
مەزكۇر كۆز قاراش ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خەلقئارا جەمئىيەتكە تارقىتىلغان دىپلوماتىيىلىك ھۆججەتلەر ۋە بىلدۈرۈشلەردە ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، جياڭ كەيشى دائىرىلىرى «شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتتە»، «شىنجاڭ مەسىلىسى دىپلوماتىيىلىك مەسىلە» دەپ تەرىپلەش ئارقىلىق، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب مەملىكەتلىرىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابى ئارقىلىق شىنجاڭنى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى بىر قىسىم خىتاي ۋە غەرب تارىخچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىلى ئىنقىلابى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى يازغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي ئىنقىلابنى تەشكىللىگەنلىكى ۋە ياكى ئۇنىڭغا باشتىن –ئاخىرى قول تىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى . لېكىن، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ئىشتىراكچىلىرى بۇ كۆز قاراشنى رەت قىلىپ، ئىنقىلابنى ئىمپورت قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كەمسىتىش ۋە باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئازادلىق ھەم قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، 1937-يىلى ئابدۇنىياز بەگ باشچىلىقىدىكى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. بۇنداق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى 1940-1944-يىللىرىدا يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرگەن بولۇپ، 1940-1943 - يىلىدىكى ئالتاي خەلقىنىڭ قارشىلىق قوزغىلاڭلىرىدىن باشقا يەنە غۇلجا، ئاقسۇ، چۆچەك، ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردا ھەر خىل يەر ئاستى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇپ، تۈرلۈك قارشىلىق ئىدىيىلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرىنى تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان.
سابىق مىللىي ئارمىيە كاپىتانى، مەرھۇم ماخمۇت پارماشېف ئەپەندى 2004 - يىلى ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلغاندا 1943-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا غۇلجا شەھىرىنىڭ ھەر قايسى مەھەللىرىدە بىر قانچە يەر ئاستى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇپ، ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ تەشكىلاتلار ئازادلىق تەشكىلاتىدىن ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن. ئەمما، 1944-يىلى 4-ئايلاردا قۇرۇلغان ئازادلىق تەشكىلاتى ئىنقىلابتا ئەڭ مۇھىم يادرولۇق تەشكىلاتقا ئايلانغان ئىدى.
«ياش تۈركىستان» ژۇرنىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە
1934-يىلى، ياۋروپا تارقىتىلىدىغان «ياش تۈركىستان» ژۇرنىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇر ھەم تەھلىل ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ جۇرنالدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىكى ئىچكى-تاشقى ئامىللار ۋە ئۇيغۇر -تۇڭگان مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە ما جوڭيىڭ قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان قوشۇنىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ھەربىي جەھەتتىن يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئانالىزلار ئېلان قىلىنغان. بۇ ئانالىزلاردا جۇمھۇرىيەتنىڭ ھالاك بولۇشىدىكى ئاساسلىق تاشقى ئامىلنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ قوزغىلاڭچى خەلقلەر ئارىسىنى بۇزۇش ئىستراتېگىيىسى ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. (ئەركىن تارىم مەلۇمات بېرىدۇ)
زىيا سەمەدىنىڭ «يىللار سىرى» ناملىق ئەسىرى (1)
زىيا سەمەدى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئېلىپ بارغان داغدۇغىلىق ئازادلىق كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تۇتۇش قىلىپ، «يىللار سىرى» ناملىق تۆت توملۇق رومانىنىڭ بىرىنچى كىتابىنى 1967-يىلى، ئىككىنچى كىتابىنى 1971-يىلى نەشر قىلدۇرىدۇ. ئۇ يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ روماننىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى كىتابلىرىنى 1989-يىلى قازاقىستان «يازغۇچى» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. يازغۇچى «يىللار سىرى» نىڭ 1-ۋە 2-كىتابلىرىدا خوجا نىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى قۇمۇل خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى، بۇ قوزغىلاڭ ئوتلىرىنىڭ تېزدىن كېڭىيىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممىلا جايلىرىغا تۇتۇشۇپ، جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.