1934-يىلى ئەيسا ئەپەندى ھەققىدە كرېملغا يوللانغان مەخپىي مەلۇمات

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار تەييارلىدى
2024.09.05
eysa-yusup-aliptekin ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى. 1934-يىللىرى.
RFA/Ümidwar

20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدىكى مۇھىم ئەربابلارنىڭ بىرى، جۈملىدىن 1940-يىللاردىكى مەشھۇر ئۈچ ئەپەندىنىڭ بىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەنە شۇ سەپداشلىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە مەسئۇد سەبىرى بىلەن بىر قاتاردا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتى، بولۇپمۇ سىياسىي تەقدىرىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكۈچى قوشنا دۆلەت - سوۋېتلار ئىتتىپاقى تەرىپىدىن «پانتۈركىست» ۋە «سوۋېتقا قارشى كۈچلەر» تەرىقىسىدە قارالغانىدى. لېكىن، سوۋېتلارنىڭ ئەيسا ئەپەندىنى خىتايدىكى سوۋېتلارغا قارشى ھەرىكەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈپ ستالىنغا مەخسۇس دوكلات شەكىلدە يەتكۈزۈلۈشى مەسئۇد سەبىرى ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا قارىغاندا بالدۇر باشلانغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەيسابەك ياكى ئەيسا يۈسۈپ دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئەربابنىڭ 1932-يىلى نەنجىڭگە كەلگەندىن كېيىنكى ئىش-ھەرىكەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەنجىڭدىكى مەخسۇس خادىملىرى تەرىپىدىن موسكۋاغا مەخپىي دوكلات قىلىنغان. ئەنە شۇنداق مەخپىي دوكلاتنىڭ بىرى 1934-يىلى 19-دېكابىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، يەنى ستالىننىڭ نەنجىڭدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە دىپلوماتىيە ۋەكىلى، لاتىش مىللىتىدىن كېلىپ چىققان، ئەسلى 1926-1928-يىللىرى خىتايدا باش ئەلچى ۋە بىرىنچى كاتىپ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان، سوۋېت رازۋېدكا ئورگىنىغا تەۋە ئىۋان ئىۋانوۋىچ سپىلۋانېكنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى ب. س. ستوميانكوفقا يوللىغان خىتايدىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى دوكلاتىدۇر. مەزكۇر دوكلاتتا مەخسۇس «شىنجاڭ» ھەققىدە ئايرىم بۆلۈم ئاجرىتىلىپ بۇنىڭدا ئەيسا ئەپەندى مەركەز قىلغانىدى. بۇ دوكلاتتا ئەيسا ئەپەندى خىتايدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى يېڭى ھەرىكەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ چىقارغان «تيەنشەن»، يەنى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى مىسال تەرىقىسىدە كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «كېيىنكى ۋاقىتلاردا شىنجاڭ مەسىلىسى بويىچە بىزگە قارشى يېڭى ھەرىكەتنىڭ تەييارلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىلىرى كۆرۈلمەكتە. نەنجىڭدە مەخسۇس ‹تيەنشەن› نامىدا شىنجاڭغا بېغىشلانغان، خىتاي باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ غەيرىي رەسمىي قوللىشىدىكى بىر ژۇرنال ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىدا چىقىرىلىشقا باشلىدى. بۇ ژۇرنالنىڭ ئاكتىپ تەھرىر خادىملىرىدىن بىرى ئەيشا، يەنى ئەيسابەكتۇر. ئۇ، 1932-يىلى شىنجاڭدىن نەنجىڭگە قايتىپ كەلگەن، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئەيسا موسكۋاغا بارغان ۋە ئەنجاندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ، ھازىر شىنجاڭنى قۇرۇش كومىسسىيەسىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى» دېيىلگەن، ئارقىدىن ئۇنىڭ سوۋېتقا قارشى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ستالىننىڭ ۋەكىلى خىتاي ھەربىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ياڭ جې ۋە گومىنداڭ پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئەزاسى چېن جىيەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەيسابەكنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ سوۋېت-خىتاي دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنى توسۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ياڭ جې ۋە چېن جىيەن بۇنىڭغا ماقۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى چىقارغان «تيەنشەن»، يەنى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدىن بىرىنىڭ مۇقاۋىسى.
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى چىقارغان «تيەنشەن»، يەنى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدىن بىرىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Ümidwar

