مۇنىر يېرزىن: ئەخمەتجان قاسىمى ئەلىخان تۆرىدىن كېيىن ھۆكۈمەت ۋە خەلقنىڭ ئالىي رەھبىرى ئىدى
2019.12.19
1946-1947-يىللىرى ئۈرۈمچىدە مەۋجۇت بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى تىنچلىق بىتىمى ئاساسىدا قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان، يەنى ئىلى تەرەپنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە، 1947-يىلى، 9-ئايدىن 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە غۇلجىدىكى «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن 91 ياشلىق تاتار زىيالىيسى مۇنىر يېرزىن ئەپەندى ئۆزى شاھىت بولغان تارىخىي ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئورۇندىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىدىيەسى ۋە پىكىرلىرىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەخمەتجان قاسىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۈرەش قىلغان، خەلقىگە سادىق رەھبەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن ئازاد شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە ۋىلايەت خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، شۇنىڭدەك خىتاي گومىنداڭ ھەربىي-سىياسىي دائىرلىرىنىڭ كۆزىگە مىق بولۇپ قادىلىپ، ئۇلار بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئېلىشقان سىياسىي رەھبەر ئىدى» دەيدۇ.
مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى ئەلىخان تۆرە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت ۋە ئىنقىلابنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان ئۈچ ۋىلايەتنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمەت ئاپپاراتىغا رەھبەرلىك قىلدى.
مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا بىر قىسىم ھەر مىللەت زىيالىيلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلار ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە رەھبەرلىكىگە شەرتسىز بويسۇناتتى. ئۇلار ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىدىيەسى ۋە غايىلىرىگە شاھىت ئىدى. ئەنە شۇلاردىن رەھىمجان سابىر ھاجى، ئىبراھىم تۇردى، سەيدۇللا سەيپۇللايېف، ئەشەت ئىسھاقوف، ئابدۇرېھىم ئەيسا، زىيا سەمەدى ۋە باشقىلار 1951-ۋە 1956-1957-يىللىرى ئارىسىدا داۋاملىق «ئۇيغۇرىستان» ياكى «شەرقىي تۈركىستان» نامىدا مىللىي ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت قۇرۇش غايىسىنى داۋاملاشتۇرغانىدى. مۇنىر يېرزىن ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى «ئىتتىپاق» تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان ۋە كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ئەسھەت ئىسھاقوفنىڭ ئەنە شۇنداق جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىنى داۋا قىلغانلىقى ئۈچۈن 1957-يىلى چىڭداۋ يىغىنىدا تەنقىدلەشكە ئۇچرىغانلىقى ھەم يەرلىك مىللەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئۇزۇن يىللار قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەپ، ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان تارىخشۇناس مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 1951-يىلىدىكى «51 چىلەر» ۋە 1957-1958-يىللىرى «يەرلىك مىللەتچى» دەپ ئەيىبلىنىپ جازالانغان رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يېقىن سەپداشلىرى بولۇپ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئارزۇلىرىنى داۋاملاشتۇرغۇچىلار ئىدى. چۈنكى، 1946-1950-يىلى ئارىسىدا ئۇلار ۋە بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى، مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۆزلىرىنىڭ ئالى رەھبىرى دەپ ھۆرمەتلەپ، ئۇنى يۈكسەك ئورۇنغا قويغانىدى.