ئالمۇتادا «قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە شەرقىي تۈركىستان مەنبەلىرى» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتتى
2017.10.15

12-ئۆكتەبىردە ئالمۇتادىكى پەلسەپە ئىنستىتۇتىنىڭ مەجلىس زالىدا «قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە شەرقىي تۈركىستان مەنبەلىرى (19-ۋە 20-ئەسىرلەر)» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر يىغىن ئىنستىتۇت تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور رىسالەت كەرىموۋانىڭ ئىلمىي پائالىيىتىگە بېغىشلاندى. ئۇنىڭغا ئالىملار، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى.
يىغىننىڭ تەنتەنىلىك قىسمىنى ئاچقان سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ئەبساتتار دېربىسالى رىسالەت كەرىموۋانىڭ قازاقىستان ئىلىم-پەنىگە قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭ شەرقشۇناسلىق، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئىش-پائالىيەتلىرىنى، ئىنسانىي خىسلەتلىرىنى كۆرسەتتى. ئە. دېربىسالى ر. كەرىموۋانىڭ 30 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ھاياتىنىڭ قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن زىچ باغلىنىشتا بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ يۈزدىن ئوشۇق ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىنىڭ يۇقىرى باھالىنىپ، «قازاقىستان پېنىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن» ھۆرمەتلىك بەلگىسى، شۇنىڭدەك كۆپلىگەن پەخرىي گۇۋاھنامىلەر بىلەن تەقدىرلەنگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئىنستىتۇت مۇدىرى ر. كەرىموۋانىڭ پېداگوگىكىلىق ساھەسىدىكى، يەنى ياش ئىلمىي كادىرلارنى تەربىيىلەشتىكى ئەمگىكىنىمۇ يۇقىرى باھالىدى ۋە كوللېكتىپ نامىدىن ئۇنىڭ 65 ياشلىق تەۋەللۇدىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
ئاندىن شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەھەت كامالوف «رىسالەت كەرىموۋانىڭ ئىلمىي پائالىيىتى ھەققىدە» ماۋزۇسىدا دوكلات قىلدى. تەبرىك سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرىي، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شەمشىدىن ئايۇپوف، «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى ۋەكىلى نادىرەم ئۆمەروۋا، شۇنداقلا «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى ر. كەرىموۋانىڭ ئىلمىي پائالىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخچى دوكتور ئابلەھەت كامالوف ر. كەرىموۋانىڭ ئىلمىي پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «رىسالەت كەرىموۋانىڭ ئىلمىي پائالىيىتىنى ئىككى يۆنىلىشتە ئاتاپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. بىرىنچىدىن، ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتكۈل نامزاتلىق ئىلمىي ئىشىنى يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەمەلىي سەنئىتىنى يورۇتۇشقا بېغىشلىغان بولسا، ئىككىنچىدىن، دوكتورلۇق ئىلمىي ئىشىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوتتۇرا ئەسىر شەھەرلىرىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىدى. رىسالەت كەرىموۋا ھەم ئېتنوگرافىيە ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان پەيتىدىمۇ، ھەم ئوتتۇرا ئەسىر تارىخ ئىلمى ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدىمۇ ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، چۈنكى پەقەت مۇشۇ ئېكىسپېدىتسىيەلەر ئارقىلىق كۆپلىگەن زۆرۈر ماتېرىياللارنى توپلاشقا بولىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشەندى. ئۇ ئۆز ئىلمىي پائالىيىتىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدا، يەنى يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەمەلىي سەنئىتى بويىچە ئىشلەۋاتقان پەيتىدە قازاقىستان ۋە پەرغانە ۋادىسىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئارىلىغان ئىدى. كېيىن بولسا، يەنى ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى بويىچە ماتېرىيال توپلىغان ۋاقتىدا 1998 ۋە 2007-يىللىرى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئۇيۇشتۇرغان ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەسىنى باشقۇردى. ئۇ شۇنداقلا ‹مەدەنىي مىراس› دۆلەت پروگراممىسى بويىچە 2007-يىلى ۋېنگىرىيەگە بولغان ئېتنوگرافىيىلىك ئېكىسپېدىتسىيەگە قاتناشتى.»
