ھەممىگە مەلۇمكى، مىسىر، تۇنىس ۋە لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئەرەب باھارى غەلىبە قىلىپ، ھاكىمىيەت خەلقنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، خەلق قانۇنلۇق سايلام يولى بىلەن ئۆز رەھبەرلىرىنى تاللاپ چىققان ئىدى.
تەھلىلچىلەرگە كۆرە، مىسىرنىڭ ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئورنى ۋە نوپۇزى ئالاھىدە چوڭ ئىكەن. شۇڭا مىسىردا بولغان قانداقلا بىر ئۆزگىرىشنىڭ باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىگە تەسىر قىلىشى ئېنىق ئىكەن. بۇ سەۋەبتىن مەيلى ئىسلام دۆلەتلىرى بولسۇن، مەيلى غەرب دۆلەتلىرى بولسۇن، ھەممە مىسىرنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىكەن. شۇ قاتاردا ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىمۇ يېقىندىن بىرى مىسىردىكى ئۆزگىرىشلەرنى جىددىي كۆزىتىپ تۇرماقتا ئىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ 1 - مارت كۈنىدىكى سانىدا، «ئىران رەھبىرىنىڭ مىسىر رەئىسىگە يازغان مەكتۇبى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«مۇندىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئىران رەھبىرى ئەلى خامىنىئىينىڭ مىسىر رەئىسى دوكتور مۇھەممەد مۇرسىغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەنلىكى ۋە «ئىمام خۇمەينى ئېلىپ بارغان ئىسلاھات ئىراننى دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ چىقتى» دېگەن سۆزنى قىستۇرۇش ئارقىلىق مۇرسىنىمۇ خۇمەينىينىڭ يولىدا مېڭىشقا دەۋەت قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئەرەب دۇنياسىدا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. مۇرسى تەختكە چىقاندىن بىرى ئىرانلىق مەسئۇللارنىڭ مىسىردىن ئايىقى ئۈزۈلمىگەنلىكى ۋە مىسىردا خۇمەينىي ئىنقىلابىنى تىرىلدۈرۈش يولىدا قاتتىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىمۇ ئېنىق. مۇرسىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ كۆز يۇمماسلىق لازىم. تۈركىيىلىك سىياسەتچىلەرنىڭمۇ مىسىردا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەنلىكىدە شەك يوق. ئەمما يەنىلا قارار ئىگىسى مىسىرلىقلار ۋە مىسىر رەھبەرلىرىدۇر. مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئىراننىڭ يولىنى تاللاش ياكى تۈركىيىنىڭ يولىنى تاللاش ھەققىدە ئەلۋەتتە بىرەر قارارغا كېلىپ بولغانلىقىدىمۇ شەك يوق. ئۇنداقتا، مىسىرغا ئىرانلىق مەسئۇللارنىڭ بېرىشى ۋە ئىران رەھبىرىنىڭ مىسىر رەئىسىنى تەبرىكلىشى ھەم ئۇنى ئىرانلىقلارغا ئوخشاش بولۇشقا چاقىرىشى نورمال ئەھۋال. مۇھىم بولغىنى مۇرسىنىڭ قارارى ۋە جاۋابىدۇر. مۇرسىنىڭ «مەن خۇمەينىيچە يول تۇتىمەن» ياكى «ئەردۇغانغا ئوخشاش يول تۇتىمەن» دەپ بايانات بەرگەنلىكىنى ئاڭلىمىدۇق. شۇڭا ئۇنى خۇمەينىيچى ياكى ئەردۇغانچى دەپ ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن تېخى بىر ئاز بالدۇر.»
خەلق دۆلىتىدىن باشقىسى داۋام قىلمايدۇ
لوندوندا چىقىدىغان«ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ شۇ كۈنىدىكى سانىدا «مىسىر ئىرانچە دۆلەت بولامدۇ ياكى خەلق دۆلىتىمۇ» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:«مىسىردا ھاكىمىيەتكە چىققان «ئىخۋانۇل مۇسلىمۇن»جامائىتىنىڭ مۇددىئاسى ئىسلام خەلىپىلىكىنى قايتا تىكلەشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدا شەك يوق. ئەمما ئۇلار بۇ غايىگە دىكتاتورلۇق بىلەن يەتمەكچىمۇ ياكى دېموكراتىك يول بىلەنمۇ؟ بۇنىڭغا ئالدىراپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. ئىران ئىسرائىلىيىدىن قالسا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىككىنچى بىر دىن دۆلىتى ھېسابلانغان بولسىمۇ، ئۆز دائىرىسىدىن چەتنەپ كېتەلمىگەن. باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇددىئاسىنى تاڭغان بىلەنمۇ ئۇلارنى قايىل قىلالماي كەلمەكتە. بۇ ئورۇندا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىپ ئەردۇغاننىڭ مۇنۇ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشنى مۇناسىپ كۆردۈم: «بىز دىنىي رەھبەرلەرنىڭمۇ، ئىمپېراتورلارنىڭمۇ دەۋەتلىرىگە قولاق سېلىپ كۆردۇق. ھازىر چۈشىنىپ يەتتۇقكى، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش بىلەن خەلق دۆلىتىدىن باشقىسى داۋام قىلمايدىكەن.»
0:00 / 0:00