ئابدۇرېشىت سەلىموف: ھايات مۇساپەمدىكى ئەڭ بەختلىك كۈنلەر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ئۆتكەن (2)

0:00 / 0:00

سابىق شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ئوفىتسېرى ئابدۇرېشىت سەلىموفنىڭ ھايات خاتىرىسى: مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرىدىن مۇساپىرلىق سەپىرىگىچە

بۇ يىل، 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە 75 يىل توشتى. نۆۋەتتە، بۇ ئىنقىلابقا ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ مىللىي ئارمىيەسىگە قاتناشقانلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز قالغان بولۇپ، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان 90 ياشلىق سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئابدۇرېشىت سەلىموفتۇر. ئابدۇرېشىت سەلىموف ئۆزىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا قاتنىشىش جەريانلىرى ۋە كېيىنكى ھايات مۇساپىلىرىنى ئەسلىدى. ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ 1948-يىلى، مىللىي ئارمىيە ھەربىي دوختۇرخانىسىدىكى ھەربىي تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەش كۇرسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 23-ئىيۇل كۈن مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە مىللىي ئارمىيەنىڭ مەركىزى فرونتىدىكى، يەنى ماناس دەرياسى بويىدىكى ساۋەن پولكىغا ئەۋەتىلىدۇ. بۇ چاغدا، بۇ پولكنىڭ كوماندىرى سوپاخۇن ئىدى. ئۇ، پولكتا سانىنسترۇكتور بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ساۋەن ۋە كېيىن كەڭساي پولكىنىڭ ئوپتىكىسىنى باشقۇرغان.

پولكقا باشتا سوپاخۇن سوۋۇروف، كېيىن خەمىت ئەلىيوف كوماندىر بولغان بولۇپ پولكتا تاتارلاردىن كۆپرەك ئوفىتسېر بولغان، چۈنكى ئۇلار ساۋاتلىق ئىدى، پولك كاتىپى سايىماناخۇن ئىبراھىم ئىدى.

1949-يىلى، ئۇلارنىڭ گازارمىسى ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجا ئوتتۇرىسىدىكى تاش يول بويىغا يېقىن جايدا بولدى. ئەينى ۋاقىتتا ساۋەن پولكىدا 1 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ئادەم بار بولۇپ، ساۋەن پولكىنىڭ سانچاستى، يەنى تېببىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تۇڭگان يەنشىنوف يەنپۇشى ئىسىملىك كىشى ئىدى. ئابدۇرېشىت سەلىموف ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىدى. پولك شتابى ئالاۋۇسۇننىڭ توپلۇ دېگەن جايىدا بولدى.

پولك ماناس دەرياسىغا يېقىن 5-6 كىلومېتىر نېرىدا تۇرغانىدى. بۇ پولك بىلەن بىرگە ماناس دەرياسى بويىنى مۇداپىئە قىلغان قوشۇن ئىچىدە يەنسىخەيدە تۇرۇشلۇق 2-ئازاد نىشانلىق پولكىمۇ بار ئىدى. 1949-يىلى، 11-ئايدا بۇ پولك قىسقارتىلىپ، ئازراق قىسمى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلىپ قالغانلىرى تارقىتىۋېتىلدى.

شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، 1946-يىلى، 6-ئايدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى ئىمزالىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مىللىي ئارمىيە ئەسلىدىكى 30 مىڭ ئادەمدىن 12 مىڭغا، يەنى 6 پولك، بىر دېۋىزىيونغا قىسقارتىلغانىدى. ئەمما، 1947-يىلى، 2-ئايدىن باشلاپ، خىتاي تەرەپنىڭ بىتىمنى بۇزۇپ، ئۆز تىنچلىق ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشى ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە قايتىدىن ئىككى تەرەپ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۆز قوشۇنلىرىنى كۆپەيتىپ، ماناس دەرياسى بويىدىكى بۇرۇنقى ئابورونلىرىغا قايتىپ كەلدى. ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى قوشۇنلار كۈچەيتىلىپ يېڭىدىن ساۋەن پولكى قۇرۇلغانىدى. مىللىي ئارمىيە ماناس دەرياسى لىنىيەسىگە ساۋەن پولكى، 2-ئازاد نىشانلىق پولك قاتارلىق قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇردى. ساۋەن پولكىغا باشتا مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف كوماندىر بولغان بولسا، 1948-يىلىغا كەلگەندە سوپاخۇن سوۋۇروف كوماندىرلىققا تەيىنلەندى، ئارقىدىن خەمىت ئەلىيوف كوماندىرلىققا تەيىنلەندى. ئابدۇرېشىت سەلىموف ئەنە شۇ ئوتتۇرا يۆنىلىش قىسىملىرى تەركىبىدە بولغانىدى.