ئۇنداقتا، قانداق بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا چىقىرىلغان مەزكۇر تۇنجى ئايلىق ژۇرنال سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەندىشىگە سالىدۇ؟ روشەنكى ژۇرنالدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى مەزمۇنلارنىڭ بولۇشى مۇھىم ئامىلدۇر. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تارىخ تەتقىقاتچىسى تاران ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ژۇرنال 20-ئەسىر تارىخىدا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىرىنچى ئۇنىۋېرسال ژۇرنال ئىدى.

سوۋېت ئالاھىدە ۋەكىلى ئىۋان ئىۋانوۋىچ سپىلۋانېكنىڭ بۇ دوكلاتى «تيەنشەن» ژۇرنىلى 1934-يىلى 15-دېكابىر كۈنى تارقىتىلىپ، 4 كۈندىن كېيىنلا، يەنى 19-دېكابىر كۈنى يوللانغان بولۇپ، ئەنە شۇ كۈنلەردە ئۇلار ژۇرنالدىكى باقالىلارنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ تەييارلاپ دوكلاتقا قوشۇپ سوۋېت رەھبەرلىرىگە يوللىغانىدى.

ژۇرنالنىڭ خىتايچە سانلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي سىياسىتى، مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتى ھەتتا شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىپ قوشۇن كىرگۈزۈپ، ما جوڭيىڭ ۋە باشقىلارنى يوقىتىپ، بۇ جاينى سوۋېتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغانلىقى ۋە باشقا مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان. تاران ئۇيغۇرنىڭ قارىشىچە، مانا مۇنداق مەزمۇنلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆزىگە قادالغانىدى.

دوكلاتتا ئەيسا ئەپەندى ۋە باشقىلارنىڭ سوۋېتقا قارشى ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەيسا ۋە باشقىلارنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى بويىچە ھۇجۇمىنى بەلگىلىگەن ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ ياپونىيە ۋەقەسىنىڭ كۈچىيىشى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ شىمالدا كۈچىيىشى شۇنىڭدەك نەنجىڭنىڭ سىچۈەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىۋاسىتە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭ، گەنسۇ ۋە شەنشى ئارقىلىق قوللاشقا ئېرىشىش ئەندىشىسى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. مۇنداق ئەندىشىلەر ياپون ئىغۋاگەرلىرى ۋە ھەم خىتايلارنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئوت يېقىلىۋاتىدۇ» دېيىلگەن.

ھەقىقەتەن، بۇ ۋاقىتتا مانجۇرىيەدە مانجۇگو دۆلىتى قۇرۇلغان، ياپون قوشۇنلىرى شىمالىي خىتاي رايونلىرىغا قاراپ كېڭىيىشكە باشلىغان، ياپونىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقى رايونلىرى ئۈچۈنمۇ چوڭ تەھدىتكە ئايلانغان ۋاقىت ئىدى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يوقىتىلىشىنى ئىلگىرىلىتىپ، خوجانىياز ھاجىنى شېڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇنى مۇئاۋىن رەئىسلىككە ئولتۇرغۇزغان، شېڭ شىسەينى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، بۇ ئۆلكىنى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغان چاغلار ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيەدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتاتتى. تۈركىيەدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەتنىڭ قارىشىچە، سوۋېت تەرەپنىڭ ئەيسا ئەپەندىنى سوۋېتقا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىشىدىكى سەۋەب ھەم تارىخقا ئۇيغۇن بولۇپ، ئەيسا ئەپەندى 1926-يىلى ئاشۇ ئەنجاندا خىتاي كونسۇلخانىسىدا ئىشلىگەن ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇرغان يىللاردىلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىي خەلقلەرنى پارچىلاش، جازالاش ۋە باشقا نۇرغۇن قىلمىشلىرىنى كۆرگەن ھەمدە ئۇنىڭدا سوۋېتقا قارشى كەيپىيات شەكىللىنىپ بولغانىدى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن چىقارغان «تيەنشەن»، يەنى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدىكى ماقالىلەر رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلانغان دوكلاتنىڭ بىر ئابزاسىنىڭ كۆرۈنۈشى.
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن چىقارغان «تيەنشەن»، يەنى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدىكى ماقالىلەر رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلانغان دوكلاتنىڭ بىر ئابزاسىنىڭ كۆرۈنۈشى.
RFA/Ümidwar

تاران ئۇيغۇرنىڭ قارىشىچە، 1930-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەرقاچان ئۆز ئەتراپىدا ئۆزىگە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ بولۇشىدىن ئەندىشە قىلغان، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سوۋېتقا قارشى رايون ياكى بازا بولۇشىنى خالىمىغان، بولۇپمۇ بۇ جايدا سوۋېتقا قارشى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويماسلىق سىياسىتى يۈرگۈزگەنىدى. شۇڭا بۇ ژۇرنال كىچىك مەتبۇئات بولسىمۇ، بىراق ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەندىشىگە سالالىغان.

ئەيسا ئەپەندى «تيەنشەن» نامىدىكى بۇ ژۇرنالنى 3-4 يىل نەشر قىلغان بولۇپ، ژۇرنال خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى تىلدا ئايلىق ژۇرنال سۈپىتىدە ھەر ئايدا بىر قېتىم چىققان، ژۇرنالنىڭ باش بەتلىرىگە فوتو سۈرەتلەر كىرگۈزۈلگەن. ژۇرنالدىكى خىتايچە ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرچىدىن ئەيسا ئەپەندى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئەمما كۆپىنچىسى شۇ ۋاقىتتىكى داڭلىق خىتاي زىيالىيلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان. ژۇرنالدا ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى سەۋەبى ۋە ئاقىۋەتلىرىگە ئائىت چاتما ماقالىسى ۋە باشقا ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ژۇرنالدا تارىخىي مەزمۇنلارمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن. بولۇپمۇ ژۇرنالنىڭ 1935-يىلىدىكى سانلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەيىبلەيدىغان ماقالىلەر كۆپلەپ ئورۇن ئالغان.

ژۇرنالنىڭ نەنجىڭدە چىقىرىلىشىدا شۇ جايدىكى ئاز ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە بەزى تىجارەتچىلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، گەرچە ئۇيغۇرچە قىسمىدىكى ئەسەر مەنبەسى بەك كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما پۈتۈن ئىمكانىيەتلەر بىلەن تىرىشىلغانىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەنجىڭدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى سپىلۋانېك مەزكۇر مەخپىي دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا «شۈبھىسىزكى، ئەيسا ۋە باشقىلارنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرى ياپونىيە جاسۇسلۇق تورى ۋە خىتاي فاشىست-مىللەتچىلىرىنىڭ شىنجاڭدا جىددىي ۋەقەلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن سىگنال بېرىدۇ» دېيىش ئارقىلىق ستالىن باشچىلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

مەزكۇر مەخپىي دوكلات رۇسىيە فېدېراتسىيە تاشقى ئىشلار ئارخىپخانىسىدا ساقلانغانىدى. مەزكۇر ئارخىپخانىدا يەنە ستالىن، مولوتوۋ قاتارلىق سوۋېت رەھبەرلىرى بىلەن شېڭ شىسەي ئارىسىدا يېزىلغان خەتلەر ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى تۇنجۇقتۇرۇشقا ئائىت نۇرغۇن ھۆججەتلەر ساقلانغان. بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 1933-يىلى 3-ئاۋغۇست كۈنى چىقارغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە ئائىت 9 ماددىلىق مەخپىي قارارى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بۇنىڭدا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىغا يول قويماسلىق، بۇ جاينى خىتاينىڭ قولىدا تۇتۇپ، ئۆزلىرى كونترول قىلىش، ئۇيغۇرلارنى ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش دېگەندەك ماددىلار ئورۇن ئالغان، بۇنىڭدا ھەم سوۋېتقا قارشى ۋە زىيانلىق ھەرىكەتلەرگە يول قويماسلىق، ياپونىيە ئامىلىنى چەكلەش كۆرسىتىلگەنىدى. ئەيسا ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 1949-يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن دۈشمەن، پانتۈركىست دەپ كۆرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەلىرى، سۆز ھەرىكەتلىرى نازارەت قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.