ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەسلىلەرنىڭ 96 پىرسەنتىدە خىتاي تىلى مائارىپى ئومۇملىشىپ بولغان
2018.05.24
ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەسلىلەرنىڭ 96 پىرسەنتىدە خىتاي تىلى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بولۇنغانلىقى مەلۇم. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەسلى بالىلىرىنىڭ سانى 1 مىليون 370 مىڭ نەپەر بولۇپ، دائىرىلەر يەسلى بالىلىرىنى 3 يىل ئىچىدە خىتاي تىلىدا تەربىيەلەش سىياسىتىنى 96 پىرسەنتكە يەتكۈزگەن.
خىتاينىڭ «قوش تىل» يەسلىلىرىنى بۇنداق كۈچەپ ئومۇملاشتۇرۇشى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر كۈچلۈك دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئۇلار، خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىشنى ئاساس قىلىۋاتقان بۇ ئاتالمىش «قوش تىل» يەسلىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئىنگلىز تىلىدا تارقاتقان خەۋىرىدە، «قوش تىل» يەسلىلىرىدە ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ خىتاي تىلى ئۆگىنىپ، ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە تېخىمۇ ياخشى پۇرسەتلەرگە ئېرىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 2017-يىلى بېشىدا جەنۇبتىكى يېزىلاردا قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشىنى تېز سۈرئەت بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن جەنۇبتىكى يېزىلاردا يەنە يېڭىدىن 4387 «قوش تىل» يەسلىسى قۇرغان ئىدى.
خىتاي تىلى ئوقۇتۇشى ئاساس قىلىنغان بۇ «قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى» 2000-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، دائىرىلەر ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ ئاتالمىش «قوش تىل» مائارىپىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ، خىتاي تىلى مائارىپىنى تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلماقتا.