خىتايدا تەنقىدىي خەۋەرلەرنى ئىشلەش تېخىمۇ تەسلەشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدىي خەۋەرلەرنى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ تەستىقنى ئالماي تۇرۇپ ئېلان قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاي ئاخبارات، نەشرىيات باش مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا «ھەر قانداق خىتاي مۇخبىرنىڭ ئۆز خىزمەت ئورنىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ تەنقىدىي مەزمۇندىكى خەۋەرلەرنى ئىشلىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە دائىرىلەرنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشنى «قاقتى-سوقتى قىلىش، خاتا خەۋەر بېرىش ۋە پۇل ئېلىپ خەۋەر ئىشلەش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىر ۋە ئاخباراتقا قاراتقان چەكلىمىسى ئەزەلدىن قاتتىق ئىدى. ھالبۇكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل چەكلىمىلەر شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان.