ئاپپاق خوجىنىڭ جۇڭغارلارغا تايىنىپ، سەئىدىيە دۆلىتىنى يوقىتىشى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق قادىرى
2013.10.27
apaq-xoja-mazar-maziri-305.png ئاپاق خوجا مازىرى
RFA/Qutluq


ياپونىيىدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى خوجىلار تارىخىغا ئائىت تەزكىرە ۋە قول يازمىلىق مەنبەلەر خېلى كۆپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىۋاسىتە خوجىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.

خوجىلار تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىمى ئاپپاق خوجىنىڭ سەئىدىيە دۆلىتىنى يوقىتىشىدۇر. بۇ ھەقتە قول يازمىلار ئاساسىدا مەلۇم تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى، ياپونىيە ئالىملىرىمۇ كۆپ ئىزدەندى. بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۇيغۇر تارىخچىلىرىمۇ بەزى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، ئاپپاق خوجىنىڭ ماھىيىتىنى پاش قىلغان ئىدى. ئۇنداقتا ئاپپاق خوجا قانداق قىلىپ، دالاي لامانىڭ ئالدىغا بېرىپ، جۇڭغار قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ، سەئىدىيە دۆلىتىنى ئاخىلاشتۇردى؟

ئۇيغۇر تارىخىنىڭ بۇ پاجىئەلىك قىسىمى تۆۋەندىكىچە:

تارىخىي مەمبەلەردە دېيىلىشىچە ئاپاق خوجا سەئىدىيە خاندانلىقى تەۋەلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن

كېيىن،ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان شەھىرىگە بېرىپ شۇ يەردە سوپىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.ئۇ،1677 - يىلى كۈزدە جۇڭغارىيىدىكى تورغات موڭغۇللىرىنىڭ 27 - لاماسى شىڭ جىڭ خوپۇنىڭ دالاينى تاۋاپ قىلغۇچى ھەمراھلىرىغا قوشۇلۇپ، تىبەتنىڭ لىخاسا شەھىرىگە بېرىپ،دودون سېرىن جامبۇل لاما يەنى، 5 - ئەۋلاد دالاينىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان.

ياپونىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاپاق خوجا تارىخىغا ئائىت كونا قول يازما تەزكىرىلەرنى قەشقەر،يەكەن،خوتەن ۋە كۇچارلاردىن توپلىغان بولۇپ،بۇ ھەقتە توختالغان ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى ياماگۇچى بۇ قول يازمىلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- 1980 - يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 1990 - يىلنىڭ بېشىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى كونا كىتاپپۇرچلارنىڭ يايمىلىرىدا خوجىلار تەزكىرىسىگە ئائىت قول يازمىلار كۆپ بولۇپ،بۇنىڭ كۆپىنچە ئاپاق خوجا دەۋرىدىكى ۋەقەلەر ئەكس ئېتىلگەن چاغىتاي يېزىقىدىكى قول يازمىلاردۇر.

يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلغان مەزكۇر ياپون تارىخچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاپاق خوجا دالاي لاماغا سەئىدىيە ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ،ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان.دالاي لاما ئاپاق خوجىنىڭ تەلىپىگە قۇشۇلۇپ ئۆزىگە باش ئۇرىدىغان جۇڭغارىيە خانى غالدان قۇنتەيجىگە سەئىدىيە زېمىنىنى ئىسمايىلخاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ «خوجىسى» ئاپاق خوجىغا قايتۇرۇپ ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇپ نامە يېزىپ بەرگەن.ئاپاق خوجا كۆككۆل (چىڭخەي) ئارقىلىق قۇمۇلغا كېلىپ،1678 - يىلى باھاردا،غالدان قۇنتەيجىگە 5 - ئەۋلاد دالاينىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن.

غالدان خەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئاپاق خوجىنى كاتتا زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىپ سەئىدىيە خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ،ئۆزىنىڭ بۈيۈك جۇڭغارىيە دۆلىتىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلغان.

