خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىش مانىۋېرى ئۆتكۈزگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.04.12

خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدىكى ھەربىي مانىۋېرلىرى خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتىكەن.

CNN تورىنىڭ 11-ئاپرېل كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا «كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ دەل جايىدا زەربە بېرىش» مانىۋېرى ئېلىپ بارغان. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيبلىگەن ھەمدە «ئۇلارنىڭ ھەربىي مانىۋېرى ۋە قىلىۋاتقان گەپلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار گويا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ» دېگەن.

ئۆتكەن يىل 9-ئايدا ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى داۋىد كوھىن (David Cohen) شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە 2027-يىلدىن ئاۋۋال تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىشقا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى. ۋۇ جاۋشى تەيۋەننىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە قارشى پۇختا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي رەھبەرلىرى تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىشتىن ئاۋۋال ئويلىنىپ ئىش قىلىشى كېرەك. خىتاي مەيلى 2025-يىل ياكى 2027-يىلدىن ئاۋۋال ھۇجۇم قىلسۇن، تەيۋەن بۇنىڭغا پۇختا تەييارلىق قىلىشى كېرەك» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى بۇ قېتىم تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا كۈچ كۆرسىتىپ، كۈرەشچى ئايروپىلان قونىدىغان ئاۋىياماتكا بىلەن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش مەشىقى ئېلىپ بارغان بولۇپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سىنىقى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاينىڭ بۇ ھەربىي مانىۋېرى ئامېرىكادا 10 كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ئاۋام پالاتا رەئىسى كېۋىن مەككارتى بىلەن كۆرۈشۈپ ئىككىنچى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى «تەيۋەننىڭ تاشقىي كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇشى» غا قارشى تۇرىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاينىڭ بۇ ھەربىي مانىۋېرى يەنە فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروننىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ماكرون خىتايدىن قايتىش سەپىرىدە «تەيۋەننىڭ ئىشىغا ئارىلاشماسلىق» مەيدانىنى ئىپادىلىگەنىدى. ماكروننىڭ خىتايغا قانچىلىك ئىلھام ۋە مەدەت بەرگەنلىكى بۇ مانىۋېردا ئاشكارا كۆرۈلگەن.

ئۆتكەن يىل 8-ئايدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسى پېلوسى تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنمۇ خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بارغانىدى.

ئامېرىكا رەھبەرلىرى بىلەن تەيۋەن رەھبەرلىرىنىڭ داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرۇشى خىتاينىڭ تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، تەيۋەنمۇ بۇنىڭغا بەدەل تۆلەشكە ھازىر ئىكەن. تەيۋەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشى بۇ ھەقتە CNN مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ كىمنى دوست تۇتۇشىنى، قانداق دوست تۇتۇشىنى ۋە دوستلىرىمىزنىڭ تەيۋەنگە قانداق ياردەم بېرىشىنى بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.