ئالمۇتادا ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىر يۈرۈش ئۇيغۇر تارىخى ئەسەرلىرى يورۇق كۆردى
2018.04.05

يېقىندا ئالمۇتادىكى «مىر» نەشرىيات تەرىپىدىن «كۈللىياتى خۇشھال غېرىبى»، «تارىخىي مەنبەلەردىكى مەركىزىي ئاسىيا تارىخىنىڭ ئىمپېرىيەلىك دەۋرى (18-ئەسىر - 20-ئەسىرنىڭ بېشى)» ۋە «قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە شەرقىي تۈركىستان مەنبەلىرى (18-ئەسىر - 20-ئەسىرنىڭ بېشى)» ناملىق كىتابلار يورۇق كۆردى. مەزكۇر ئىلمىي ئەسەرلەر قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلىم-پەن كومىتېتى ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئالىملىرى تەرىپىدىن تەييارلاندى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ئەينى ۋاقىتتا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى قارمىقىدا 1986-يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەركەزنى 1996-يىلدىن 2007-يىلغىچە ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ دوكتور نامزاتى كوممۇنار تالىپوف، ئاندىن ئۇنى ھازىرغىچە تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور رىسالەت كەرىموۋا باشقۇرماقتا.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەھەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر مەركەز ئالىملىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ ھەر خىل مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان بىر قاتار ئىلمىي ئەمگەكلەر نەشر قىلىنغان. بۇ ئەمگەكلەردە مەركىزىي ئاسىيا، قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، ئېتنومەدەنىيەت، سىياسىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى يورۇتۇلغان. ئۇ «كۈللىياتى خۇشھال غېرىبى» ناملىق ئەمگەكتە 19-ئەسىردە ياشاپ ئىجات ئەتكەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كلاسسىك شائىرى، مەرىپەتپەرۋەر ئالىم خۇشھال غېرىبىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىنىڭ يورۇتۇلغانلىقىنى، ئەدىب غەزەللىرى، رۇبائىيلىرىنىڭ، چىستانلىرى ۋە باشقىمۇ شېئىرىي ئەسەرلىرىنىڭ قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغانلىقىنى، ئەمگەكنىڭ تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدىكى تارىخىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم مەنبە بولۇپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە بۇ ئەمگەكنىڭ ئۆزبېكىستانلىق ئالىم، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئامانبەك ژەلىلوف بىلەن ھەمكارلىقتا نەشر قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئابلەھەت كامالوف «تارىخىي مەنبەلەردىكى مەركىزىي ئاسىيا تارىخىنىڭ ئىمپېرىيەلىك دەۋرى (18-ئەسىر - 20-ئەسىرنىڭ بېشى)» دېگەن كىتابنىڭ ئىلمىي يېڭىلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئەمگەك شۇ ماۋزۇدا ئۆتكەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاساسىدا نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئورۇن ئالغان شەرقشۇناس ئالىملارنىڭ ماقالىلىرى مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە مەنبەلەرنىڭ تەكشۈرۈشكە بېغىشلانغان. بۇ مەنبەلەر ئاساسىي جەھەتتىن 18-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ بېشىغا تەئەللۇق بولۇپ، بۇ دەۋردە مەركىزىي ئاسىيا رايونى رۇسىيە ۋە خىتاي ئىمپېرىيەلىرىنىڭ قول ئاستىدا بولغان ئىدى. ئەمگەكتە ئومۇمەن نەزەرىيەۋى مەسىلىلەر قارالغان. شۇ ۋاقىتتا موزھۇت بولغان ئىمپېرىيەلەرنىڭ سىياسىي ئەھۋالىغا چۈشەنچە بېرىلىپ، شۇ ۋاقىتتا ھەم شۇ مەركىزىي ئاسىيادا پەيدا بولغان مەنبەلەرنىڭ تىل، ئەدەبىيات، تارىخ، مەدەنىيەت، يازما ۋە ماددىي جەھەتلەردىكى مەسىلىلىرى قارىلىدۇ. تەتقىقاتچىلار بۇ مەسىلىلەرنى يورۇتۇش ئارقىلىق مەركىزىي ئاسىيا ئوخشاش چوڭ بىر رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ئەتراپتا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە ۋە جەريانلارغا بولغان كۆزقاراشلىرىنى، ئومۇمەن بۇ رايوندىكى ۋەزىيەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».
ئابلەھەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار ئۆز تەتقىقاتلىرىدا قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر دىيارى تېررىتورىيەلىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى دائىم مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى بىلەن زىچ باغلىنىشتا تەكشۈرۈپ كەلگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان نۆۋەتتىكى «قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە شەرقىي تۈركىستان مەنبەلىرى (18-ئەسىر - 20-ئەسىرنىڭ بېشى)» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمۇ شۇ ئىكەن. ئابلەھەت كامالوف بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ ئىلمىي ئەسەردە ئۆز ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن ئەرەب يېزىقىدىكى كونا ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدىكى قوليازمىلار تەتقىق قىلىنىدۇ. بۇ يەردە شۇنداقلا بەزى يادىكارلىقلار ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىمۇ مەنبە سۈپىتىدە قارالغان. مۇشۇ كۈنگىچە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تەكشۈرۈلمىگەن ھەم ئىلمىي ئوبيېكت سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنمىغان. بۇ ئىلمىي ئەسەر تارىخ، شەرقشۇناسلىق، فىلولوگىيە، مەدەنىيەتشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەر مۇتەخەسسىسلىرىگە، شۇنداقلا قازاقىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان تارىخى بىلەن قىزىققۇچىلارغا مۆلچەرلەنگەن»
ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى گۈلنارە ئاۋۇتوۋانىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىر رۇسىيەنىڭ سانكت-پېتېربۇرگ، تاجىكىستاننىڭ دۈشەنبە، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھەرلىرىدىكى كۇتۇپخانىلاردا تېخى تەتقىق قىلىنمىغان مەنبەلەر كۆپ ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت ماتېرىياللارنى تېپىش مۇمكىن ئىكەن. ئۇ قازاقىستانلىق ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ بۇ يۆنىلىشتە ئاكتىپ ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ئالىملىرى تەرىپىدىن كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى بىزگە ياخشى مەلۇم. مەن ئۆزۈم شۇ مەركەزدە ئىشلەپ يۈرگەن چاغلىرىمدا كۆپلىگەن ئىلمىي لايىھىلەرگە قاتنىشىپ، شۇ لايىھىلەرنىڭ نەتىجىلىرىنى كوللېكتىپ مونوگرافىيە سۈپىتىدە نەشر قىلغان ئىدۇق. ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقۇلغان دوكلاتلارمۇ ئايرىم توپلام بولۇپ نەشر قىلىندى. يېقىندا يورۇق كۆرگەن ‹تارىخىي مەنبەلەردىكى مەركىزىي ئاسىيا تارىخىنىڭ ئىمپېرىيەلىك دەۋرى› ناملىق ئەمگەك شۇنىڭ بىر دەلىلى دەپ ئويلايمەن. ئەمدى ‹قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە شەرقىي تۈركىستان مەنبەلىرى (18-ئەسىر- 20-ئەسىرنىڭ بېشى)› ناملىق كىتابتا ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ خادىملىرى تارىخچىلار رىسالەت كەرىموۋا، ئابلەھەت كامالوف، زۇلفىيە كەرىموۋا، ئىقتىسادشۇناس گۈلجاھان ھاجىيېۋا، فىلولوگلار خالمىنەم مەسىموۋانىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان. بۇ كىتابتا شەرقىي تۈركىستان تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى، مەدەنىيىتى بويىچە قىزىقارلىق ماتېرىياللارنى تېپىشقا بولىدۇ».
گۈلنارە ئاۋۇتوۋا قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىرىنىڭ كېلەچەكتە باشقىمۇ مەملىكەتلەردىكى ئالىملار بىلەن ھەمكارلىشىپ، تېخى تەتقىقات ئوبيېكتى بولۇپ ئۈلگۈرمىگەن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ يەنە پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن چوڭ بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.