ئاپپاق خوجا 1678 - يىلى 6 - ئايدا غالدان قوشۇپ بەرگەن،غالداننىڭ ئوغلى سېرىن رابدان قوماندانلىقىدىكى 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ئەگەشتۈرۈپ، قەشقەر تەۋەسىگە بېسىپ كىرىپ قەشقەرنى بېسىۋالغان.غالدان قوشۇنلىرى يەكەنگە ھۇجۇم قىلىپ يەكەن خەلقىنى قىرغىن قىلىپ،يەكەن شەھەر ئىچىدىكى ئالتۇن مەدرىسىگە كىرىپ ئىبادەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنى،مەدرىسىنىڭ 360 خانىلىق ھۇجىرىسى ۋە پۈتۈن مەدرىسنى كۆيدۈرۋەتكەن.

ئاپپاق خوجا شۇ يىلى سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،ئۆزىنىڭ قورچاق ھاكىمىيىتىنى تىكلەش ئۇرۇشىدا قولغا چۈشكەن 300 نەپەر ئەسىرنى «ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى» سۈپىتىدە باغلاپ،غالدان قوشۇنلىرىنىڭ جازالىشىغا تاپشۇرۇپ، يالاپ ماڭغۇزغان.ئاپپاق خوجا ئەمەلدارلىرى قەشقەردىن شۇ قېتىمدا نۇرغۇن «تۇتقۇن» خوتۇن - قىزلارنى جۇڭغار ئەسكەرلىرىنىڭ خوتۇن قىلىشى،ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەتلىك غالچىلىققا تۇتۇپ بەرگەن.ئاپپاق خوجا بىر بۆلەك خوتۇن - قىزلارنى يىغىپ،غۇلجىدىكى جۇڭغار ئەمەلدارلىرىغا،«سوۋغا» قىلىپ يوللاپ بەرگەن.

جۇڭغار ئەمەلدارى غالدان قەشقەردىن ئىلىغا قايتماقچى بولغاندا، ئاپپاق خوجا 400 مىڭ ياقا ئېسىل تون - سەرۇپاي، 400 مىڭ سەر كۈمۈش تەڭگە يوللۇق قىلىپ، شۇنداقلا ھەر يىلى 400 مىڭ سەر كۈمۈش تەڭگە ئۇلپان تاپشۇرۇشىنى ۋەدە قىلغان.

ئاپپاق خوجا شۇنىڭ بىلەن قەشقەرگە «خان» بولۇشقا باشلىغان.ئەمما، قەشقەر خەلقى ئاپپاق خوجىنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشنى پەقەتلا توختاتمىغان.1679 - يىلى ئەتىيازدا قەشقەر ھاكىمى ئىسمايىلخاننىڭ ئىنىسى،ئۈچتۇرپان خەلقى بىلەن جۇڭغار ھامىيلىقىدىكى ئاپپاق خوجا كۈچلىرىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ،ئاقىۋەتتە ئاپاق خوجىنى جۇڭغار ئاق سۆڭەكلىرى بىلەن بىللە قوشۇپ قەشقەردىن قوغلاپ چىقارغان.ئەمما ئاپپاق خوجا بۇ مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي،قەشقەر تەۋەسىدىكى ئۆزىنىڭ مۇخلىسلىرىنى قۇترىتىپ،تاشقىي جەھەتتىن غالدان قۇنتەيجىنىڭ يەنە 15 مىڭ كىشىلىك تاللان؛غان ئاتلىق قوشۇنىنى ئىشقا سېلىپ،شۇ يىلى كۈزدە مۇھەممەد ئىمىن خاننىڭ قان تۆكمەسلىك شەرتىگە قول قويۇپ سۇلھىلىشىپ،شۇنداقلا مۇھەممەد ئىمىنخانغا كۈي ئوغۇل بولۇپ،قەشقەردە «شېرىك» خانلىق مەرتىۋىسىگە ئىگە بولغان.ئاقىۋەتتە ئاپپاق خوجا مۇھەممەد ئىمىن خاننى سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈپ،ئۆزى تەخىتكە چىققان.بۇنىڭ بىلەن 165 يىل ھۆكۈم سۈرگەن سەئىدىيە خانلىقى ئاخىرلىشىپ،قەشقەردە ئاپپاق خوجا ھەمشەرىكچىلىكىدىكى جۇڭغار ھاكىمىيىتى قەشقەردە ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىغان.

