ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىشىغا قارشى يەنە بىر تۈركۈم خىتاي شىركەتلىرىنى جازالىدى

ئامېرىكانىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى 16-دېكابىر «خىتاي ھەربىي تېببىي ئاكادېمىيەسى» نى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ يەنە بىر تۈركۈم بىئو ۋە كۆزىتىش تېخنولوگىيەسى شىركەتلىرىگە ھەم ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرىكىتى سەۋەبلىك ئېمبارگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى. چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىغا قارشى يۈرگۈزگەن ئەڭ يېڭى تەدبىرى ئىكەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن سودا مىنىستىرلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان قارارىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ئېمبارگو «خىتاي ھەربىي تېببىي ئاكادېمىيەسى» ۋە 11 تەتقىقات ئىنستىتۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بىئو-تېخنولوگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، بۇ تېخنولوگىيەنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

مالىيە ۋە سودا مىنىستىرلىقلىرىنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ ئورۇنلارغا رۇخسەتسىز تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىشىنى چەكلىگەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ بىئو-تېخنولوگىيە ۋە تېببىي كەشپىياتلارنى «ئۆز خەلقىنى كونترول قىلىش، ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى باستۇرۇشتا ئىشلەتكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى «مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭدىكى 12 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان پۇقرالارغا قارىتا بىئومېتىرىيەلىك يۈز تونۇش ۋە كەڭ كۆلەملىك گېن سىنىقى ئېلىپ بېرىش» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ DJI ناملىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ درون، يەنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركىتىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ياردەملىشىش بىلەن ئەيىبلەپ، «قارا تىزىملىك» كە ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.