ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇر دىيارى 1940-يىللار (6)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2020-11-19
Share
George-Kennan-jorji-kennan.jpg «لېنىن ۋە ستالىننىڭ قول ئاستىدىكى رۇسىيە ۋە غەرب» ناملىق كىتابى. 1961-يىلى، ئامېرىكا.
wikipedia.org

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى

خىتايدىن تارالغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ جۈملىدىن ھەر قايسى ئەل خەلقىنىڭ ھايات-ماماتىغا ۋە ئىقتىسادىغا ئېغىر تەھدىت يارىتىشى جەريانىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلىنىشى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى رىقابەت ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «خىتاي خىرىسلىرىدىكى ئامىللار» سەرلەۋھىلىك زور دوكلاتنى ئېلان قىلىش بىلەن تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەندى. 17-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر 74 بەتلىك دوكلاتتا خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئامېرىكادىن ئېشىپ چۈشۈپ، دۇنياۋى بىرىنچى كۈچ بولۇش غەرىزىدە بولۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن شۇنداقلا دۇنيا ئۈچۈن قانداق زور تەھدىت ئىكەنلىكى تەپسىلىي يورۇتۇلغان.

«خىتاي خىرىسلىرىدىكى ئامىللار» سەرلەۋھىلىك مەزكۇر دوكلاتنىڭ 1946-يىلى ئامېرىكانىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتى جورجى كېننان ئەپەندى تەييارلىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كېڭەيمىچى كۈچ بولۇشىنى قامال قىلىشنى مەركىزىي ئىدىيە قىلغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنى يىقىلىشقا ئېلىپ كەلگەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا ئاساس بولغان دوكلاتتىن ئىلھام ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

تارىخقا قايتقىنىمىزدا، 1945-يىلى 5-ئايدا ياۋروپادا گىتلېر فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسى ئىگىلىگەن شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى دائىرىسى ۋە كونتروللۇقى ئاستىغا چۈشتى. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ دۆلەتلەردە كوممۇنىستىك پارتىيەلەرنى كۈچلەندۈرۈپ، قەدەممۇ-قەدەم كوممۇنىستلارنى ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغۇزدى. نەتىجىدە، بالتىق دېڭىزى بويلىرىدىكى جۇمھۇرىيەتلەردىن تارتىپ، جەنۇبتا بۇلغارىيەگىچە بولغان كەڭ شەرقىي ياۋروپادا، جۈملىدىن بالقان رايونىدا سوۋېتپەرەس ھاكىمىيەتلەر قۇرۇلدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى 2-دۇنيا ئۇرۇشى نەتىجىسىدە خۇددى شەرقىي ياۋروپادىكىگە ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئۆز تەسىر دائىرىسى ئىچىدىكى، خىتاي ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىسى ئامېرىكا، ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش بازىسىنى بەرپا قىلدى. سوۋېت ئارمىيەسى يەنە مانجۇرىيەنى ئىشغال قىلدى ۋە شىمالىي كورېيەگىمۇ كىرىپ، ئۇنى ئۆز تەسىر رامكىسى ئاستىغا ئالدى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى مەخپىي رەۋىشتە ئىزچىل قوللىدى. بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى شىمالىي خىتاي، مانجۇرىيە ۋە كورېيەدىن ئىبارەت ئامېرىكاغا تاقابىل تۇرىدىغان ئۆز دائىرىسىنى ھاسىل قىلغانىدى. ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىغا چېتىشلىق ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدىغان، ئۇنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئەركىن قازالايدىغان تەسىر دائىرىسىگە ئايلانغانىدى. ئۈرۈمچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى باش كونسۇلخانىسى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئۇلۇغ برىتانىيە كونسۇلخانىلىرىغا قارشى رىقابەت ۋە كۆزىتىش ھالىتىگە ئۆتتى. ئوتتۇرا شەرقتە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە ئىراننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇ رايوندىمۇ ئىختىلاپ كېلىپ چىقتى. دېمەك، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيانى ئۆز تەسىر دائىرىسى ئىچىدە تۇتۇپ، بۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.