ئاپئاق خوجا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئىشقىيە»مەزھىپىنى ئاساس قىلغان سوپىزىمنى خانلىقنىڭ دىنىي ۋە خانلىق تەلىماتى قىلغان.300 مىڭدىن ئوشۇق مۇرىت توپلاپ،ئۇلار ئارىلىق «ئىشقىيە» مەزھىپىنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىگە،ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىتىشقا دەۋەت قىلغان.بۇنىڭ بىلەن قەشقەردە «خان خوجا ئوردىسى»،يەكەندە «ئالتۇنلۇقۇم»،تۇرپاندا «ئەشابۇلكەھف»،كۇچاردا «مەۋلانە ئەرشىددىن ۋەلىلۇللا»،

ئاقسۇدا «قىرمىش ئاتام» قاتارلىق مازارلىقلارنى،«ئىشقىيە» مەزھىپىنى تارقىتىدىغان مەركەز قىلغان.ئاپپاق خوجا ئىسلام دىنى شۇئارىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋالغان بولسىمۇ،ماھىيەتتە ئىسلام تەلىماتلىرىغا زىت ھالدا پەقەت پىر،خوجا - ئىشانلارنىڭ تەلىماتىنى مەركەز قىلغان ھالدا سوپىزم تەلىماتىنى تەشۋىق قىلغان.بۇنىڭ بىلەن ئاپپاق خوجا نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى ئۆزىگە مۇرىت بولۇشقا دەۋەت قىلدى.ئاپاق خوجا بارغانلا جايىدا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدىلىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئاتلىرىنى يىلقىسى بىلەن،قويلىرىنى قوتىنى بىلەن،كالىلىرىنى ئېغىلى بىلەن ئاپاق خوجىغا ھەدىيە قىلىپ دۇئاسىنى ئالغان.

ئەسلىدە 1640 - يىللاردا ئاتىسىدىن سوپىلىقنى ئۆگىنىپ،قەشقەردىكى داڭلىق ۋائىزلاردىن بولۇپ قالغان ئاپپاق خوجا 1644 - يىللىرى بىر نەۋرە ئىنىسى خوجا ئابدۇللا ئىشان تەرىپىدىن دىنى ھوقۇق تالىشىش ئاداۋىتى بىلەن زەھەرلەپ ئولتۈرۋېتىلگەن ئاتىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ ئورنىدا ئۆزىنى «پىر» دەپ ئېلان قىلغان. ئاپپاق خوجا ئۆزىنى «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 27 - ئەۋلاد نەۋىرىسى» دەپ ئاتاپ،قەشقەر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا: «خۇداغا يېقىنلىشىشنىڭ بىردىنبىر يولى سۈلۈككە كىرىش..خوجام ئاللاھنىڭ ئەمىرى بىلەن مۆمىمىنلەرگە «پىر ئۇستاز»بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئەۋلىيادۇر. پەيغەمبەر بىلەن ئوخشاشتۇر. مۆمىنلەر پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىپ دىننىڭ پۈتۈن ئەركانلىرىنى ئورۇنلىغان بىلەن <پىر> تۇتۇپ قول بەرمىسە ئوخشاشلا گۇناھكار بولىدۇ.قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ» دېگەندەك ئىسلام تەلىماتلىرىنىڭ روھىغا پۈتۈنلەي زىت بولغان تەشۋىقاتلارنى تارقىتىپ،نادان خەلقلەرنى ئۆزىگە مۇرىت بولۇشقا چاقىرغان.ۋە ئۆزىگە مۇرىت بولغانلاردىن سېلىق ئالماسلىقنى يولغا قويغان.ئۆزىگە قارشى بولغان <«ئىساقىيە» چىلەرنى كۆپلەپ ئۆلتۈرگەن.

ئاپپاق خوجىنىڭ مۇرىتلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈشكە،ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا شەرتسىز قارىغۇلارچە بويسۇنۇپ،ئاپاق خوجا ئۈچۈن كۆپلىگەن بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

مانا بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىككىگە پارچىلىنىپ، بىر - بىرى بىلەن ئۆزئارا ئۇرۇش قىلىپ ھەم ئىتتىپاقلاشماي، ئاقىۋەتتە مۇستەملىكە تۈزۈم ئاستىدا جاھالەتتە قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىندۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.