تارىخىي شاھىت: خەلق ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئۆلۈمىدىن قاتتىق ئازابلاندى، لېكىن قوزغالمىدى

0:00 / 0:00

1949-يىلى، 7-8-ئايلاردا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ئەزالىرىدىن بىرى ليۇ شاۋچى باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى ھەيئىتىنىڭ مەخپىي موسكۋا زىيارىتىدە خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن سوۋېت كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئارىسىدا كەلگۈسى قۇرۇلغۇسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، سىياسىي شۇنىڭدەك مىللەتلەر ۋە دىنىي سىياسەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىستىك خىتايغا كۆرسىتىدىغان ھەر تەرەپلىمە ياردەملىرى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى. ئەنە شۇ پىكىر بىرلىكى ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي تەقدىرى مەسىلىسىمۇ مۇھىم نۇقتا بولۇپ، ئىستالىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تېزدىن ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن قاتناش، يېقىلغۇ، ھەتتا كېرەك بولسا ھەربىي ۋە سىياسىي ياردەم بېرىش ۋەدىلىرىنى بەردى. شۇنىڭدەك يەنە ئىستالىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تېز قۇرۇشى، يەنى كېچىكتۈرمەي، 1949-يىلىنىڭ 10-ئايلىرىدا ئېلان قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت قۇرۇش سىياسىتى ۋە پروگراممىلىرىنى قوللاش، ھەتتا ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا قالدۇرۇش سىياسىي نىشانى بۇرۇنلا بەلگىلىنىپ بولۇنغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ئاناستاس مىكويان ئىستالىننىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە 1949-يىلى فېۋرالنىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ شىبەيپو دېگەن يېرىدە رەسمىي مەخپىي زىيارەتتە بولغاندا خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىغا، يەنى شىنجاڭغا مۇستەقىللىق ئەمەس، بەلكى مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىش، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جايدىن زېمىن داۋاسى بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى پوزىتسىيەسى ماۋ زېدوڭ قاتارلىقلارغا رەسمىي بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن تەخمىنەن 5 ئاي ئۆتۈپ ليۇ شاۋچى موسكۋانى مەخپىي زىيارەت قىلغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيەسى يەنە بىر قېتىم قەتئىي رەۋىشتە ۋە ئاخىرقى قېتىم بىلدۈرۈلدى. ئەنە شۇ 1949-يىلىنىڭ 7-ئېيىدىن ئېتىبارەن 1944-يىلى باشلىنىپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى سىياسىي تەقدىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي تەقدىرى پىچىلىش باسقۇچىغا كىرگەنىدى. ۋەھالەنكى، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى قوزغىغان كەڭ خەلق ئاممىسى، جۈملىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى سوۋېت ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، جۈملىدىن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ تەقدىرىگە ئائىت مەزكۇر مەخپىي كېلىشىملەردىن خەۋەرسىز قالدۇرۇلغان ئىدى. شۈبھىسىزكى، موسكۋانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ياردىمى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئالاقىچى ۋەكىلى دېڭ لىچۈن 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 14-كۈنى غۇلجىغا يېتىپ كېلىپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەت باشلىغاندىن كېيىنلا بۇ ئىككى كوممۇنىست كۈچلىرىنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى ئەخمەتجان قاتارلىقلارغا ئايدىڭلاشتى. ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىدا چىقىدىغان «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى مۇنىر يېرزىن ئەپەندى شۇ ۋاقىتتا غۇلجىدا نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكى، ۋەزىيەتنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى قاتارلىقلارنى ئەسلەيدۇ.