مانا شۇنداق تۈرلۈك ئىختىلاپلار جەريانىدا، 1946-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكانىڭ موسكۋادىكى دىپلوماتى جورجى كېننان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئۇزۇن تېلېگرامما يوللاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكاغا ھەقىقىي ئىتتىپاقداش بولالمايدىغانلىقى، چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن شەرقىي ياۋروپانى ۋە باشقا رايونلارنى ئۆز كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۇنيا بىلەن قارمۇ-قارشىلىق ھاسىل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، جورجى كېنناننىڭ بۇ دوكلاتى بەك مۇھىم بولۇپ، كېننان دۇنيانىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتا يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى بەلگىلەپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان رۇزۋېلت دەۋرىدىكى شېرىكلىكنى توختىتىشىنى، ئامېرىكانىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز تەسىر دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن ھەر قانداق ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى تۇرۇشىنى، چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پەقەت زور كۈچكىلا ئىشىنىدىغانلىقى، پەقەت كۈچلۈك رەقىبكىلا يول قويىدىغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ غەربنى ئاساسىي دۈشمەن دەپ كۆرىدىغانلىقى، سوۋېت رەھبەرلىرىدە تاجاۋۇزچىلىق ئىدىيەسى بارلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئارقىدىن، 1946-يىلى 3-ئايدا ۋىنستون چېرچىل ئامېرىكاغا زىيارەتكە كەلگەندە، ئۇ، 5-مارت كۈنى پرېزىدېنت ھارري ترۇمېننىڭ ھەمراھلىقىدا مىسسورىدىكى ۋېستمنىستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەشھۇر «تۆمۈر پەردە» نۇتقىنى سۆزلەپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن شىمالدا بالتىق بويىدىكى ستېتتىن رايونىدىن تاكى ئادرىياتىك بويىدىكى ترىئېستېگىچە بولغان لىنىيەدە «تۆمۈر پەردە» قۇرۇپ، ياۋروپا قىتئەسىنى پارچىلىغانلىقى، بۇ رايونلاردا موسكۋانىڭ كونتروللۇقىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ، 13-مارت كۈنى ستالىنمۇ سۆز قىلىپ، چېرچىلنى گىتلېرغا ئوخشاتتى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مۇقەددىمىلىرى باشلاندى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مانجۇرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشى، ئىراندىن، يەنى جەنۇبىي ئەزەربەيجاندىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈش مەسىلىسى جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسى، جۈملىدىن ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە باشلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قارشى پوزىتسىيەسىنى داۋاملىق ئىپادىلەپ تۇردى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، تاشقى موڭغۇلىيە، شىمالىي كورېيە، يەنى كورېيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرى ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئۆز تەسىرى دائىرىسىنى ياۋروپادا تىكلىگەندەك ئاسىيادىمۇ تىكلەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ دۆلەتلەر ۋە كۈچلەرنى ئۆزىنىڭ ئاسىيا رايونىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب قۇدرەتلىك دۆلەتلىرىگە قارشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز تەسىرى دائىرىسى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇراتتى ھەم بۇ كۈچلەر ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى «تۆمۈر پەردىسى» ئىدى. خۇددى چېرچىل كۆرسەتكەنگە ئوخشاشلا، سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاينىڭ غەربىي تەرىپىگە، گەنسۇغىچە تۇتىشىدىغان تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدىن تاكى خىتاينىڭ غەربىي شىمالى، شىمالى قىسمى، مانجۇرىيە، شىمالىي كورېيەدىن ئىبارەت سوۋېت ئىتتىپاقى كونتروللۇقىدىكى جۇغراپىيەلىك رايونلار بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايلاردا ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىلەن ئىتتىپاقداش جاڭ كەيشى ھاكىمىيىتىگە قارشى، تۈپتىن ئېيتقاندا ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك قۇدرەتلىك كۈچلىرىگە قارشى «تۆمۈر پەردە» قۇرغانىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۆمۈر پەردىسى دەل تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى بولۇپ، شىمالىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن چېگرىداش ئۈچ ۋىلايەت، يەنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ياۋروپادەك تەسىر دائىرىسى ئىچىدە، تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى، يەنى يەتتە ۋىلايەت بولسا ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقدىشى مىللەتچى خىتاي كونتروللۇقىدا بولدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ يەكۈنىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنە شۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ جىددىيلىشىشكە يۈزلەنگەن باسقۇچىدا ئامېرىكاغا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننى كوممۇنىستىك خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى.

قىسقىسى، شەرقىي تۈركىستان، يەنى ئۇيغۇرلار دىيارى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى سوغۇق ئۇرۇش دائىرىسىدىن ئۆز ئورنىنى ئىگىلىگەنىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.