ئابدۇرېشىت سەلىموفنىڭ ئەسلىشىچە، 1949-يىلى 10-ئايلاردا خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ساۋەن پولكىدا گۇرۇپپا-گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزۈلگەن. بىراق چوڭ نامايىش ۋە باشقا قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىلگىچە بۇ پولكى 1950-يىلىنىڭ كىرىشى بىلەن يەنسىخەيدىكى 2-پولكنىڭ ئورنىغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ساۋەن پولكىدىكى مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىگە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قازاغا ئۇچرىغانلىق خەۋىرى 1950-يىلى ئۇقتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار باشتا بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز قالغان ئىدى، كېيىن ھەممىسى بۇ ئېچىنىشلىق خەۋەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئازابلانغان. ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى قوماندانلىق شتابىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شۇنىڭدىن كېيىن ساۋەن پولكى كۈنەسكە يېقىن ئارالتۆبە دېگەن جايغا يۆتكىۋېتىلگەن ۋە كەڭساي پولكى دەپ ئاتالغان. بۇ ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيە ئاللىبۇرۇن خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسىغا ئۆزگەرتىلىپ، 13-ۋە 14-دېۋىزىيەدىن ئىبارەت ئىككى دېۋىزىيەگە ئايرىلغان، 13-دېۋىزىيە قەشقەرگە ئورۇنلىشىپ، ئۇنىڭ 3 پولكى قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەنلەرگە جايلاشتۇرۇلگانىدى.

ساۋەن پولكى كەڭساي پولكى نامىدا بۇ يەردە بىر يىل تۇرغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىر قىسمى 1951-يىلى، ئاقسۇ كوناشەھەرگە چۈشۈرۈلدى. ئابدۇرېشىت سەلىموفنىڭ ئېيتىشىچە، مۇزداۋاندىن ئۆتكىچە ئۇلارنىڭ ئاتلىرىدىن 400 دىن ئارتۇق ئات ئۆلدى ۋە ئۇلار قىيىنچىلىقتا مۇزداۋاندىن ئۆتۈپ، ئاقسۇ كوناشەھەردىكى 5-كورپۇس، 13-دېۋىزىيەسىنىڭ 37-ئاتلىق پولكىغا قوشۇلدى. ئۇلار بۇ يەردە 3 يىل تۇرغاندىن كېيىن، 1953-يىلى، 37-پولكنىڭ ئەسكەرلىرى تارقىتىۋېتىلگەندە ئاقسۇدىكى 37-پولكمۇ تارقىتىلىپ، ئەسكەرلەر ئۆيلىرىگە قايتتى. ئەمما ئوفىتسېرلار قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنىپ، 38-پولكقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئابدۇرېشىت سەلىموف ئۇ پولكنىڭ ئاپتېكىسىدا ئىشلىدى، 1954-يىلى يازدا، ئوفىتسېرلارنىڭ بىر قىسمىنى يىغىپ ئۆگىنىشكە سالدى، ئۆگىنىش 3-4 ئاي داۋاملاشتى. 1954-يىلى ئاخىرى خىتاي ھۆكۈمىتى 5-كورپۇس، يەنى مىللىي ئارمىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرلىرىنى پۈتۈنلەي ھەربىي سەپتىن چېكىندۈردى. ئابدۇرېشىت سەلىموف 1955-يىلى 8-ئايغىچە قەشقەردىكى ئەنجان رەستىسىدىكى دورىخانىدا ئىشلىگەندىن كېيىن، 1955-يىنىڭ ئاخىرىدا شىمالدىن كەلگەنلەر قايتىسىلەر دېگەن بۇيرۇق بويىچە شىمالغا قايتتى ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك بيۇرو كادىرلار ئىدارىسى تەرىپىدىن چۆچەككە ئەۋەتىلدى، ئۇ، چۆچەككە بارغاندىن كېيىن چاغانتوقاي ناھىيەسىگە بېرىپ دورىخانىدا ئىشلىدى.

تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1954-يىلى سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى، يېنى 1949-يىلى 12-ئايدىن كېيىنكى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 5-كورپۇسىنىڭ 15 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرى ھەربىيلىكتىن چېكىندۈرۈلۈپ، پۇقراغا ئايلاندۇرۇلدى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بولسا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە قاتناشتۇرۇلدى.

نەتىجىدە، 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي مۇنتىزىم ئارمىيە سۈپىتىدە قۇرۇلغان مەزكۇر قوشۇن ئىلگىرى-كېيىن 3 فرونت بويىچە جەڭ قىلىپ، خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسىنى تارمار قىلىپ، تاكى 1949-يىلىغىچە خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۇرۇش ئارقىلىق گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ قوشۇنلىرىنى ئىچكىرى خىتايدىكى كومپارتىيە قوشۇنلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا يۆتكىيەلمەيدىغان ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىلگىرى-كېيىن 9 يىل مەۋجۇت بولغاندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

مىللىي ئارمىيە، يەنى 5-كورپۇسنىڭ تېببىي ئىشلار ساھەسىدىكى ئوفىتسېرلىرىدىن بىرى ئابدۇرېشىت سەلىموف ھەربىي سەپتىن بوشاپ، 1956-يىلى ئۈرۈمچىدىكى تېببىي ئىنستىتۇتقا كىرىپ ئوقۇدى ۋە 1957-يىلى ئېچىلىپ سايراشتا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھوقۇقلىرى ھەققىدە سۆزلىگەن دەپ قاراپ «ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى ئۇنسۇر» دەپ 3 كۈن كۈرەش قىلىندى.

ئارقىدىن ئۇ 1958-يىلى پولات تاۋلاشقان قاتناشتۇرۇلدى. بۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇشلار توختىغان بولۇپ، ھەممە ئادەم چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش چاقىرىقى بويىچە پولات تاۋلاشقا قاتناشتۇرۇلغانىدى. ئۈرۈمچى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، جۈملىدىن تېببىي ئىنستىتۇت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىمۇ پولات تاۋلاشقا قاتناشتۇرۇلغانىدى. ئارقىدىن ئۈرۈمچىدە نەنسەندىن شەھەر ئىچىگىچە بولغان «ياشلار ئۆستىڭى» نامىدا 30 نەچچە كىلومېتىرلىق قانال قېزىلغان بولۇپ، بۇ ئىشقا پۈتۈن ئۈرۈمچىدىكى ياشلار، جۈملىدىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەپەرۋەرلىك قىلىندى. ئابدۇرېشىت سەلىموف مانا بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئېغىر زەخىملىنىپ، ئوپېراتسىيە قىلىندى. ئابدۇرېشىت سەلىموف بۇ جەرياندا «يەرلىك مىللەتچى» ۋە «ئوڭچى ئۇنسۇر» دېگەن نام بىلەن دائىم كۈرەش قىلىش ئوبيېكتى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ مىللىي ئارمىيەگە ئەسكەر بولغانلىقى، يەنى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقانلىقى، ئۇنىڭ ئەيىبلەشكە ئۇچرىشىدىكى ئامىللاردىن بىرى بولۇپ قالغانىدى.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان «ئۈچكە قارشى»، «بەشكە قارشى»، «يەر ئىسلاھاتى»، «ئىجارە كېمەيتىش»، «يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش» دېگەندەك تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن كۆپلىگەن سابىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى قاتناشقۇچىلىرى، مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى دائىم تەنقىد، كۈرەش قىلىش، بېسىم قىلىش، ھەتتا باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن 1955-يىلىدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىشكە باشلىغانىدى. ئابدۇرېشىت سەلىموف ئەپەندىمۇ ئاكىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرگە 1959-يىلى، ئۈرۈمچىدىكى تېببىي ئىنستىتۇتتا ئوقۇۋاتقاندا، رۇخسەت ئېلىپ غۇلجىغا قايتىپ بېرىپ غۇلجىدىن سوۋېت پاسپورتى ئېلىپ، ئاخىرى ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ، قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىگە كېلىپ ماكانلاشقان. ئۇ، ئەنە شۇ 1959-يىلىدىن ھازىرغىچە بۇرۇنقى فرۇنزې، يەنى ھازىرقى بىشكەك شەھىرىدە ياشىماقتا. كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئاممىسى، جۈملىدىن 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كوللېكتىپ ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كېتىش ۋەقەسى 1962-يىل يۈز بەرگەنىدى.