خىتاي جاسۇسلىرى فىلىپپىندا ئىلغار ئۈسكۈنىلەر بىلەن ھەربىي ئۇچۇر توپلىغان
2025.01.21
«مانىلا ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 21-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن دائىرىلىرى خىتاي ئارمىيەسى بىلەن چېتىشلىقى بولغان بىر خىتاي پۇقراسى بىلەن ئىككى فىلىپپىنلىق شېرىكىنى جاسۇسلۇق گۇماندارى دەپ قولغا ئالغان. ئۇلار فىلىپپىننىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئورنىنى سىزىپ، خىتايغا تەمىنلەپ بەرگەن.
فىلىپپىن دۆلەتلىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (NBI) ئېلان قىلغان ئاخباراتتا دېيىلىشىچە، ساقچىلار مەزكۇر جاسۇسلارنىڭ ماشىنىسىغا مەخپىي ھالدا يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (GPS) ئورنىتىپ ۋە نازارەت قىلىپ كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇلار فىلىپپىندىكى ھەربىي گازارما، ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئايروپورت، دېڭىز پورتى، يەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى، ھەتتا سودا مەركەزلىرى ئەتراپىدا ئايلىنىپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ تەپسىلاتىنى 3D لىق سۈرەت يوللاش تېخنىكىسى ئارقىلىق خىتايغا يوللىغان. فىلىپپىن بىخەتەرلىك خادىملىرى بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەربىي نىشان ياكى ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون) لارنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئۈچۈن مۇھىم ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورنى، كۆلىمى، قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىگىلىشى ئەندىشە ياراتقان. چۈنكى ئۇلار ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىلەرنى يىراقتىن كونترول قىلغىلى بولىدىكەن ھەم توپلىغان ئۇچۇرلارنى خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى جاسۇسلۇق ئورگانلىرىغا يوللىغىلى بولىدىكەن. ئەگەر خىتاي ئارمىيەسى ئۇ ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈرۈۋالسا، مەزكۇر نىشانلارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە راكېتالارنى قويۇپ بېرەلەيدىكەن.