8-ئاپرېل مىللى ئارمىيە كۈنى-مىللى ئارمىيەگە 72 يىل (3-)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.04.20
uch-wilayet-jumhuriyet-jengchisi.jpg شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى جەڭچىسى
RFA/Qutluq


1944-1949-يىللاردىكى مىللى ئازادلىق ئىنقىلاب تارىخىغا دائىر تارىخى ئەسلىمىلەردە ۋە كىتابلاردا قەيت قىلىنىشىچە، 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى قۇرۇلغان مىللىي مۇنتىزىم ئارمىيە قىسقا مۇددەتلىك ھەربىي مەشىق ۋە تەييارلىقلاردىن كېيىن، 1945-يىلى،7-ئايدىن باشلاپ ئۈچ فرونت بويىچە ھەربىي ھەرىكەتكە ئۆتتى.

1945-يىلى، 7-ئايدىن تاكى 10-ئاينىڭ بېشىغىچە بولغان ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مىللى ئارمىيە قىسىملىرى باش قوماندانلىق شىتابى تۈزگەن ئۈچ فرونت بويىچە ئۇرۇش قىلىش پىلانىغا ئاساسەن شىمالدا تارباغاتاي ۋە ئالتايغا، ئوتتۇرا يۆنىلىش بويىچە شەرققە، يەنى ئۈرۈمچىگە تەرەپكە، جەنۇبتا ئاقسۇ يۆنىلىشىگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، شىمالى ۋە ئوتتۇرا يۆنىلىش ئۇرۇشى پۈتۈن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئازاد ئۈچ ۋىلايەتنىڭ تاكى 1949-يىلى، 10-ئايغىچە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھاكىمىيەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئىدى.

سابىق مىللى ئارمىيە شاھىدلىرىدىن توختى ئىبرايىم قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرىغا تايانغاندا، مىللى ئارمىيەنىڭ ئۈچ فرونت بويىچە ئۇرۇشى ئالدى بىلەن شىمالى يۆنىلىشتە باشلانغان بولۇپ، چۈنكى تارباغاتاي ۋىلايىتى، جۈملىدىن چۆچەك قاتارلىق شەھەرلەر ئىشغال قىلىنسا، مىللى ئارمىيەنىڭ ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئاساسى كۈچى جايلاشقان شىخو ۋە جىڭنى ئىگىلەپ، ئۈرۈمچىگە يۈرۈش قىلىش يولىنى ئېچىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مۇمكىن ئىدى.

شۇڭا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ۋە مىللى ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى تارباغاتاي ۋە ئالتايغا يۈرۈش قىلىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن.

مىللى ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى شىمالى فرونتتا جەڭ قىلىش ئۈچۈن كەڭساي 3-ئاتلىق پولكى ۋە موڭغۇل ئايرىم ئاتلىق دىۋىزىيونىنى ئاجراتقان بولۇپ، 1945-يىلى، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كەڭساي 3-ئاتلىق پولكى سايرام كۆلى بويىغا ئورۇنلىشىپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىشقا تەييارلىق قىلدى.

كەڭساي 3-ئاتلىق پولكى ئاساسلىقى كەڭساي رايونى، لوسىگوڭ، غۇلجا شەھىرى قاتارلىق جايلاردا جەڭ قىلغان ئۇيغۇر، رۇس ۋە قازاقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر پولكنىڭ كوماندىرى رۇسلاردىن فاتىي لېسكىن ئىدى.

مىللى ئارمىيە كەڭساي ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكى 1945-يىلى،24-ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا تولى، موفاڭ قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ، دۆربىلجىنگە يېتىپ كېلىپ ئۇنى قورشاۋغا ئالدى ۋە ئۈچ كۈنلۈك قورشاۋ جېڭىدىن كېيىن، 29-ئىيۇل كۈنى دۆربىلجىننى ئىشغال قىلىپ، چۆچەك شەھىرىگە يۈرۈش قىلىپ، چۆچەكتە تۇرۇشلۇق تارباغاتاي ۋالىيسى پېڭروڭغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنى تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلدى. لېكىن، مىللى ئارمىيەگە تەسلىم بولۇشنى خالىمىغان پېڭروڭ قاتارلىق گومىنداڭنىڭ چۆچەكتە تۇرۇشلۇق ئىككى پولكىنىڭ كومادىرلىرى ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىن پاناھلىق تىلەپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىش يولى بىلەن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش چارىسىنى قوللىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چۆچەكتىكى كونسۇلخانىسىدىن ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان مەخپىي ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ چېگرا قىسىملىرى باش قوماندانى ستاخانوۋ 1945-يىلى، 31-ئىيۇل كۈنى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى بېرىياغا دوكلات يوللاپ، مىللى ئارمىيەنىڭ 29-ئىيۇل كۈنى دۆربىلجىننى ئىگىلىگەنلىكى، چۆچەكتىكى سوۋېت مۇئاۋىن سوۋېت كونسۇلى زەينۇللىنىڭ بەختى چېگرىسىغا كېلىپ، چۆچەكتىكى بىر قىسىم خىتاي ھەربىي-مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ پاناھلىنىدىگانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقى، بۇ جايدىكى چېگرا ساقلاش كوماندىرى كوۋولىيوۋسكىينىڭ بۇ مەسىلىنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. ئۇ يەنە شۇ كۈنى چۆچەكتىكى ۋالى پېڭروڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بولۇپ، 500 ئەسكەر ۋە ئوفىتسېر، 500 دىن ئارتۇق پۇقرا ۋە باشقىلار بولۇپ، جەمىي 1100 ئادەمنىڭ سوۋېت چېگرىسى ئىچىگە ئۆتكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ چېگرىدىن 15 كىلومېتىر جايدىكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى دوكلات قىلغان.

چۆچەكتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەن گومىنداڭ ھەربىي-مەمۇرىي خادىملىرى ۋە پۇقرالارنىڭ سانى خىتاي تەرەپ تارىخى ماتېرىياللىرىدا 1400 ئادەم دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئەمما سوۋېت رەسمى ئارخىپ ھۆججىتىدىكى سان 1100 ئادەمدىن ئىبارەتتۇر.

نەتىجىدە، 31-ئىيۇل كۈنى تىنچلىق بىلەن چۆچەك ئازاد بولغان ۋە بۇ جايلاردىكى پارتىزانلار ۋە مىللى ئارمىيە بىرلەشتۈرۈلۈپ، كەڭساي پولكى بىر بىرگادىغا ئايلاندۇرۇلغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.