ئەخمەت ئىگەمبەردى: مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى(11): «گوڭەنتىڭ تۈرمىسىدە ئابدۇلئەزىز مەخسۇمدەك مەشھۇر ئۇيغۇرلارمۇ ياتقانىدى»

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2023.04.06
Muhemmed-Emin-Bughra-Abduleziz-Mexsun-1947.jpg ئابدۇلئەزىز مەخسۇم (ئوڭدا) ۋە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا، 1947-يىل، ئۈرۈمچى
akademiye.org

ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 86 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرىنىڭ مۇھىم قىسمى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ 1969-1979-يىللىرى ئارىسىدىكى 10 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى، جۈملىدىن جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى تۈرمىسىدە كۆرگەنلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ ياتقان مەزكۇر تۈرمە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم مەشھۇر سىياسىي ئەربابلىرى، زىيالىيلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەتپەرۋەرلىرى مەخسۇس قاماپ جازاغا تارتىلغان ئورۇنغا ئايلانغان.

ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچى سايۋاغدىكى مەزكۇر تۈرمىدە پۈتۈن ئۆمرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى جىن شۇرېن، شېڭ شىسەي، گومىنداڭ ۋە ئاخىرىدا كومپارتىيەنىڭ تۈرمىلىرىدە ئۆتكۈزگەن مەشھۇر ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرى، شائىرى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ياتقان. ئۇ، بۇ تۈرمىدە ئۆز ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان قارشىلىقىنى داۋاملىق ئىپادىلىگەن.

مەزكۇر تۈرمىدە يەنە 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئىشتىراكچىلىرىدىن ئەنۋەر سالىھجان، ئارۇپ نەسىبى ۋە باشقا ئونلىغان ئەربابلارمۇ ياتقان. بۇ جايغا يەنە 1958-1960-يىللاردا يەرلىك مىللەتچى، ئوڭچى ئۇنسۇر، ئەكسىلىنقىلابچى دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلغان زىيالىيلار، مەمۇرىي ئەربابلار، سۆيۈنگۈل چانىشېف قاتارلىق خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىگە قارشى تەشكىلاتلارنى قۇرغان ياش زىيالىيلار، بولۇپمۇ 1969-1970-يىللىرى ئارىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلار ۋە ئۇنىڭ ئاكتىپلىرىمۇ سولانغان.

ئەخمەت ئىگەمبەردى مەزكۇر تۈرمىنىڭ سوۋېت مۇتەخەسىسىلىرىنىڭ پىلانلىشى ۋە لايىھەلىشى بىلەن 1950-يىللاردا ياسالغانلىقى، لېكىن 1960-يىللاردا تۈرمىنىڭ كېڭەيتىلىپ تېخىمۇ مۇستەھكەم ۋە قاتمۇ-قات توسۇقلار بىلەن پۇختىلىنىپ قايتىدىن ياساپ چىقىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرمىدىكى 90% تىن كۆپرەك مەھبۇس ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت كىشىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «سىياسىي جىنايەتچى» ھېسابلانغان، خىتاي مەھبۇسلارنىڭ كۆپى بولسا ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەر ئىدى. خىتاي مەھبۇسلار تۈرمە ساقچىلىرىغا ماسلىشىپ تاماق توشۇش، تۈرمە ئىشلىرىنى قىلىشقا سېلىنغان.

مەھبۇسلار يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىن قاتتىق قىيناشقا ئۇچرىغان بولۇپ، بىر كۈندە ئىككى ۋاق تاماق بېرىلگەن، يەنى ئەتىگەندە بىر چىنە قايناقسۇ بىلەن كۆممە قوناقنىڭ چىرىپ كەتكەن ئۇنىدىن ياسالغان 150 گرامغىچە بولغان «ۋوۋوتو» ناملىق نان، كەچتە بۇزۇلغان سەي-كۆكتاتلارنىڭ قالدۇقلىرىدىن تەييارلانغان كۆكتات سۈيى ئاشۇ «ۋوۋوتو» بىلەن قوشۇپ بېرىلگەن، ئۇسسىز قويۇش، ئاچ قويۇش، توڭلىتىش، كىشەنلەش، ئۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك جازا تەدبىرلىرى قوللىنىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.