
1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن قىسقىغىنا بىر ئاي ئىچىدە بىر قاتار ھەربىي ۋە سىياسىي چارە –تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ دۆلەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ھەرەمباغ، لاڭشاڭ ھەم ئايرودرومغا توپلانغان ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەن قوراللىق كۈچلىرىنى يوقىتىش شۇنىڭدەك يەنە سۈيدۈڭ، كۈرە ۋە تەلكە قاتارلىق جايلاردا دۈشمەن كۈچلىرىنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى.
11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا غۇلجا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىر قىسىم پارتىزان ئەترەتلىرى يېڭىدىن قۇرۇلۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى پارتىزانلار باش قوماندانلىق شتابىنىڭ ئورتاق قوماندانلىقى بويىچە ئىش كۆردى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبرايىمى 2004-يىلى، ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ئەشۇ دەسلەپكى كۈنلەر ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلىپ، بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن غۇلجا خەلقى، جۈملىدىن پۈتۈن ئىلى خەلقىنىڭ تۇشمۇ-تۇشتىن قوزغىلىپ، ئىنقىلاب قوينىغا ئۆزىنى ئاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. پروگراممامىزنىڭ بۇ قىسمىدا 1944-يىلىنىڭ نويابىر ئايلىرىدا بولغان ۋەقەلەر ئەسلەپ ئۆتۈلىدۇ.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ تارىخى
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، جۈملىدىن قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ شەكىللەنگەن ۋە راۋاجلانغان مەنبەلىرىدىن بىرىدۇر. قازاقىستان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قارىمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلغىنىغا ساق 25 يىل توشتى. ئەمما، بۇ مەركەزنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى 1949-يىلىغا سۈرۈش مۇمكىن،
ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى 1986-يىلى رەسمىي ئىنستىتۇت بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشى بىلەن مەزكۇر ئىنستىتۇت ئۆز سالاھىيىتىنى يوقىتىپ، كىچىك بىر ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغان. ھازىر قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ تۆۋەنلەپ كەتكەن شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس. بۇ ھەقتە ئويغان مەلۇمات بېرىدۇ.
زىيا سەمەدىنىڭ "يىللار سىرى" ناملىق ئەسىرى (2)
زىيا سەمەدى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئېلىپ بارغان داغدۇغىلىق ئازادلىق كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تۇتۇش قىلىپ، "يىللار سىرى" ناملىق تۆت توملۇق رومانىنىڭ بىرىنچى كىتابىنى 1967-يىلى، ئىككىنچى كىتابىنى 1971-يىلى نەشر قىلدۇرىدۇ. ئۇ يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ روماننىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى كىتابلىرىنى 1989-يىلى قازاقىستان "يازغۇچى" نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. يازغۇچى "يىللار سىرى" نىڭ 1-ۋە 2-كىتابلىرىدا خوجا نىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى قۇمۇل خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى، بۇ قوزغىلاڭ ئوتلىرىنىڭ تېزدىن كېڭىيىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممىلا جايلىرىغا تۇتۇشۇپ، جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. روماننىڭ بۇ بەتلىرىدە سابىت داموللامنىڭ شېڭ شىسەينىڭ قولىغا چۈشكەندىن كېيىن دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر، بولۇپمۇ شېڭ شىسەي بىلەن سابىت داموللام ئارىسىدا بولغان سۆھبەتلەر بايان قىلىنىدۇ.