مەلۇمكى، بۇنىڭدىن 55 يىل ئىلگىرى، يەنى 1962-يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى ئالدىغا كېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلار ئوققا تۇتۇلغان ئىدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «1962-يىل 29-ماي پاجىئەسى» دەپ نام ئالغان بۇ ۋەقەنىڭ بىر قىسىم تىرىك شاھىتلىرى قازاقىستاندا ياشايدۇ. شۇلاردىن بىرى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ قاپچىغاي شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان يەھىيە تايىروفتۇر.
ئىگىلىشىمىزچە، غۇلجا «ماي ۋەقەسى» قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا دەسلەپ قېتىم تونۇلغان يازغۇچى يەھىيە تايىروفنىڭ 2011-يىلى يورۇق كۆرگەن «كۆيۈۋاتقان يول» ناملىق رومانىدا يورۇتۇلغان ئىدى. مەزكۇر ئەسەردە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى تەۋەسىدە ياشىغان شۇ ۋاقىتتىكى سوۋېت پۇقرالىرى، ئۈچ ۋىلايەت ئازادلىق ھەرىكىتى قاتناشقۇچىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قىسمەتلىرى، شۇنداقلا 29-مايدا كېلىپ چىققان غۇلجا ۋەقەسى ئەكس ئېتىلگەن.
يەھيا تايىروفنىڭ ئېيتىشىچە، 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا بۇ ئەلدە «تەتۈر ئىنقىلابچىلارنى بېسىقتۇرۇش»، «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش»، «ئىستىل تۈزىتىش»، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»، «پولات تاۋلاش» قاتارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەر يۈرگۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق زەرداب چەككەن ئىدى. بۇ دەۋردە بولۇپمۇ خىتاي چوڭ مىللەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان بېسىم سىياسىتى ھەددى-ھېسابسىز كۈچەيدى. ي. تايىروف شۇ ۋاقىتلاردا غۇلجا شەھىرى ۋە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ باشقىمۇ شەھەر-يېزىلىرىدا كۆپلىگەن زىيالىيلارنىڭ، 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا مەيدانغا كەلگەن ئىلى سۇلتانلىقى ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلغانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ، ئۈچ ۋىلايەت ئازادلىق ھەرىكىتى قاتناشقۇچىلىرى ھەم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىدە يۇقىرى لاۋازىملاردا ئىشلىگەن شەخسلەر ھەم ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ياشىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈچنى ئەنە شۇلارنى يوقىتىشقا قاراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «غۇلجىدا قانداقتۇر بىر ۋەقە قوزغاپ، بۇنىڭدا ئۆزلىرىنىڭ ھەل بولمىغان مۇرات-مەقسەتلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشتى. بۇرنىڭغا تۇيۇقسىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا بىر ئىش سادىر بولدى. يەنى سوۋېت پۇقرالىرى جەمئىيىتىدە قانداقتۇر بىر قانۇنسىز ئىش بولغان بولسا كېرەك. 1962-يىلى 21-ماي كۈنى بۇ جاينى پېچەتلەپ، نۇرغۇن ئادەمنى قولغا ئالدى. سوۋېتنىڭ ھەرىكەتلىرى خىتاينىڭ ئويىغا توغرا كېلىپ قالدى. يەرلىك خەلقنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن خىتايلار كوچىلاردا ھاراقلارنى نورمىسىز ساتتى. خەلققە ھەر تۈرلۈك ئەركىنلىكلەرنى بەرمەكچى بولدى».
ي. تايىروف بۇ چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت پۇقرالىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىگە يول بېرىپ، كۈنىگە بىر نەچچە ماشىنىنىڭ قورغاسقا قاتناپ تۇرغانلىقىنى، مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قوشنا قازاقىستانغا چىقىپ ئۈلگۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ناھايىتى ئاممىۋى بىر تۈسكە كىرگەن ۋاقىتتا ئوبلاستلىق خەلق كومىتېتى باشلىقى بېلەت سېتىلمىسۇن، بۈگۈندىن تارتىپ توختىتىلسۇن، دەپ ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا خەلق ھەيران قالىدۇ. گەپ تالاشنىڭ ئۈستىدە قاتناش ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا ھەربىي رايوننىڭ يۈك بېسىلغان تۆت ماشىنىسى توختىدى. بۇ ماشىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەقەت ئوق بار. ئەتراپىدا خىتاي چېرىكلىرى مىلتىق تۇتۇپ تۇرىدۇ».
ي. تايىروفنىڭ ئېيتىشىچە، خەلق ئىچىدە ئاڭلىق كىشىلەرمۇ بولۇپ، شۇلاردىن بىرى بۇ يەرگە سوۋېتقا چىقىپ كېتىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىش، ھوقۇق تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. خەلق ئوبلاستلىق خەلق كومىتېتىغا كەلگەندە بىنا ئۈستىدە پىلىموت ئورنىتىلغانلىقىنى كۆرگەن. ي. تايىروف سۆزىنى يەنە مۇنداق دەپ داۋام قىلدى: «خەلق ئوبلاستلىق خەلق كومىتېتىغا بېرىپ، شۇ گەپلەرنى دەيمىز دېگەندە ئوق ئېتىلدى. بىر موماي، ئاندىن ئالدىمدا ئىككى-ئۈچ بالا يىقىلدى. تۆمۈر رېشاتكىلارنى بۆسۈپ كىرىپ كەتكەن بالىلارنىڭ ھېچ قايسى ساق چىقمىدى».