ئۇ، ليۇ شاۋچىنىڭ موسكۋا زىيارىتى، دېڭ لىچۈننىڭ غۇلجىدىكى پائالىيەتلىرى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ غۇلجىدىن ئايرىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگىچە بولغان پۈتۈن جەريانلار ئۇيغۇر خەلقىدىن مەخپىي ۋە سىر تۇتۇلغان ھالدا داۋاملاشقانىدى. ئەمما ئۇ. ئۆزى مەتبۇئات ساھەسىدىكى كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ نەگە كەتكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە ئائىت بەزى مەخپىيەتلىكلەردىن مەلۇم دەرىجىدە خەۋەردار بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئالتاي-تارباغاتايلارغا خىزمەت بىلەن كېتىپتۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھەيرانلىق ھېس قىلغان، چۈنكى ئەخمەتجان قاسىمى شۇ يىلى 7-ئايدا ئالتايدا بولغاندا ئۇ ئالتايدا ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن كۆرۈشكەنىدى. ئەنە شۇنداق ھەيرانلىق ئىچىدە تۇرغاندا تەخمىنەن 9-ئاينىڭ 15-كۈنلىرى ئۇ «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى ئىدارىسى باشلىقى ئۇيغۇر سايرانىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان. بۇ خەۋەرنى ئۇيغۇر سايرانى «ئىتتىپاق» تەشكىلاتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەسھەت ئىشاقوفتىن بىلگەن، ئۇلارغا بەلكى سوۋېت كونسۇلخانىسى ئۇقتۇرغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. مۇنىر يېرزىن ئەپەندى: «لېكىن بۇ يەنىلا خەلقتىن مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇر پەقەت قىسمەن ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئارىسىدىلا تارقالدى، خەلق تېخى بىلمىگەن ئىدى» دەيدۇ.

بۇ يىل 91 ياشقا كىرگەن، ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇر ۋە تاتار تارىخىغا ئائىت ئىلمىي ئەسەرنىڭ ئاپتورى، ئۇيغۇرشۇناس مۇنىر يېرزىن ئەپەندى 1947-يىلىدىن ئېتىبارەن، «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە ئىشلەش جەريانىدا ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەن، ئۇنىڭ گېزىتخانا باشلىقى ۋە ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىكىدىكى «ئىتتىپاق» نىڭ مەركىزى تەشكىلىي ھەيئەت ئەزالىرى ئۇيغۇر سايرامى، ئەسھەت ئىسھاقوفلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمۇ يېقىن ئىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ۋە «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدىكى خادىملار ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ۋەكىلى دېڭ لىچۈننىڭ غۇلجىغا كەلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئىدى. چۈنكى، بۇ پۈتۈنلەي سىرتتىن مەخپىي تۇتۇلغان پائالىيەت ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار 1949-يىلى، 8-ئايدا غۇلجىدىن ئايرىلىپ، 3 ئايدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قازاغا ئۇچرىغانلىق خەۋىرى بېيجىڭدىكى خىتاي سىياسىي مەسلىھەت يىغىنىغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەن سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار تەرىپىدىن خەلققە رەسمىي شەكىلدە يەتكۈزۈلدى.

مۇنىر يېرزىننىڭ ئېيتىشىچە، 1949-يىلى، 8-9-ئايدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى تېزدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان ئىلى خەلقى، جۈملىدىن مىللىي ئارمىيە ۋە زىيالىيلار ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق تېز ئۆزگىرىشى ۋە ئاقىۋەتتە، بۇ جاينىڭ تېزلىكتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبىنى چۈشىنەلمەي تۇرغاندا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنىڭ پىچىلىپ بولۇنغانلىقىنى بىلىشكەن. ئەمما خەلق ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ھەر خىل گەپ-سۆزلەر تارقالغان، خەلق يىغا-زارە قىلىپ، قايغۇ-ئەلەمگە چۆمسىمۇ، ئەمما يەنىلا زور كۆلەمدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، خەلقنىڭ سوۋېت كونسۇلخانىسىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى سىرىنى سورايدىغان ئاممىۋى نارازىلىقلىرى، ئومۇمەن خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشىلىقلىرى بولمىدى.

تارىخى مەلۇماتلارغا تايانغاندا، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى جاكارلىنىپ بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي كومپارتىيەسى ئارمىيەسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيەسى بولغان ئىلى، تارباغاتاي قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى 5-كورپۇسقا ئۆزگەرتىلىپ، شەپكىلىرىگە سەيپىدىن ئەزىز بېيجىڭدىن ئالغاچ كەلگەن خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق كاكارلىرىنى تاقىدى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل بايرىقىنىڭ ئورنىغا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى ئالماشتى. ماۋ زېدوڭنىڭ سەيپىدىن ئەزىزنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ بارغان موسكۋا سەپىرىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە 1950-يىلى، 14-فېۋرال كۈنى «سوۋېت-خىتاي دوستلۇق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، ماۋ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇشىغا ماقۇل بولغاندىن كېيىنلا موسكۋا ماۋ زېدوڭغا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى بەردى. ماۋنىڭ بۇيرۇقى بويىچە سەيپىدىن ئەزىزى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ جەسەتلىرى 1950-يىلى، 4-ئايدا غۇلجىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زور قايغۇ-ئەلەملىرى ئىچىدە دەپنە قىلدى.