بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت ئارزۇسى (1)

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتكە كەڭ دائىرىدە بىلىنىشكە باشلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقىسىم غەرب دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نەچچە مىليون كىشىنى لاگېرلارغا سولاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقاتار قاتتىق قول سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ تونۇدى. ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىلمىش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىر قانچە قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە باشقا ئەللەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى كوللېكتىپ ئىمزا قويۇپ ئەيىبلىدى. يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ئالىي كومىسسار مىشېل باچېلېت ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىپ قايتىش بىلەن خىتاينىڭ سىياسىتىگە كۆز يۇمۇش پوزىتسىيەسى تۇتقاندىن كېيىن خەلقئارانىڭ، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. 2022-يىلى، 14-ئىيۇن جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ 50-قېتىملىق يىغىنىدا 47 دۆلەت يېڭىدىن ئىمزا قويغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەش باياناتىنى جاكارلاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.

لېكىن، خىتاي ئىزچىل تۈردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بۇ ئەيىبلەشلەرنى قاتتىق رەت قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بۇ ھەرىكەتلىرىنى رۇسىيە، ئىران قاتارلىق بىرقىسىم دۆلەتلەر قوللاپ كەلمەكتە. يەنى، خىتاي ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مانا بۇ ئاچقۇچلۇق مەسىلىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى دائىمىي كومىتېتىدا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلىرىدا رۇسىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ قوللىشى ۋە ماسلىشىشى بىلەن ئامېرىكا باشلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە باشقا بىرقىسىم ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىككى قۇتۇپ شەكىللەندۈرگەنىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ فۇنكسىيەسى، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى، بەخت سائادىتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمەتلىرىدىن ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ كەلگەن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئۇنىڭغا زور ئۈمىد باغلىغان ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ تەركىبىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۈمىد تارىخىغا نەزەر سالغاندا، بۇ ئالدى بىلەن 1944-1949-يىللىرى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىللىي ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق ئىنقىلابى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىگە تۇتىشىدۇ. تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا 1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجا قوزغىلىڭى غەلىبە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى، ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ۋە ئۇنىڭ تەركىبىگە قوشۇلۇش ئارزۇسىدا بولغانىدى. ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، گەرچە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇنداق ئۈمىدلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىنقىلاب ۋە جۇمھۇرىيەتكە ياردەم بەرگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قوشۇلۇشىغا يول قويمىغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەسمىي قۇرۇلۇپ، ئۆز ئىشىنى باشلىغان ۋاقىتلار ئۇيغۇر خەلقى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى قوزغاپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنىسى موڭغۇلىيە 1946-يىلى خىتاي تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىش يولىنى ئاچقان شۇنىڭدەك يەنە بىرقىسىم دۆلەتلەر مۇستەقىللىق جاكارلىغان ۋاقىتلار ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ناتسىسلار گېرمانىيەسى، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە مىلىتارىزمى قاتارلىق فاشىست كۈچلەر بىرلىك ھاسىل قىلىپ دۇنيانى ئىگىلەشكە ئاتلىنىپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قوزغالغان، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەت فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداشقا ئايلىنىش بىلەن باغلىق ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى ئىدىيەسىنى ئالدى بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى روزېۋېلت ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ ئاتالغۇنى ئالدى بىلەن روزېۋېلت 1941-يىلى 12-ئايدا قوللانغان. 1942-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇنجى قېتىم، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، خىتاي قاتارلىق 26 دۆلەت «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتابنامىسى» نى ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلغان. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تەشكىلاتنى رەسمىي قۇرۇش ئىشلىرى 4 يىل داۋاملاشقانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇشتىكى تۈپ مەقسەت فاشىزمغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق فاشىزمغا قارشى دۇنيانىڭ تەرتىپىنى بەلگىلەيدىغان ئۈچ قۇدرەتلىك دۆلەت ب د ت قۇرۇشتىكى ئاساسىي كۈچ ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى گەرچە خىتاي بىلەن ئىتتىپاقداش ئەمەس، ۋە ھەتتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىنى قۇرۇشقا ياردەملىشىۋاتقان، خىتاي كومپارتىيەسىنى ۋە موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ب د ت خەۋسىزلىك كېڭىشىگە قاتنىشىشىنى يەنىلا قوللىغانىدى.

ئامېرىكا خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە كىرىشىنى باشتىن ئاخىرى قوللاپ كەلگەن دۆلەت ئىدى. ئەنە شۇ قوللاش بىلەن خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتنى قۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەسمىي يوسۇندا 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ب د ت فىرانسىيە، خىتاي، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى ۋە باشقىلار بولۇپ 46 دۆلەتنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» تەستىقلىنىپ، ب د ت نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.

ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئۈمىد باغلاش، ئۆز مەسىلىلىرى، يەنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئېلىپ چىقىش ئارزۇسى 1949-يىلىدىن كېيىن ئىزچىل داۋاملاشتى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 1960-1980-يىللاردا تۈركىيەگە يەرلەشكەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا ئالىپتېكىن قاتارلىق ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرىمۇ بۇ ئارزۇدا ھەر خىل ئىنتىلىشلەردە بولغان ئىدى.

تەپسىلاتنى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.