ئابدۇرېشىت سەلىموف: ھايات مۇساپەمدىكى ئەڭ بەختلىك كۈنلەر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ئۆتكەن (1)

0:00 / 0:00

سابىق شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ئوفىتسېرى ئابدۇرېشىت سەلىموفنىڭ ھايات خاتىرىسى: ئىنقىلاب قوينىغا قوشۇلۇش

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردە مۇرەككەپ سىياسىي مۇساپىلىرى، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دولقۇنلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، بولۇپمۇ 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر-جەڭچىلىرى ئارىسىدا ھازىر ھايات ياشاۋاتقانلار ناھايىتى ساناقلىقلا قالدى. 1955-1962-يىللىرى ئارىسىدا ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئورۇنلىشىپ قالغان مىڭلىغان سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ جەڭچى ۋە ئوفىتسېرلىرى، مەمۇرىي كادىرلىرى، مەدەنىي-مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلغانلار ئارىسىدا ھازىر بىشكەكتە ھايات ياشاۋاتقانلار پەقەت بىرقانچىلا ئادەمدۇر. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئاخىرقى ئوفىتسېرلىرىدىن بىرى ئابدۇرېشىت سەلىموفتۇر. ئابدۇرېشىت سەلىموف 1929-يىلى، قەشقەر قوغاندا تۇغۇلغان، 1931-يىلى، ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە مۇزداۋان ئارقىلىق غۇلجىغا چىقىپ، غۇلجىدا يەرلىشىپ قالغان. ئۇ غۇلجىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، 1948-يىلى مىللىي ئارمىيەگە ئەسكەر بولغان ۋە تاكى 1954-يىلىغىچە مىللىي ئارمىيە، يەنى 5-كورپۇسنىڭ مۇھەممەد ئىمىنوف كوماندىرلىقىدىكى 13-دېۋىزىيەسى تەركىبىدە ئىشلىگەن. ئۇ مىللىي ئارمىيەنىڭ تېببىي خادىمى ئىدى. ئۇ، 1954-يىلى، ھەربىي سەپتىن بوشىغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1959-يىلى، «مىللەتچىلىك» ۋە «ئوڭچىللىق» بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن بىرگە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىپ، قىرغىزىستاننىڭ فرۇنزې، يەنى ھازىرقى بىشكەك شەھىرىگە يەرلىشىپ قېلىپ، ھاياتىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى.

بۇ يىل ئۆزىنىڭ 90 يىللىقى ھاياتى مۇساپىسىنى خاتىرىلەۋاتقان ئابدۇرېشىت سەلىموف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ھايات مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىدە ئۆزىنىڭ 90 ياشلىق ھاياتىدىكى ئەڭ پەخىرلىك، ئەڭ بەختلىك ۋە ئەڭ شەرەپلىك مەزگىلىنىڭ 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئاشۇ مۇستەقىل، ئەركىن ھاياتتىن بەھرىمەن بولغانلىقى ۋە مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى بولغان ھەربىي ھاياتى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئابدۇرېشىت ئەپەندى 1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا 15 ياشتا بولۇپ، ئۇ غۇلجىدىكى گىمنازىيە ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇ، يېشىنىڭ كىچىك بولۇشىغا قارىماي، بۇ ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتناشقان. چۈنكى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى قىيىن بولۇپ، ئۇ دادىسى، بىر سىڭلىسى ۋە ھەدىسىدىن بالدۇرلا ئايرىلىپ قالغان، ئۇ بىر ياقتىن مەكتەپتە ئوقۇپ، بىر ياقتىن دادىسىغا ياردەملىشىپ ئائىلىسىنى قامدىغان. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىرى ئەشەددىي چوڭ مىللەتچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولۇپ، بۇ خىل زوراۋان سىياسەت ھەتتا مەكتەپلەرگىچە سىڭگەن. ئابدۇرېشىت سەلىموف ئىلگىرى ئەرك تېلېۋىزىيەسىگە ئۆز ھايات مۇساپىسى ھەققىدە بايان قىلغاندا بۇ نۇقتىلارنى تەكىتلىگەنىدى.

ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا، يەنى 1943-1944-يىللىرى غۇلجىدا مەخپىي تەشكىلاتلار قۇرۇلۇپ، قارشىلىقلار ۋە تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىلىشقا باشلاپ، خىتايلارنىڭ مۇستەبىت سىياسىتى ئەيىبلەنگەن ھەمدە خەلقنى قوزغىلىشقا چاقىرىلغانىدى. بولۇپمۇ تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان «شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلىنىڭ تەشۋىقات كۈچى زور بولدى

تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، 1944-يىلى، 4-ئايلاردا غۇلجىدا ئەلىخان تۆرە قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى 12 كىشىنىڭ يادرولۇقىدا «ئازادلىق» تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، تەشۋىقاتلار كۈچەيتىلگەن ھەمدە 9-ئايدا نىلقا تاغلىرىدا قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلىغانىدى.

1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قوزغىلاڭ پارتلاپ، 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدە پۈتۈن ئىلى ۋىلايىتىنى خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسىدىن تازىلىدى ۋە 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى بارلىق پارتىزان ئەترەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى، بارلىق ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ، ئىشقا كىرىشتۈردى شۇنىڭدەك ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىپ، پۈتۈن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ئازاد قىلدى. 1945-يىلى، 10-ئايدىن باشلاپ توختاپ قالغان بارلىق مەكتەپلەر قايتىدىن ئېچىلغاندا ئابدۇرېشىت سەلىموف مىللىي ئارمىيەگە قىشلىق، يازلىق كىيىم-كېچەك ۋە باشقىلارنى تىكىپ ياردەم كۆرسىتىش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قايتىدىن غۇلجا گىمنازىيەسىدىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى، 1948-يىلى، گىمنازىيەنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيەگە قاتنىشىپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ تېببىي خادىمى بولۇش ئۈچۈن ھەربىي تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇدى.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا خەلقنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، غۇلجىدا تېببىي مەكتەپ، يەنى فىلدىشىرلارنى تەربىيەلەش مەكتىپى ۋە باشقا تېببىي كۇرسلارنى ئېچىپ، تېببىي خادىملارنى تەربىيەلىگەن شۇنىڭدەك غۇلجا ۋە باشقا جايلاردا دوختۇرخانىلارنى، داۋالاش ئورۇنلىرىنى قۇرغانىدى. شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى باش ھەربىي گوسپىتالىمۇ مەخسۇس ھەربىي تېببىي خادىملار ۋە سېسترالارنى تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئاچقان بولۇپ، بۇنىڭدا ماخمۇت روزىباقىيېف، نىغمەت ئىنھامجانوف، شامىل، ھاكىم جاپپار قاتارلىق دوختۇرلار زور تۆھپە قوشقانىدى.

ئابدۇرېشىت ئەپەندى، 1948-يىلىنىڭ بېشىدا تېببىي كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ماناس ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتقان ساۋەن پولكىغا تەقسىم قىلىنىپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ تېببىي خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى.

شۇنى ئەسكەرتىش مۇمكىنكى، 1946-يىلى، 6-ئايدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى ئىمزالىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مىللىي ئارمىيە ئەسلىدىكى 40 مىڭ ئادەمدىن 12 مىڭغا ۋە 6 پولك، بىر دىۋىزىيونغا قىسقارتىلغانىدى. ئەمما، 1947-يىلى، 2-ئايدىن باشلاپ، خىتاي تەرەپنىڭ بىتىمنى بۇزۇپ، ئۆز تىنچلىق ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشى ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە قايتىدىن ئىككى تەرەپ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۆز قوشۇنلىرىنى كۆپەيتىپ، ماناس دەرياسى بويىدىكى بۇرۇنقى ئابورونلىرىغا قايتىپ كەلدى. ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى قوشۇنلار كۈچەيتىلدى. ئابدۇرېشىت سەلىموف ئەنە شۇ ئوتتۇرا يۆنىلىش قىسىملىرى تەركىبىدە بولغانىدى. ( داۋامى بار)..