دانىيال رۇسسېل خىتاينى خوڭكوڭلۇقلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى دانىيال رۇسسېل ئالدىنقى كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا خوڭكوڭ خەلقىنىڭ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ئۆز ۋالىيسىنى سايلاپ چىقىشىنى قوللايدۇ، دېدى.

دانىيال رۇسسېل چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ «ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا چاقىرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغاندا قىلغان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك» دېگەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭلۇقلارغا نامزاتلارنى بەلگىلەپ بېرىش ئارقىلىق ئاللىقاچان ئۆزى قول قويغان بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

رۇسسېلنىڭ سۆزىگە بۈگۈن خىتاي دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ رۇسسېلغا قايتۇرغان جاۋابىدا، خوڭكوڭنىڭ جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە ئامېرىكىنى سۆزدە ۋە ھەرىكەتتە بىر بولۇپ، خوڭكوڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىش قىلىشقا چاقىرغان.