19- ۋە 20-ئەسىر تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا مەركىزى ئاسىيا رايونىدا بىر قاتار كەڭ ۋە كىچىك كۆلەمدىكى كۆچۈش ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ كۆچۈشلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئارقىسىدا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي سەۋەبلەر ئورۇن ئالغان. بۇ مەزگىللەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ قوشنا ئۇيغۇر دىيارىغا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقلەرنىڭ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئاممىۋى كۆچۈش ۋەقەلىرى كۆپ قېتىم يۈزبەرگەن شۇنىڭدەك بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ تەقدىرلىرى بىر-بىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى.
20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا رۇسىيەدە يۈزبەرگەن زور سىياسىي، ئىجتىمائىي -ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارى بىلەن قوشنا سوۋېتلار كونتروللۇقىدىكى رايونلاردىن ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا ئاممىۋى ۋە چوڭ كۆلەمدە كۆچۈش ۋە قېچىش دولقۇنى يۈزبەرگەن بولۇپ، بۇ كۆچۈشكە ئۇيغۇرلار، رۇسلار، قازاقلار، قىرغىزلار، ئۆزبېكلەر، تاتار ۋە باشقا خەلقلەرمۇ قاتناشقان.
قازاقىستاندىكى تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، بىرىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر دىيارىغا ئاممىۋى كۆچۈش 1917-يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، بولشېۋىكلەر بىلەن ئۇنىڭغا قارشى ئاقلارنىڭ ئۆزئارا ئىچكى ئۇرۇشى يۈزبېرىش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت ھاكىمىيىتى تىكلىنىش ھەم مۇستەھكەملىنىش جەريانىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ كۆچۈشكە ئۇيغۇر، رۇس، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئوخشاش قاتناشقان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى كۆچۈشىگە 1918-يىلى، ماي ئېيىدا قىزىل ئارمىيەنىڭ يەتتىسۇ ۋادىسىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشى، يەنى «ئاتۇ پاجىئەسى» سەۋەب بولغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇپ غۇلجىغا قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، ئەمما ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ 25 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنىدۇ. سوۋېت ھۆكۈمىتى 1920-يىللاردا ئۇيغۇر رەھبىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلارنى غۇلجىغا ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ھەرىكەت قىلغان ئىدى.
ئەمەلىيەتتە، قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئاممىۋى كۆچۈشى 1916-يىلى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ چار رۇسىيەنىڭ زۇلۇمىغا قارشى مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىدا بىر قېتىم يۈزبەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى قىرغىزلار ۋە قازاقلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن ئىدى. ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىدىن كېيىنكى كۆچۈشلەر بولسا، كۆپ مىللەتلىك تۈس ئالدى.
1918-1921-يىللىرى ئارىسىدىكى رۇسىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە بولشېۋىكلارغا قارشى جەڭ قىلغۇچى ئاق گۋاردىيەچىلەر دەپ ئاتالغان قوشۇنلارنىڭ قىزىل ئارمىيەدىن مەغلۇپ بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىغا قېچىپ كېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىسى مۇھىم تېما بولۇپ، رۇس تارىخچىلىرىدىن ۋالېرىي بارمىن، يېلېنا نازېمسېۋا، يېلېنا ۋېرۋېكىن قاتارلىقلار ئۆز ئىلمىي ئەسەرلىرىدە شۇ قېتىم رۇس -كازاك قوشۇنلىرىدىن گېنېرال دۇتوۋ، گېنېرال ئاندرېي باكىچ، بورىس ئاننېنكوۋ قوشۇنلىرى ۋە باشقا چوڭ-كىچىك تارماقلاردىن تەخمىنەن 50 مىڭغىچە بولغان ئەسكەر، ئوفىتسېر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ھەم مۇساپىرلار ئىلى، چۆچەك ۋە باشقا جايلارغا قېچىپ كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسلارنىڭ بۇ قېچىشى ئۇيغۇرلارنىڭ قېچىشىدىن پەرقلىق بولۇپ، بۇ تامامەن ئۇرۇش ھەم ئىدېئولوگىيە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قېچىش ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى خالىماي ئىلىغا كېلىۋالغانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ھەممە مىللەت ۋەكىللىرى بار ئىدى.
