«تارىخ ۋە بۈگۈن» (9 - سېنتەبىر)

«تارىخ ۋە بۈگۈن» پروگراممامىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسمىدا سىلەر رۇسىيىنىڭ ۋلادىۋوستوك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى شۇنىڭدەك مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تارىخى كېلىپ چىقىشى ۋە خىزمەتلىرى ھەققىدىكى سۆھبەت، مەرھۇم خەلق شائىرى روزى سايىت ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ھايات مۇساپىلىرى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئاڭلايسىلەر.

0:00 / 0:00


مەلۇمكى، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا شەكىللىنىشكە باشلىغان قازاقىستان ئۇيغۇر دراماتۇرگىيىسى ئۆز تەرەققىيات يولىدا بىر نەچچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتتى. بۇ جەرياندا ئۇ سوۋېت ئىدىيىسىنىڭ قاتتىق تەسىرى ئاستىدا بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇر دراماتۇرگىيىسى بېسىپ ئۆتكەن ئەنە شۇ باسقۇچلارنىڭ ئالاھىدىلىكى نېمىدە، ئۇيغۇر دراماتۇرگلىرى نېمىلەرگە كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەن، ھازىرقى كۈندە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر دراماتۇرگىيىسىنىڭ ئەھۋالى قانداق، ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر كۆپچىلىكنى ئويلاندۇرۇشى تەبىئىي.

رادىئومىز زىيارىتىدە بولغان قازاقىستان ئۇيغۇر دراماتۇرگىيىسى تارىخى بويىچە مۇتەخەسسىس، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف بۇ ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.