خىتاي يازغۇچى ياڭ جىشېڭنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ مۇكاپات ئېلىشىنى چەكلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-02-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدا 1958-دىن 1962 يىللارغىچە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق ۋەقەسىدە نەچچە مىليون كىشىنىڭ ئاچارچىلىق ۋە سىياسىي كۈرەشلەردە ئۆلگەنلىكى تېما قىلىنغان «قەبرە تېشى» ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى ياڭ جىشېڭنىڭ ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ «لۇيىس ليونس» مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىشى چەكلەندى.

ئەنگلىيە «گۋاردىيان» گېزىتىنىڭ 15-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى ياڭ جىشېڭ بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكىغا كېلىپ مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالماقچى بولغان. لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ مۇكاپات ئېلىشى چەكلەنگەن. ياڭ جىشېڭ مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلغان. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارغا جاۋاب قايتۇرمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياڭ جىشېڭ خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سابىق مۇخبىرى بولۇپ، ئۇ ئەينى يىللىرىدىكى تارىخىي ماتېرىياللار ۋە ئەمەلىي زىيارەتلەر ئاساسىدا يېزىپ چىققان دوكلات خاراكتېرلىك ئەسەر «قەبرە تېشى» ناملىق كىتابتا، خىتايدا 1958_ 1962 يىللىرى ئارىسىدا يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئاممىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچارچىلىق ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق ۋەقەسىنى «تەبىئىي ئاپەت» ۋە «سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز سۈيلىشى» سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دەپ ئېلان قىلىپ كەلگەن. لېكىن ئەينى يىللىرىدىكى ھاۋارايى كىلىماتى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋال ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردا بۇ يىللاردا خىتايدا زور كۆلەملىك تەبىئىي ئاپەت ۋە ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق يۈز بەرگەنلىكىگە ئائىت ئىسپاتلار تېپىلمىغان. ياڭ جىشېڭ كىتابىدا ئەينى يىللىرى خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» سىياسىتىنىڭ 36 مىليون كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئاچارچىلىق، قىيىن-قىستاق ۋە سۇيىقەست سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت