ئەخمەت ئىگەمبەردى: مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى (16) : مىللىي روھى ئوزۇق ياراتقان زىيالىيلار
2023.06.15

ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 86 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى ھەققىدىكى ئاغزاكى تارىخىي بايانلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق قىسمىدا ئۆزىنىڭ 1980-يىللاردا تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن شاھىت بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، يازغۇچى-شائىرلىرى ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەخمەت ئىگەمبەردى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ۋە مىللىي روھىنىڭ كۈچىيىشىدە راۋاجلىنىش باسقۇچى ياراتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەخمەت ئىگەمبەردى 1979-يىلى 10 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتكە قايتىپ كېلىپ، «مىراس» ژۇرنىلىدا تەھرىر بولۇپ ئىشلىدى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشتى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 1978-1979-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى قارىلىشى، ئەيىبلىشى بىلەن پۈتۈن خىتاي بويىچە «چوڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش» ئېلىپ بېرىپ ئۇۋال قىلىنغانلارنى ئاقلاش، خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، زىيالىيلارغا مەلۇم دەرىجىدە ئەركىنلىك بېرىشكە كىرىشكەندە بۇ سىياسەت ئۇيغۇر ئېلىگە كېچىكىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خېلى كۆپ زىيالىيلار ئاقلىنىپ ئۇلار خىزمەت ئورۇنلىرىغا قايتىپ كەلگەن.
ئەخمەت ئىگەمبەردىمۇ ئەنە شۇ سىياسەتنىڭ نەتىجىسىدە ئەركىنلىككە ئېرىشكەنىدى.
مانا شۇ 1980-يىللاردا سىياسەتنىڭ بىرئاز «يۇمشىغان» پەيتلىرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىدە، مەدەنىيىتىدە بىر تېز جانلىنىش مەنزىرىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، تۇرغۇن ئالماس، ھاجى ياقۇپ، ئىبراھىم مۇتىئي، مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئىمىن تۇرسۇن ۋە باشقا نۇرغۇن كونا زىيالىيلار شۇنىڭدەك مەمتىلى زۇنۇن، زوردۇن سابىر ۋە باشقا يېڭى دەۋر ئەدىبلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرى ناھايىتى ئاكتىپ يېزىقچىلىق قىلىش، تارىخىي ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئاكتىپ كىرىشىشكە باشلىغانىدى. نەتىجىدە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاجايىپ بىر جانلىنىش ۋە گۈللىنىش مەنزىرىسى شەكىللەندى. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھامان ئۆز نازارىتىنى داۋاملاشتۇرغانىدى. بۇ، زىيالىيلار ئۆزلىرى ئېرىشكەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشكەنىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە 1980-يىللاردا مەھمۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا چىقىرىلىشى، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنىڭ تېپىلىپ بېكىتىلىشى، ئىبراھىم مۇتىئىي، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن، تۇرغۇن ئالماس، ئەخمەت زىيائىي، تۇردى سامساق ۋە باشقا زىيالىيلار، ئالىملار ھەم يازغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقات ئەسەرلىرى، تارىخىي رومان-پوۋېستلىرى ھەممە باشقىلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارىخ قىزغىنلىقىنى ۋە ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىش روھىنى قوزغاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مىللىي ئىدىيەسى ۋە ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم ئاساس سېلىش ۋە ئىلگىرىلىتىش رولىنى ئوينىدى.
ئەنە شۇ 1980-يىللار ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مىللىي ئىدىيەسىنىڭ قايتا كۈچەيگەن ۋە كېيىنكى 1990-2000-يىللارغا روھى ئوزۇق ۋە ئاساس سالغان دەۋرى بولغانىدى.