شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى تاجىكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلار داۋاملىق كۈچەيمەكتە. ئىقتىسادىي ئاجىز تاجىكىستان خىتاينىڭ ياردەملىرى ۋە سودا - ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاي تاجىكىستان ساقچى كۈچلىرىگە 150 مىڭ دوللار قىممىتىدە ياردەم كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تاجىكىستاننىڭ ئاسىيا - پلۇس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رامزان رەھىمزادە جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇچرىشىش خۇلاسىسى سۈپىتىدە تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئارىسىدا خىتاينىڭ تاجىكىستان ساقچى كۈچلىرىنىڭ قىشلىق ۋە يازلىق ئالاھىدە كىيىملىرى ئۈچۈن 940 مىڭ يۈەن، يەنى 150 مىڭ دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى كېلىشىمگە ئىمزا قويۇلغان.
ئۇچرىشىش جەريانىدا ئىككى تەرەپنىڭ تېررورىزم، ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىش مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.
تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار ،مىنىستىرى رامزان رەھىمزادە بۇنداق ئۇچرىشىشلارنىڭ ئىككى تەرەپ ئۈچۈن «پايدىلىق» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.