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆلگەنلەر ۋە يارىدار بولغانلار ئىنتايىن كۆپ بولغان. كەچقۇرۇن مەزگىلىدىن بۇرۇن چىراغلار ئۆچكەندە خىتاي ئەسكەرلىرى ماشىنىلار بىلەن كېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي تىنتىش ئىشلىرىنى يۈرگۈزگەن ھەم گۇمانلانغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى ئېلىپ كېتىلگەن. خىتاي دائىرىلىرى ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ، كەچ سائەت بەشتىن كېيىن كوچىغا چىقماسلىق، غۇلجىغا ئادەم كىرگۈزمەسلىك ۋە ئۇنىڭدىن چىقارماسلىق ئوخشاش ھەر خىل بۇيرۇقلارنى چۈشۈرگەن ئىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، 1962-يىل «29-ماي پاجىئەسى» يېتەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلىنمىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى مۇشۇ كۈنگىچە ئېنىقلانمىغان. سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۆزىنىڭ 2009-يىلى نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىدا بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بەرگەن. ئۇنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، قۇربان بولغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 200 ئادەمنى تەشكىل قىلىدۇ.
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر 1956-يىلى 6-ئايدا نىكىتا خرۇشيېف باشچىلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەركىزىي كومىتېتى مەخپىي توختام قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭدا سوۋېتنىڭ ئىلگىرىكى رەھبىرى ستالىننىڭ «شەخسكە سېغىنىشى» ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى تەنقىد قىلىنىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىدىيىۋى توقۇنۇش ئىككىنچى قېتىم يۈز بەرگەندە بۇ قارىمۇ-قارشىلىقلار دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ. بۇ ھەقتە قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «1958-يىلى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ئۈچۈن خرۇشيېف بېيجىڭغا بارىدۇ. ئامما بۇ يەردە قارىمۇ-قارشىلىق يۈز بېرىدۇ.
ئۇنىڭ ئالدىدا سوۋېت ئىتتىپاقى خىتايغا ئاتوم بومبىسىنىڭ تېخنولوگىيەسىنى بەرمەكچى بولغان ئىدى. ئامما مۇشۇ سۆھبەتتىن كېيىن ئۇ ماۋ زېدوڭغا ئاتوم بومبىسىنى بېرىشنى خالىمايدۇ. بۇ ئىككى شەخس ئارىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىق دۆلەتلەر ئارا قارىمۇ-قارشىلىققا ئايلىنىدۇ. شۇ يىللىرى ماۋ زېدوڭ پۈتكۈل دۆلەتتە، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرىستاندا ھەر قانداق بىر سىياسىي ھەرىكەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان. شۇنداق قىلىپ 60-يىللىرى پۈتكۈل ئەلدە ئاچارچىلىق يۈز بېرىدۇ».
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ تەكىتلىشىچە ئاچارچىلىقتىن پۈتكۈل مەملىكەتتە مىليونلىغان كىشى ۋاپات بولىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەقەت باي ناھىيەسىدىلا كۆپ ساندا ئادەم قىرىلغان. مۇشۇنداق بىر پەيتتە سوۋېت ئىتتىپاقى خىتايغا ئىقتىسادىي ياردەمنى توختاتسا، خىتاي مىڭلىغان سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىنى مەملىكەتتىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: «سوۋېت ئىتتىپاقى ياڭلىۋاشتىن ئۇيغۇرلارنى ئىشلىتىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئاتالمىش سوۋېت پۇقرالىرى جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارغا ئاممىۋى پاسپورت تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خىتاي تەرەپ بولسا، شۇ ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىدىغان كىشىلەرگە بېلەت سېتىش، ئاپتوموبىل بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنى قىلىپ بەرگەن. لېكىن 1962-يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ بۇ مەسىلە پەيدىن-پەي توختىتىلىشقا باشلايدۇ. شۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرا ئوچۇق دېگەن گەپلەرنى تارقىتىدۇ. خىتايمۇ كۆچۈپ چىقىدىغانلارغا توسالغۇلۇق قىلمايدۇ».
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەم خىتاي، ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنى پايدىلانغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدا تىڭ يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە باشقىمۇ ئىشلاردا ئۇيغۇرلارنى پايدىلىنىشنى كۆزلىگەن. خىتاي بولسا، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلار تاشلاپ كەتكەن يەر-مۈلۈككە ئىگە بولۇش، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئىچكىرىدىن خىتايلارنى ئېلىپ كېلىش ئوخشاش مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ مەزكۇر كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قانلىق ۋەقەدىن كېيىنلا غۇلجىدا ئومۇميۈزلۈك قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئېلىپ، ئون مىڭلىغان كىشى خىتاي-سوۋېت چېگراسىغا قاراپ قېچىشقا باشلىغان.
شۇ كۈندىن باشلاپ تاكى ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە قازاقىستانغا 67 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم كۆچۈپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ 70 پىرسەنتتىن ئوشۇقىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان.