«ماۋىزم ئىنسانىيەتكە تەھدىت» -كونا تارىخىي ھۆكۈمنىڭ يېڭى تەكرارى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2021.09.16
«ماۋىزم ئىنسانىيەتكە تەھدىت» -كونا تارىخىي ھۆكۈمنىڭ يېڭى تەكرارى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى خادىمى تۇرسۇن رەخىموف ئەپەندى.
RFA/Ümidwar

1961-يىلىدىن تارتىپ خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلىرى پارتىيەسىنىڭ «شېرىنئاي مۇناسىۋەتلىرى» بۇزۇلۇپ، بىر-بىرىگە رەقىب ۋە دۈشمەن بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. 1969-يىلى ئىككى تەرەپ قوشۇنلىرى دامانسكىي ئارىلىدا شىددەتلىك بىر مەيدان چېگرا ئۇرۇشى قىلدى ھەم ئىككى دۆلەت قوشۇنلىرى ئۇرۇش ھالىتىگە كىردى. سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باشتا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ھەر خىل ياردەملىرى ۋە مەنپەئەتلىرىگە ئىگە بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن قىلمىشلىرىنى «چوڭ يۈزسىزلىك»، «ۋاپاسىزلىق»، «ساتقۇنلۇق» دەپ قاراپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ماۋ زېدوڭنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى، ئالدامچىلىقىنى، ئومۇمەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ساختىلىقلىرى» نى پاش قىلىدىغان تەشۋىقات ئۇرۇشىنى باشلىدى. خىتايمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى «سوتسىيال جاھانگىر» لىك بىلەن ئەيىبلەپ ئومۇميۈزلۈك قارشى تەشۋىقات باشلىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى خادىمى تۇرسۇن رەخىموف ئەپەندىنىڭ «ماۋىزم ئىنسانىيەتكە تەھدىت» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى.
سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى خادىمى تۇرسۇن رەخىموف ئەپەندىنىڭ «ماۋىزم ئىنسانىيەتكە تەھدىت» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى.

مانا شۇ چاغدا موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق ئىنستىتۇتى، شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى شۇنىڭدەك قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى بىرقىسىم ئالىملار خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرى تارىخىغا ئائىت ساختىكارلىقلىرى، يەنى تارىخنى ساختىلاشتۇرۇشلىرىنى پاش قىلىپ ئەسەرلەرنى يازدى. بەزى سىياسىي تارىخچىلار ۋە سىياسىي مەسىلىلەر تەتقىقاتچىلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرى، جۈملىدىن مىللىي سىياسىتىدىكى خاتالىقلار، مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشلىرى، مىللەتلەرگە بەرگەن ۋەدىلىرىدىن يېنىۋېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى يورۇتۇشقا كىرىشتى.

ئەنە شۇ ھەرىكەتنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئالغان سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى خادىمى تۇرسۇن رەخىموفنىڭ 1981-يىلى «‹ماۋىزم ئىنسانىيەتكە تەھدىت› خىتايدىكى خەنسۇ ئەمەس مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى» ماۋزۇلۇق كىتابى موسكۋادىكى «تەپەككۇر» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىپ تارقىتىلدى. قازاقىستاندىكى تارىخچى ۋە سىياسەتشۇناس شۇنىڭدەك 1970-1980-يىللاردىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ پودپولكوۋنىكى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەتتا ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەن بولۇپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھەربىي تەييارلىقلارغا ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتايغا قارشى تەشۋىقاتلارغا جەلپ قىلىنغان. موسكۋادا ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇرسۇن رەخىموف ئەنە شۇ جەرياندىكى ئاتاقلىق ئەربابلارنىڭ بىرى ئىدى.

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسىيونلىرى، جۈملىدىن مىللىي مەسىلە تەتقىقاتچىلىرى، بولۇپمۇ تۇرسۇن رەخىموفنىڭ نىشان قىلغىنى ماۋ زېدوڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1920-يىللاردىن تارتىپ تاكى 1949-يىلى دۆلەت قۇرغىچە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئاخىرىدا بۇنىڭدىن تامامەن يېنىشى ئىدى.

30 مىڭ تىراژدا چىقىرىلغان «ماۋىزم ئىنسانىيەتكە تەھدىت» ناملىق مەزكۇر 156 بەتلىك سىياسىي كىتاب ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى خىتاينى، خىتاي كومپارتىيەسىنى تەنقىد قىلىدىغان ئەسەرلەر ئىچىدە نوپۇزلۇق ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، تۇرسۇن رەخىموف كىتابىدا مەخسۇس خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى شۇنىڭدەك باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى ساختىلاشتۇرغانلىقىنى، بۇرمىلىغانلىقىنى پاكىتلار بىلەن كۆرسەتكەندىن سىرت مەخسۇس تۈردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تاكى 1949-يىلىغىچە بولغان 20 نەچچە يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھوقۇقىنى، يەنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ۋە فېدېراتسىيەلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنى ئىزچىل جاكارلاپ كەلگەنلىكىنى بىرمۇبىر پاكىتلىق كۆرسىتىدۇ.

تۇرسۇن رەخىموف خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1922-يىلىدىكى 2-قۇرۇلتىيى، 1923-يىلىدىكى 3-قۇرۇلتىيى، 1928-يىلىدىكى 6-قۇرۇلتىيىدا ۋە باشقا قارارلىرىدا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى پروگرامما سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلىقى، ھەتتا 1934-يىلى جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 14-ماددىسىغا بۇ ھوقۇقنى كىرگۈزۈپ، مىللىي رايونلار ۋە مىللەتلەرنىڭ خالىسا خىتاي سوۋېت جۇمھۇرىيىتى تەركىبىدە قالسا، خالىسا چىقىپ كېتىپ ئۆز دۆلىتىنى قۇرسا بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، ھەتتا 1947-يىلىمۇ خىتايدا فېدېراتسىيەلىك تۈزۈم ئورنىتىدىغانلىقىنى پۈتۈن خىتايغا ھەتتا دۇنياغا جاكارلىغانلىقىنى مىسال بىلەن كۆرسىتىدۇ.

تۇرسۇن رەخىموف ئاخىرىدا ماۋ زېدوڭ باشلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن ھەممە ۋەدىلىرىنى چەتكە قايرىپ قويۇپ، مىللىي مەسىلىنى ئۆز خاھىشى بويىچە، يەنى «چوڭ خىتايچىلىق» يولى بىلەن ھەل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ: ئۇنىڭ «مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشى ئىسپاتلىدىكى، بۇ چوڭ خىتايچىلىقتۇر ۋە بۇ تارىختىكى خىتاي ئىمپېراتورلىرى ھەم گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىدىن پەرقلەنمەيدۇ» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى تاران ئۇيغۇرمۇ تۇرسۇن رەخىموفنىڭ كىتابىدىكى بۇ بايانلارنىڭ ناھايىتى توغرا ئىكەنلىكىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقتىن كۈچىيىش جەريانىدا ئەنە شۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن قەدەممۇ-قەدەم يانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

تۇرسۇن رەخىموف بۇ خىل مەزمۇنلاردا، يەنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي سىياسەتتىكى ساختىلىقلىرى ۋە باشقىلار ھەققىدە 1968-1980-يىللىرى موسكۋادىن تارقىتىلغان «ۋەتەننى قۇتقۇزۇش رادىيوسى» غىمۇ ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىپ تۇرغانىدى. قازاقىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، ژۇرنالىست رىزا سەمەدى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە ئۇ مەزكۇر ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ئىدى.

تۇرسۇن رەخىموف «ماۋىزم ئىنسانىيەتكە تەھدىت» ماۋزۇلۇق كىتابىدا كونكرېت ھالدا ماۋ زېدوڭ باشلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۇيغۇر تىلىنى، مەدەنىيىتىنى چەكلەپ ھەم يوقىتىپ، تارىخىنى بۇرمىلاپ، ساختىلاشتۇرۇپ ھەم يوقىتىپ، مىللىي ھوقۇقىنى، يەنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ ساقتا ئاپتونومىيەسىگە قارشى تۇرغانلارنى باستۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى «مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا مىللىي كەمسىتىش يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ بايان قىلىشىچە تۇرسۇن رەخىموف ئوتتۇرىغا قويغان بۇ نۇقتىلار بۈگۈنكى كۈنلەردە ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «قىرغىنچىلىق» سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى خەلقئارالىق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشمەكتە. تۇرسۇن رەخىموف 40 يىللار ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇقۇملار بۈگۈنمۇ ئوخشاش ۋە تېخىمۇ تولۇق مەزمۇندا تەكرارلىنىپ خەلقئارا سەھنىگە چىقتى.

1912-يىلى بىشكەكتە ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان تۇرسۇن رەخىموف، 1930-1940-يىللاردا تاشكەنت ۋە لېنىنگراد ( ھازىرقى سانكىتپېتېربۇرگ) شەھەرلىرىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىدا كۆپ يىللار ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە خىزمەت قىلغان. ئۇ، 1970-يىللاردا يىراق شەرق ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي تەتقىقات بۆلۈمىدە ئىشلەپ، 1986-يىلى موسكۋادا ۋاپات بولغان. ئۇ، سىياسىي ماقالىلەر ۋە كىتابلاردىن باشقا «رۇسچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» ھەم باشقا ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلاش ۋە تەھرىرلەش بىلەنمۇ مەشغۇل بولغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.