ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى
2015.11.30
ياۋروپانى نىشانلاپ كۆچۈۋاتقان سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى تۈركىيە تەۋەلىكىدە توختىتىش مەقسىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى 29 - نويابىر كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆز - ئارا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىغا بىنائەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ يىل تۇركىيەنى ئۈچ مىليارد ياۋرو خىراجەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. تۈركىيە مۇشۇ پۇل ئارقىلىق تۈركىيە تەۋەلىكىدە تۇرۇۋاتقان ئىككى مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىك مۇساپىرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ، جۈملىدىن سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئۈچۈن ئەرەبچە مەكتەپلەرنى ئېچىش ۋە باشقا تەدبىرلەر ئارقىلىق بۇ مۇساپىرلارنى ياۋروپاغا بارماسلىققا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 2013 - يىلى ئىمزالانغان ئۆز - ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىدە «ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىن ياۋروپاغا كەلگەن، ئەمما پاناھلىق ئىلتىماس قىلىشقا شەرتى توشمايدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىنى تولۇق قايتۇرۇپ كەتسە، تۈركىيە پۇقرالىرى ياۋروپانىڭ شەنگەن ۋىزا رايونىغا ۋىزا ئىلتىماس قىلماستىن بېرىشقا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. يەكشەنبە كۈنىدىكى كېلىشىمدە مۇشۇ مەسىلە قايتىدىن تىلغا ئېلىنىپ، ئەگەر تۈركىيە ياۋروپادىكى پاناھلىق شەرتىگە چۈشمەيدىغان تۈركلەرنى قايتۇرۇپ كېتىش شەرتىنى ئادا قىلسا تۈركىيە پۇقرالىرى ۋىزىسىز ساياھەتنى 2016 - يىلى ئۆكتەبىردە باشلىسا بولىدۇ، دېيىلگەن.