ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى «ساقچى پونكىتلىرى»غا ھۇشيار بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.11.18

رۇيترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي (Cristopher Wray) 17-نويابىر كۈنى پارلامېنت ئەزالىرىغا قىلغان سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا شەھەرلىرىدە قانۇنسىز ‹ساقچى پونكىتى› قۇرۇپ، ئامېرىكاغا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. مەن بۇ پونكىتلارنى بىلىمەن ۋە ئۇلارغا كۈچلۈك دىققەت قىلىۋاتىمەن. ئەمما ماڭا كۆرە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ دۇكان ئېچىشقا ئۇرۇنۇشى كىشىنى تولىمۇ غەزەپلەندۈرىدۇ، بۇ قىلمىشلار ئەدلىيە ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى» دېگەن. خىتاينىڭ ۋاشىنگىتوندىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ توغرىلىق ھېچقانداق باھا بەرمىگەن.

ياۋروپادىكى «قوغدىغۇچىلار» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 9-ئايدا دوكلات ئېلان قىلىپ، نيۇ-يورك قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئون نەچچە شەھەردە خىتاينىڭ «ساقچى مۇلازىمەت پونكىتى» بارلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ پونكىتلار چەت ئەلدىكى بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى ياكى ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىدىكەن؛ شۇنداقلا  خىتاينىڭ تەسىر كۈچى ۋە تەشۋىقاتىنى چەت ئەللەرگە تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان خىتاي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئىشلىرىغا ماسلىشىدىكەن. كرىستوفېر  ۋراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭغا قارشى كىشىلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈش، ئۇلارنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇلارغا قارا چاپلاش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى ئەيبلىگەن.

بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئامېرىكا يەتتە خىتاي پۇقراسىنىڭ بىر ئامېرىكا پۇقراسى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى نازارەت قىلغانلىقى ۋە پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسىنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنغان. خىتاي ھۆكۈمىنىڭ ئامېرىكادا ئادەم تۇتۇشقا ئۇرۇنۇشى، ئامېرىكا قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن «تۈلكە ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.