خىتاي تەھدىتىگە قارشى ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆپەيگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.05.09

گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا ھەربىي پاراخوت ۋە ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىشكە باشلىغان.

ياپونىيە «نىككىي ئاسىيا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىقى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياپونىيەگە قوشۇلۇپ، ھىندى-تىنچ ئوكياندا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەرىكەت بولۇپ، ئۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۈنسايىن زورىيىۋاتقان خىتاي تەھدىتى ۋە ھەمدە رۇسىيەگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدىكەن.

خەۋەردە، «گېرمانىيەنىڭ بۇ قېتىم تىنچ ئوكيانغا تېخىمۇ كۆپ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئەۋەتىدىغانلىقى، ھەتتا تارىخ بويىچە ئاسىيا دىپلوماتىيەسىگە ئانچە قىزىقماي كەلگەن ئىسپانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقى» بايان قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيەنىڭ پاراخوت ئەترىتى ۋە تەمىنلەش پاراخوتى 7-ماي سەيشەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ ۋىلخېلمشاۋېن ۋە باشقا جايلىرىدىن تىنچ ئوكيانغا قاراپ يولغا چىققان، ئىتالىيەنىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتىمۇ تىنچ ئوكيانغا قاراپ يولغا چىققان.

يۇقىرىقى دۆلەتلەرگە ئائىت بۇ ھەربىي پاراخوتلار، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە ئامېرىكا باشچىلىقىدا ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلىدىكەن. مەزكۇر مانېۋىرنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

بۇ مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، بىرۇنېي، كانادا، چىلى، كولومبىيە، دانىيە، ئېكۋادور، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، ئىسرائىلىيە، ياپونىيە، مالايسىيا، مېكسىكا، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، پېرۇ، كورېيە، فىلىپپىن، سىنگاپور، سىرىلانكا، تايلاند، تونگا قاتارلىق 26 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 «نىككىي ئاسىيا» گېزىتى، ئىتالىيەنىڭمۇ بۇ مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھەر ئىككى يىلدا ھاۋاي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ ھەربىي مانېۋىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۇرۇشى مانېۋىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.