قەشقەردىكى ئالتە مىڭ كىشىلىك خىزمەت يەرمەنكىسىدە كىم ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ؟
2024.02.27
قەشقەر شەھىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ساھىبخانىلىقىدا 2024-يىللىق «باھار شامىلى ھەرىكىتى: خىزمەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» نامىدىكى چوڭ كۆلەملىك خىزمەت يەرمەنكىسى قەشقەر خەلق مەيدانىدا ئېچىلغان ھەمدە ئالتە مىڭ كىشىلىك خىزمەت ئورنى بازارغا سېلىنغان.
«خىتاي تورى» نىڭ 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ خىزمەت يەرمەنكىسى ئىختىساسلىقلارنى قوللاپ، ئاممىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تېپىشىغا ۋە شىركەتلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىشچى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىزمەت يەرمەنكىسى يەرلىك ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.»
قەشقەر ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى لى لىنشيۇ بۇ يەرمەنكىگە جەمئىي 160 شىركەتنىڭ قاتناشقانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئالتە مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورنىنىڭ تەمىن ئېتىلگەنلىكىنى ماختىنىش ئىچىدە تىلغا ئالغان. ئەمما بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە كىمنىڭ ئىشقا ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەرمىگەن.
ھالبۇكى، يېقىنقى مەلۇماتلار خىتايدىكى ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كەلگەن خىتاي ياشلىرىغا بېرىلىدىغان كۆپلىگەن ئېتىبار چارىلىرى كۆپلىگەن خىتاي ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن خىزمەت ئىزدىشىگە تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرى بولسا 2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ 10% تىن كۆپرەكىنىڭ (ئىككى يېرىم مىليون ئادەم قېتىم) مەجبۇرىي يوسۇندا باشقا جايلارغا يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ پائالىيەت خىتاي يولغا قويغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش چوڭ پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇرلار سانائەتكە لازىملىق ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە پۈتۈن مەملىكەتكە مەجبۇرىي ئەۋەتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىڭلىغان ئۇيغۇر ئىختىساس ئىگىلىرى، جۈملىدىن ئالىي مەكتەپنى تاماملىغان ئوقۇغۇچىلار لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان. مۇشۇ خىل رېئاللىق بولسا بۇ قېتىمقى قەشقەر ئىختىساس ئىگىلىرى يەرمەنكىسىدە يەنىلا خىتايلارنىڭ ئاساسلىق قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارالماقتا.
مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتور ئادرىئان زېنز ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىنى «بۇ بىر تۈرلۈك كونترول قىلىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىستراتېگىيەسى بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن» دېگەن ئىدى.