ئۇيغۇر رايونىدا تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ يەرلىك خەلقنى خىتايلار بىلەن تەڭ «چاغان بايرىمى» ئۆتكۈزۈشكە كەڭ كۆلەملىك ئۇيۇشتۇرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە 2-قېتىم يەرلىك خەلقنى بۇ خىل پائالىيەتكە ئۇيۇشتۇرۇشىدۇر. دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ «تۇغقانچىلىق ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇرغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ پائالىيەتكە بىر مىليون كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇ قېتىم چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن تۆۋەنگە يەنە خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى چۈشۈرۈشكە باشلىغان. 2-تۈركۈمدىكى بۇ خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى يەرلىك خەلقلەرنى خىتايلار بىلەن تەڭ «چاغان بايرىمى» ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەش ئىكەن. ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار پۇقرالار رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرلىرىدا، دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن ئىدارە-جەمئىيەت خادىملىرىنى خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا يوللىغانلىقى، ئۇلارنىڭ چاغان ئاخىرلاشقۇچە شۇ جايدا تۇرۇپ، يەرلىك خەلقنى «چاغان بايرىمى» ئۆتكۈزۈشىگە تەشكىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلىپ بارغان «تۇغقانچىلىق ھەپتىلىكى» خەلقئىارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش، ئۇلارغا شەرق مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ خىل مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك چارىلەر نارازىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ كەلگەن. لېكىن خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر خىتاي پۇقرالىرىنى قىزىل قەغەزگە مەسنەۋى يېزىپ ئۇيغۇرلارغا تەقدىم قىلىش، ئۇيغۇرلار تەقدىم قىلىنغان مەسنەۋىلەرنى ئىشىك-دەرۋازىلىرىغا ئېسىش، «قوشماقلاشقان تۇغقانلار» چاغانلىق تائاملارنى تەييارلاپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرماقتا ئىكەن.