ باھالىنىپ ئىران ۋە سۈرىيەنىڭ كەينىگە تىزىلدى.
ئەركىنلىك سارىيى چارشەنبە كۈنى ئېلان ئىلغان 2015-يىللىق ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى چەكلىمىسى 2015 -يىلى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن بىر دەرىجىدە ئېغىرلاشقان.
خىتايدىكى ئىنتېرنېت چەكلىمە دەرىجىسى 2014-يىللىق دوكلاتتا 87 بولغان بولسا، بۇ يىل 88 گە چىققان.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، تور ۋە ئىنتېرنېتكە قارىتىلغان چەكلىمە دەرىجىسى نۆل بولغاندا ئەڭ ياخشى، 100 بولغاندا ئەڭ ناچار دەپ قارىلىدۇ.
بۇ يىل جەمئىي 65 دۆلەتنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىك دەرىجىسى باھالانغان.
بۇنىڭدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىككە قارىتىلغان چەكلىمە 6 دىن 24 كېچە بولغان، يەنى بىر قەدەر ياخشى بولغان دۆلەتلەر ئىسلاندىيە، ئېستونىيە، كانادا، گېرمانىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە ۋە ۋېنگىرىيە قاتارلىقلا دۆلەتلەر ئىكەن.
چەكلىمە دەرىجىسى ئەڭ قاتتىق، يەنى ئىنتېرنېت ئەركىنلىك چەكلمىسى 80 دىن يۇقىرى بولغان دۆلەتلەر خىتاي، كۇبا، ئېفىيوپىيە، سۈرىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپ، خىتاي بۇلارنىڭ ئىچىدە كەينىدىن سانىغاندا 1-لىكنى ئالغان.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاي ئىنتېرنېتتىكى «سىياسىي، ئىجتىمائىي مەزمۇنلار چەكلىنىدىغان، تور يازغۇچىلىرى قولغا ئېلىنىدىغان، ئاخبارات ئەركىن بولمىغان» دۆلەت دەپ كۆرسىتىلگەن.