رۇسىيە تارىخچىسى دوكتور نازېمسېۋانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى رۇس كۆچمەنلىرى ھەققىدىكى ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، سوۋېت ھۆكۈمىتى 1922-يىلىدىن كېيىن، بۇ قاچاقلارنى، مەيلى چار پادىشاھ ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كەلسە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، ئىلگىرى-كېيىن 17 مىڭدىن ئارتۇق رۇس ۋە باشقىلار قايتىپ كەتكەن.
قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، يەنە بىر چوڭ كۆچۈش 1927-1929-يىللىرى ئارىسىدا يۈزبەرگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بېرىلغان كوپېراتسىيەلەشتۈرۈش، باي-كۇلاقلارغا زەربە بېرىش كۆپ ساندىكى خەلقنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 1931-1933-يىللىرى ئارىسىدا قازاقىستان ۋە باشقا بەزى رايونلاردا يۈزبەرگەن ئاچارچىلىقتا زور ساندا ئاھالە قىرىلىپ كەتكەن. بۇ ھەقتە ھەر خىل سانلىق مەلۇماتلار مەۋجۇت بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا قازاق ئاھالىسىنىڭ 40% كە يېقىن قىسمى ئاچارچىلىقتىن قىرىلىپ كەتكەن، يەنى، تەخمىنەن بىر مىليون 300 مىڭ ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلگەن دەپ قارىلىدۇ، ئەمما يەنە بەزىلەر ئۆلگەنلەرنىڭ ئىككى مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنىمۇ قەيت قىلىشىدۇ. ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە ئاچارچىلىق زەربىسىگە ھەممە مىللەت ئۇچرىغان، ئەمما قازاقلاردا ئېغىرراق دەرىجىدە بولغان.
تەتقىقاتچى ساراخ كامېروننىڭ «مەركىزى ئانالىز تورى» دا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە قازاقىستان دۆلەت ئارخىپى ئاساسىدا قەيت قىلىشىچە، بۇ جەرياندا بىر مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم چەتئەلگە قاچقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپى قازاقلار ئىدى ھەم كۆپ ساندا كىشى قوشنا ئۇيغۇر دىيارىغا ئاممىۋى يوسۇندا كېلىپ ماكانلاشقان. ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ساننىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار.
تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1928-يىللىرىدىن باشلانغان بايلارغا زەربە بېرىش ۋە كوپېراتسىيەلەشتۈرۈش ھەرىكىتى ئىنتايىن قاتتىق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا زور ساندىكى يەر ئىگىلىرى، بايلار، تىجارەتچىلەر زەربە نىشانى قىلىنىپ، ئۇلار سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىنغان، قاماققا سولانغان، ھەتتا بىر قىسىملىرى باستۇرۇلغان ئىدى. قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر ھەرىكىتى ئاچارچىلىق ھەمدە نۇرغۇن قارشىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ھەممە مىللەت ئوخشاش ئۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش يولىنى ئىزدىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىغا يېقىن جايدىكىلەر ئۇيغۇر دىيارىغا قېچىپ كېلىپ قۇتۇلۇش يولىنى تۇتقان. ئۇيغۇرلار تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم مەشھۇر ئەربابلارمۇ بار ئىدى.
ئۇيغۇر دىيارىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باي-پومىشىكلەرگە زەربە بېرىش ۋە كوپېراتسىيەلەشتۈرۈش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ئېلىپ بارغاندەك قاتتىق قول سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئۆز ماكانلىرىنى تاشلاپ ئاممىۋى كۆچۈش ۋە قېچىش ۋەقەلىرى 1954-1962-يىللىرى يۈزبەردى. ئامېرىكا ئۇيغۇرشۇناسى شون روبېرتسنىڭ قەيت قىلىشىچە، 1953-يىلىدىن تاكى 1963-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇيغۇر دىيارىدىن تەخمىنەن 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەن.
0:00 / 0:00