ئا. كامالوف كېيىنكى ئون يىلنىڭ ئىچىدە، يەنى 2007-يىلدىن باشلاپ رىسالەت كەرىموۋانىڭ ئۆزىنى ھەقىقىي رەھبەر سۈپىتىدە كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى لاۋازىمىدا مەركەزنىڭ بارلىق ئىلمىي لايىھىلىرىنى باشقۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئا. كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، 2007-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى مەركىزىي ئاسىيا ۋە قازاقىستان بىلەن زىچ ئالاقىدە تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا كۆپلىگەن ئىلمىي لايىھىلەر ئورۇنلاندى، مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى، مونوگرافىيەلەر ۋە ماقالىلەر توپلاملىرى نەشر قىلىندى.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككىنچى قىسمى ئاساسىي جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان مەنبەلىرى ئاساسىدا يېزىلغان تىل، ئەدەبىيات، تارىخ، ئېتنوگرافىيە، مائارىپ ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان دوكلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شائىرەم باراتوۋا شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرىدىن بولۇپمۇ بىلال نازىمنىڭ «كىتابى غازات دەر مۈلكى چىن» داستانىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەزكۇر يىغىندا بۇ قوليازما ھەققىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىملىرى تارىخچى ئابلەھەت كامالوف ‹بىلال نازىم ئەمگەكلىرى يەتتىسۇ تارىخىنىڭ مەنبەلىرى سۈپىتىدە› ۋە ‹بىلال نازىمنىڭ كىتابى غازات دەر مۈلكى چىن داستانىنىڭ سيۇژېتلىق-كومپوزىتسىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرى› ناملىق دوكلاتلىرىدا ئۆز پىكىرلىرىنى ئېيتتى. ئا.كامالوف 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى ۋىلايىتىدىكى ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ يەتتىسۇدىكى ئەھۋال بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى، ئىككى تەرەپتە ياشاۋاتقان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆزئارا ئېتنىكىلىق ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلىرىنى يورۇتىدۇ. ر.يۈسۈپوف بولسا، ئۆز دوكلاتىدا داستاننىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن قوراللىق قوزغىلاڭ ھەققىدە مەلۇماتلارنى تولۇق ئىگىلەشكە مۇمكىنچىلىك بېرىدىغان تارىخىي مەنبە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. دوكلاتچى، ئىككىنچىدىن، داستاننىڭ 19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىنى، ئۇنىڭدىكى رېئالىزم يۆنىلىشىنىڭ بىر ئۈلگىسىنى كۆرسىتىدىغان بەدىئىي ئەسەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ۋاقىئەلەرنىڭ قوزغىلاڭنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ تا ئۇ غالىبىيەت قازىنىپ، مۇستەقىل ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلغانغا قەدەر چوڭ ئارىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ھەققىدە ۋەقەلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە تەسۋىرلەنگەنلىكىنى يارقىن مىساللار بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.»
ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، تىلشۇناس دوكتور خالمىنەم مەسىموۋا ئۆز دوكلاتىدا 19-ئەسىردىكى سېيىت مۇھەممەت قاشىنىڭ «شەرھى شىكەستە»، مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ئەمىنىيە» ۋە ئىسمەتۇللا مۆجۈزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» ئەسەرلىرىنىڭ بەزى تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى تەھلىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ دەۋردىكى ئەسەرلەردە ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىلىق ۋە لېكسىكا-گراماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ھەم كونا ئۇيغۇر تىلىدىن، ھەم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن. بۇنى مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ مورفولوگىيىلىك، لېكسىكىلىق ۋە سىنتاكسىسلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ» .
يىغىننىڭ ئىككىنچى قىسمىدىن شۇنداقلا رۇسلان ئارزىيېفنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى»، زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ «19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى شەرقىي تۈركىستان يازما يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش تارىخى»، گۈلبەھرەم مولوتوۋانىڭ «دىۋانى مەشرەپ» ئەسىرى بويىچە نەقشبەندىيە سوپىلىرىنىڭ كارامەتلىرى» ۋە باشقىمۇ ئالىملارنىڭ دوكلاتلىرى ئورۇن ئالدى.