تارىخ ۋە بۈگۈن (18‏-مارت)

« تارىخ ۋە بۈگۈن » سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسمىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشلىگەن « غېنى باتۇر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشلىرىمىزنىڭ داۋامىنى ھەمدە ئەركىن تارىمنىڭ دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر تارىخى داستانى « ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ تەتقىق قىلىنىش مەسىلىلىرىگە ئائىت سۆھبەتنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

2012.03.18
gheni-batur-heykili.jpg غېنى باتۇرنىڭ ھەيكىلى.
رىشات ئەپەندى تەمىنلىگەن

 قازاقىستان كىنو ستۇدىيىسى 1980-يىلى ئىشلىگەن  « غېنى باتۇر»   ناملىق  ئىشلىگەن  ھۆججەتلىك  فىلىمنىڭ سىنارىيىسىنى  ئۇيغۇر يازغۇچىسى، 1950-يىللاردا شىنجاڭ مۇزېيى  ۋە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىلمىي خادىمى بولۇپ ئىشلەپ،  كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن  شۇنىڭدەك 1970-يىللاردا  قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىلشۇناسلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى  ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان يۈسۈپبەگ مۇخلىسوف   ھەمدە سېنارىست  ئى. مالىيار بىرلىشىپ يازغان.  فىلىمگە «قازاقفىلىم»  ستۇدىيىسىنىڭ ئاتاقلىق رېژسسورلىرىدىن  ئە. فايۇك رېژىسسورلۇق قىلغان. فىلىمنىڭ ئوپېراتورلۇقىنى رۇس ئوپېراتورى  ر. چىكايېۋ، تەھرىرلىكىنى يۇ. رېزنىكوۋ قىلغان.  فىلىمنىڭ مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ ئىلمىي خادىمى،  ئۇيغۇر تارىخچىسى گېگېل ئىسھاقوف ئاتقۇرغان. فىلىمنى ئىشلەش قوشۇنىنىڭ مىللەت تەركىبى ھەر خىل بولۇپ، بۇنىڭغا  ئۇيغۇر، رۇس، قازاق ۋە باشقا مىللەت  كىنو خادىملىرى قاتنىشىپ ئورتاق تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.