خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقچى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەبىھ قىلمىشنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 13-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش لازىم» دەپ كۆرسەتكەن. مەزكۇر ئىستراتېگىيەنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ئىزچىل «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك» بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرىسىدە شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىگەن سۆزىنى ئۆگىنىش ئىيۇل ئېيىدا قانات يايدۇرۇلماقچى بولغان «پارتىيە ئىستىلىنى پاكلاش» تەشۋىقات ئېيىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى سۈپىتىدە تۇرپان، خوتەن قاتارلىق جايلاردا «پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان» دېگەن ئەيىب بىلەن بىر تۈركۈم رەھبىرىي كادىرلار «غۇلىتىلغان». ئۇلارنىڭ غۇلاش ئەھۋالى بولسا شۇ جايلاردا ھەرقايسى پارتىيەلىك كادىرلارغا قويۇپ بېرىلگەن «ساقچى ئىبرەت فىلىملىرى» دە «ئېتىقادىنى يوقاتقان كادىرلار»، «ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن چىۋىنلار» دېگەندەك ناملاردا بايان قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلىرى ھەمدە ئۇنى «چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش» توغرىسىدىكى داۋراڭلىرىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلار «نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ قاتتىق يۆنۈلۈشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى» دېدى. مۇستەقىل ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتاي كومپارتىيەسى تارىختىن بۇيان ‹ئىستىل تۈزىتىش› نامىدا پارتىيەنىڭ دۈشمەنلىرىنى غۇلىتىپ كەلگەن. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى ‹تەربىيەلەپ چىققان› ئۇيغۇر كوممۇنىست رەھبەرلەرنى يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشمەكتە» دېدى.