لوندون يەھۇدىي مۇزېيخانىسىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئاڭلىتىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.01.24

24-يانۋار كۈنى لوندون شەھرىدىكى «لوندون يەھۇدىي مۇزېيخانىسى» دا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ كۈنكى پائالىيەتتە مۇراسىم ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس شامنى يېقىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئالاھىدە مېھمانلارنىڭ بىرى لوندوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە بېرىلگەن سۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەمدە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ مەلۇمات بەرگەن.

مۇراسىمغا ھەرقايسى سىياسىي رەھبەرلەر، پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى داڭلىق زاتلار، شۇنىڭدەك دىنىي زاتلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلغان. مۇراسىمدا ئەينى ۋاقىتتا ئالتە مىليون يەھۇدى قىرغىن قىلىنغان بولسا، بۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ھازىر يەنە بىر قېتىم ئ‍وتتۇرىغا چىققانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بولۇپمۇ مۇراسىمدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى» بىلەن باراۋەر تىلغا ئېلىنىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تەدرىجى ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغاندا، بۇنداق بىر زور تەسىرگە ئىگە پائالىيەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق تاشقىي دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلاردىكى يەھۇدى تەشكىلاتلىرى ئوخشىمىغان كۆلەمدە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىشلارنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.