«ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى» ۋە ئۇيغۇر ئېلىپبە تارىخى

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشمۇ كۈچەيمەكتە.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلىپىنى قاندۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئانا تىل پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ باشچىلىقىدىكى 7 ئۇيغۇر زىيالىيسى بىرلىكتە تۈزگەن «ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپى قوللانمىلىرى-ئېلىپبە» ناملىق ئەسەر ئىستانبۇلدىكى سىيەر بالىلار نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

كىتاب 118 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇيغۇرچىدىن ساۋات چىقىرىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولغان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەر، جەمئىي 8 كىتابتىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ 2 تومى نەشردىن چىققان.

مەزكۇر ئېلىپبە كىتابى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى رەسمىي سېتىلىشقا باشلىدى. مەزكۇر كىتابنىڭ تەھرىرلىكىنى ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈندۈزاي ھامۇت، ئابدۇلقادىرجان، باتۇر قاراخانلى، نىجات ھوشۇر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ۋە ئابدۇباقى ئاقھۇن قاتارلىق كىشىلەر قىلغان.

كىتاب ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىستانبۇلدا تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى، مەزكۇر كىتابنىڭ تەھرىرى باتۇر قاراخان ئەپەندى «ئائىلە مائارىپى قوللانمىسى-ئېلىپبە دەرسلىكى» ناملىق ئەسەرنىڭ مەخسۇس بىر كىشى تەرىپىدىن يېزىلمىغانلىقىنى، ئابدۇۋەلى ئايۇپ يېتەكچىلىكىدە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر تەرىپىدىن تۈزۈلگەنلىكىنى، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپىنى قامداش ئۈچۈن 2006-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ ئىستانبۇلدا ئايرىم «ئېلىپبە» كىتابى تۈزۈپ تارقاتقان ئىدى. باتۇر قاراخان ئەپەندى بۇ قېتىم يېڭىدىن تۈزۈلگەن«ئېلىپبە»نىڭ مەزمۇنى ۋە بۇرۇنقى ئېلىپبەلەر بىلەن ئوخشىماسلىقلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئەلۋەتتە، تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان بۇ ئېلىپبەلەر تۇنجى نەتىجىلەر ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ۋە ئۆز دىيارىدا ئۆز مىللىي تىل ئېلىپبەسىنى تۈزۈش ئۇزۇن تارىخىي جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن.

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئېلىپبەسىنى تۈزۈشىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، بۇ قېتىم تۈزۈلۈپ نەشر قىلىنغان ئېلىپبەنىڭ ئاشۇ ئەنئەنىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇنجى ئېلىپبەنىڭ 1936-يىلى نەشر قىلىنغانلىقىنى، ھازىرغىچە كۆپ قېتىم ئېلىپبە تۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ ئېلىپبەلەردە سىياسىي پۇراقنىڭ ئىنتايىن قويۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز ئانا تىلى بويىچە ئېلىپبە تۈزۈشكە بۇرۇنلا ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى 1920-يىللاردا قازاقىستاندا نەشر قىلىنغان ۋە ھازىرغىچە بىر قانچە قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالماتادىكى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرىدىن پروفېسسور رۇسلان ئارزىيېۋ ئەپەندى ئېلىپبە يېزىش تارىخى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

2000-يىللاردىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ تۈركىيە، ياۋروپا ئەللىرى، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار ئارىسىدا ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش، يېڭى ئەۋلادلار ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش پائالىيەتلىرىمۇ كۈچەيمەكتە. شۇنىڭدەك مەزكۇر ئەللەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە لايىق بىر ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى تۈزۈش ۋە قوللىنىش ئېھتىياجىمۇ ئاشماقتا.