خىتاينىڭ تېڭشۈن قاتارلىق داڭلىق شىركەتلىرى پاي چېكى بازىرىدا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «سولچىل ئىنقىلاپ» قوزغاپ، خۇسۇسىي كارخانىلار ۋە شىركەتلەرگە زەربە بېرىشى نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ تېڭشۈن، ئەلى بابا، مېيتۇەن قاتارلىق داڭلىق ئۇچۇر-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ پايلىرى پاي چېكى بازىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىلىپ، بىر كۈننىڭ ئىچىدە نەچچە يۈز مىليارد دوللار بايلىقى توزۇپ كەتكەن.

CNN خوڭ كوڭ شۆبىسى «پۇل-مۇئامىلە» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى (27-ئىيۇل) مېيتۇەن شىركىتىنىڭ خوڭ كوڭ پاي چېكى بازىرىدىكى پاي چېكى 17. 7 پىرسەنت چۈشۈپ، دۈشەنبە كۈنىدىكىدىن 14 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن، بۇ مەزكۇر شىركەتنىڭ پاي چېكى بازىرىغا كىرگەندىن بۇيان ئۇچرىغان ئەڭ ئېغىر زىيىنى ئىكەن. تېڭشۈن شىركىتىنىڭ پاي چېكى 9 پىرسەنت چۈشكەن بولۇپ، ئون يىلدىن بۇيان ئەڭ ئېغىر زىيان تارتقان كۈنى ھېسابلىنىدىكەن. ئەلى بابا شىركىتىمۇ دۈشەنبە كۈنى خوڭ كوڭ پاي چېكى بازىرىدا زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، پاي چېكى 6. 4 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ، تېڭشۈن، ئەلى بابا، مېيتۇەننىڭ 48 سائەت ئىچىدە يوقاتقان جەمئىي بايلىقى 237 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ بىر قانچە ئايدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇچۇر-تېخنىكا شىركەتلىرى زىيانغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ، چەت ئەلدىكى پاي چېكى بازىرىغا كىرگەن خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكى چۈشۈپ كېتىپ، 1 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق زىيان تارتقان، بۇ كىشىنى چۆچىتىدىغان ئەھۋال ئىكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سولچىل، تەتۈر سىياسىتىدىن كۆرۈشكە بولىدىكەن؛ چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان دۆلەت كارخانىلىرىنى قوللاپ، خۇسۇسىي كارخانىلارنى تىزگىنلەش، خۇسۇسىي كارخانىلارنى شىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىغا ياردەم قىلىش سىياسىتى قوللىنىۋاتقان بولغاچقا، بۇ ۋەزىيەتتە تېڭشۈەن، ئەلى باباغا ئوخشاش خۇسۇسىي كارخانىلارغا بولغان ئىشەنچ تۆۋەنلەپ، پايچىكلارنىڭ بۇ شىركەتلەرنىڭ پايلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، خوڭكوڭ خېڭشېڭ پاي چېكى ئىندېكسىدا بۇ ئىككى ھەپتە ئېغىر تۆۋەنلەش كۆرۈلگەندىن كېيىن، خوڭكوڭ دوللىرىنىڭ قىممىتىمۇ بۇ يىل 4-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان. خېڭ شېڭ ئىندېكسى بۇ ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، سەيشەنبە كۈنىلا 8 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن، بۇ ئايدا بولسا 13 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن، بۇ 2011-يىل 9-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ئالامەت ئىكەن.