يۈننەندىكى «مەسچىت ۋەقەسى» دە نەچچە ئونلىغان تۇڭگانلار تۇتقۇن قىلىنغان
2019.01.01
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا دىنىي ئېتىقادنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. يېقىندا بۇ خىل باستۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى تۇڭگانلارغا تەدبىقلىنىۋاتقانلىقى زور دىققەت قوزغاشقا باشلىدى.
رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ 31-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يۈننەننىڭ ۋېيشەن ناھىيىسىدىكى ئۈچ مەسچىت شەنبە كۈنى بىرلا ۋاقىتتا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان. بۇنىڭدا «قانۇنسىز قۇرۇلۇش قىلىنغان شۇنداقلا مەسچىتلەردە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن» دېگەن باھانە بىلەن ساقچىلار مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلىماقچى بولغاندا جامائەت توپلىشىپ قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن.
رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شۇ جايدىكى كىشىلەردىن بىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ «ساقچىلار كىشىلەرنى مەسچىتتىن قوغلىماقچى بولغاندا كىشىلەر قولمۇ-قول گىرەلىشىپ سەپ تۈزگىنىچە ساقچىلارنى ئۆتكۈزمىدى. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۇلارنى بىر-بىرلەپ يىقىتىپ باغلاپ ماڭدى» دېگەن. شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا نەچچە ئونلىغان كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يەكشەنبە كەچقۇرۇن بۇ قېتىمقى «مەسچىت ۋەقەسى» جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئەمما ئالتە كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، يەنە شۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا يارىدار بولغان يەرلىك تۇڭگانلاردىن بىرنەچچەيلەننىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.
يەرلىك تۇڭگانلاردىن رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلار بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ھازىر قىزىل تېررورلۇقنىڭ ئۆزى بولۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ ھېچقانداق سۆز ئەركىنلىكىمىز يوق» دېگەن. ئامېرىكىدىكى تۇڭگان زىيالىيلىرىدىن سۇلايمان يىگۇ بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ مەسچىتلەرنىڭ ھەممىسىگە قىزىل بايراق ئېسىلغان، مەسچىتنىڭ تاملىرىغىمۇ كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقات تاختىلىرى ئورنىتىلغان. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا مۇشۇنداق تەقدىردىن خالاس بولالمىغان» دېگەن.