مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى مەرھۇم ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك باھا بەردى

ئاۋسترالىيەدىكى جامائەت ئەربابى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ۋاپاتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا چۆمدۈردى. بىر قانچە كۈندىن بېرى مەرھۇمنىڭ دوست ۋە سەپداشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەزىيەنامە ۋە ئەسلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك باھا بەردى.

ئاۋسترالىيەدىكى جامائەت ئەربابى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ۋاپاتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا چۆمدۈردى. بىر قانچە كۈندىن بېرى مەرھۇمنىڭ دوست ۋە سەپداشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەزىيەنامە ۋە ئەسلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك باھا بەردى.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مەشھۇر ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ زاماندىشى ۋە قەدىناس دوستى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ يۇتۇب قانىلىدا «تاڭ ئالدىدىكى ئۆلۈم، تاڭ ئالدىدىكى ھەسرەت» نامىدا تەزىيەنامە ئېلان قىلدى. ئۇ تەزىيەنامىسىدە، مەرھۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر شائىرلىرىغا ئوخشاش «تاڭ يورۇقى»، «تاڭ سەھەر» تېمىلىرىدا شېئىر يېزىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي ئازادلىققا ۋە ھۆرلۈككە تەشنالىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە، مەرھۇم ھاياتى بويى ئارزۇ قىلغان تاڭنىڭ يېقىنلاشقانلىقى، يەنى ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالىشىشقا باشلىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق غايىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن ئېنىق ئىشارەتلەر بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۇنىڭ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقانلىقىغا چوڭقۇر قايغۇسىنى بايان قىلدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ سابىق تەھرىرى دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئىلگىرى مەرھۇمنىڭ كۈرەش بىئوگرافىيەسى ھەققىدە 21 قىسىملىق تارىخ پىروگراممىسى ئىشلىگەن ئىدى. نەبىجان تۇرسۇن مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ھاياتىنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كۆزەتكەن، تەتقىق قىلغان بىر تارىخچى سۈپىتىدە، مەرھۇمنىڭ ھاياتىغا «بىر ئەسىرگە تەڭ ھايات، بىر ئەسىرگە تەڭ كۈرەش» دەپ باھا بەردى. ئۇ يەنە مەرھۇمنىڭ كۈرەشچان روھىغا قايىللىقىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەرھۇم بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ۋە ئىزچىل پىكىر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرغان، قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى جەريانىدا كۆپ قېتىم ھەمكارلاشقان مۇھاجىرەتتىكى غوللۇق بىر تەشكىلات سۈپىتىدە تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، مەرھۇمغا «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پېشقەدەم زىيالىيسى، پەخىرلىك ئوغلانى، مەشھۇر شائىر، سىياسىي پائالىيەتچى، ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز» دەپ باھا بەردى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەرھۇمنى مىللىي ئۇستاز دەپ ئاتاش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى، مىللىي ھەرىكەتتىكى ئەمەلىي قەدەملىرى، خىتايغا قارشى كۈرەشتە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئىزچىللىقىغا مەدھىيە ئوقۇدى.

مەرھۇمنىڭ 41 يىللىق ھاياتى ئاۋسترالىيەدە ئۆتكەن بولۇپ، ئاۋسترالىيەدىكى تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتى مەرھۇمنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان ئىدى. ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇيۇشۇشىدا ئۇنىڭ بەلگىلىك ئەجرى سىڭگەن ئىدى.

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەزىيەنامىسىدە مەرھۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى، تونۇلغان جامائەت ئەربابى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قارىتا چوڭقۇر قايغۇسىنى ئىپادىلىدى.

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى بولسا مەرھۇمنىڭ ئىجادىي ھاياتىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ «زىنداندىن ياڭرىغان ئوتلۇق سادالار»، «ھىجرەت ۋە ھىجران» قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئەسلىدى.

سالىھ خۇدايار ۋە مەمتىمىن ئەلا باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى مەرھۇمنىڭ بۇ سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرغۇچى جۇمھۇررەئىسى ئىكەنلىكى ۋە ۋەزىپىسىنى 10 يىل ئىجرا قىلغانلىقىنى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالدى ۋە ۋاپاتىغا قايغۇسىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەزىيەنامىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەرھۇم بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرجىمە-تەھرىر گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندا، ئۇلارنى قوللاش يۈزىسىدىن بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەقدىم قىلغان. يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئارىلىرىدىكى بۇ ھەمكارلىقنى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئەدەبىي تالانتى ۋە كۈرەش تەجرىبىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تەزىيەسىدە، مەرھۇمنىڭ ھارماس، يانماس كۈرەشچان روھىغا مەدھىيە ئوقۇدى ۋە ياش پائالىيەتچىلەرنى مەرھۇمنىڭ كۈرەشچان روھىنى ئۈلگە ئېلىشقا دەۋەت قىلدى.