شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ئوفىتسېرىنىڭ جەڭگاھ خاتىرىلىرى (2)
2020.07.02

1944-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىدە پارتىزان قوشۇنى جەڭچىسى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ئوفىتسېرى، زاپاس 1-ئاتقۇچىلار پولكى باتاليون شتاب باشلىقى، مىللىي ئارمىيە ھەربىي سوت ئوفىتسېرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولۇپ، ئىنقىلابقا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقان ھاكىم تۇرسۇن سادىروفنىڭ تېخى نەشر قىلىنمىغان «مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى جەريانىدا مەن ھەقدار بولغان ئىشلار» ناملىق ئەسلىمىسى ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان مىللىي ئىنقىلاب شاھىتلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى ئىچىدە بىر قاتار ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە. بۇ بولسىمۇ ھاكىم تۇرسۇننىڭ پەقەت ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان، شاھىت بولغان ۋەقەلەر ۋە سەپداشلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تەپسىلىي، ئىنچىكە ۋە راستچىل مەيداندا تۇرۇپ بايان قىلىشىدۇر.
ھاكىم تۇرسۇن ئۆز ئەسلىمىسىدە بايان قىلىشىچە، ئۇ 1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنى سەھەردە باشلانغان غۇلجا قوزغىلىڭىغا شۇ كۈنىلا قاتنىشىپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قوزغىلاڭچىلارغا ياردەملىشىش، تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، ئارقىدىن بىر دانە مىلتىققا ئېرىشىپ، پارتىزان ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە لەڭشاڭغا كىرىۋالغان خىتاي قوشۇنلىرىنى قورشاپ يوقىتىش جەڭلىرىگە قاتناشقان. ھاكىم تۇرسۇن ئۆز ئەسلىمىسىدە بايان قىلىشىچە، ئۇ ئاساسلىقى غۇلجادا ياشايدىغان رۇس ياشلىرىدىن كونكىن، بېزبارادوف قاتارلىقلار كوماندىرلىق قىلغان، رۇسلار كۆپرەك بولغان ئەترەت تەركىبىدە 80 نەچچە كۈن ئايرودرومنى قورشاش جېڭىگە قاتنىشىپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان. ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ھاكىم تۇرسۇننىڭ قىزى گۈلباھار خانىم دادىسىنىڭ بۇ قوليازما ئەسلىمىسىنى نەشرگە تەييارلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دادىسى ئۈچۈن ئايرودروم جېڭى ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇرغان ۋە بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ھايات-ماماتلىق دەقىقىلەر ئىدى.
ئايرودروم جېڭى 1944-يىلى، 12-نويابىردىن تاكى 1945-يىلى، 31-يانۋارغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، تارىخىي شاھىتلارنىڭ خاتىرىلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا قارىغاندا، 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلاڭچىلىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلغان كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاساسىي قىسمى ئازاد قىلىنىپ، پەقەت ئايرودروم، ھەرەمباغ، لەڭشاڭدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىغا خىتاي قوشۇنى، ساقچىلىرى، مەمۇرىي خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ھەم بىر قىسىم غۇلجادىكى خىتاي ئاھالىسىدىن بولۇپ، 8 مىڭغا يېقىن ئادەم بېكىنىۋالغان. بۇلارغا گېنېرال دۇ دېفۇ ۋە ساۋ رىلىڭ قاتارلىقلار قوماندانلىق قىلغان. ھاكىم تۇرسۇن ئەسلىمىسىدە قەيت قىلىشىچە، بۇ جەڭلەردە پارتىزانلار تەرەپتىنمۇ خېلى كۆپ كىشى ئۆلدى ۋە يارىلاندى. ئۆزى قاتناشقان رۇسلارنى ئاساس قىلغان ئەترەتتىكى ئىلىنىڭ رۇس پىدائىيلىرىمۇ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلدى. ھاكىم تۇرسۇن ئەسلىمىسىدە ئۇيغۇر كوماندىرلاردىن ماناپ ئوسمانوف ئىسىملىك كىشىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان بولۇپ، ماناپ ئوسمانوف ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ خانىمى ماھىنۇر قاسىم ۋە كېيىنكى ئاتاقلىق تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندىلەرگە تۇغقان ئىدى. ماناپ ئاكا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە باتۇرلۇقى بىلەن ئەترەتتىكى رۇسلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.
ھاكىم تۇرسۇن ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى غۇلجا ئاتقۇچىلار ئىككىنچى پولكى رازۋېدكا ئىزۋوتىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە مەزكۇر قوشۇندىن ئايرىلغان 300 كىشى بىلەن بىرلىكتە مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇش پارادىغا قاتناشقانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. غۇلجا ئاتقۇچىلار 2-پولكى غۇلجا شەھىرىدىكى ياشلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ كوماندىرى غۇلجادا چوڭ بولغان رۇس ياشلىرىدىن نىكولاي فېدىيايېف ئىدى. بۇ پولك تەركىبىدە بىر رازۋېدكا ئىزۋوتى بولۇپ، 17 ياشلىق ھاكىم تۇرسۇن شۇ ئىزۋوتنىڭ جەڭچىسى ئىدى. ھاكىم تۇرسۇننىڭ قىزى گۇلھابار خانىمنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھاكىم تۇرسۇن زاتولىكىن كوماندىرلىقىدىكى مەزكۇر ئىزۋوت تەركىبىدە جىڭ، مايتاغ، ساۋەن قاتارلىق جايلاردىكى دۈشمەن ئارقا سەپلىرىدە ھەرىكەت قىلىشقا قاتناشقان.
تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى 1945-يىلى. 6-ئايلاردا ئۈچ فرونت بويىچە ئۇرۇش باشلاش ئالدىدا، ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى خىتاي قوشۇنلىرىنىڭ ئارقا سەپلىرىنى قالايمىقان قىلىش ئۈچۈن پارتىزانلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە رەپىق بايچۇرىن، قازىقان، فىرسوف قاتارلىق كوماندىرلارنىڭ باشچىلىقىدا مەخسۇس ئەترەتلەرنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئەنە شۇ قاتاردا يەنە غۇلجا پىيادىلەر 2-پولكى ۋە باشقا قوشۇنلاردىن تاللانغان بىر ئەترەتنى زاتولىكىن كوماندىرلىقىدا مەخسۇس دۈشمەن ئارقا سېپىگىمۇ ماڭدۇردى. ھاكىم تۇرسۇن مەزكۇر ئەترەتنىڭ تەركىبى ۋە ئالاھىدە قوراللىنىشى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1945-يىلى ماي ئايلىرىنىڭ ئاخىرى بولۇپ قالدى. ئەترىتىمىزنىڭ جەڭچىلىرى خىللانماقتا، ياشتا چوڭىيىپ قالغانلار، سالامەتلىك ۋە ئائىلە قىيىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرقانچە رۇسلار يۆتكىۋېتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا پولك بويىچە خىللانغان رۇس ئەزىمەتلىرى كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلى ۋىلايەتلىك رۇس گىمنازىيەسىنىڭ (ئىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى مەكتەپ) ئوقۇغۇچىلىرى، ئىنقىلاب باشلانغاندىن بۇيان سوقۇشلارغا قاتنىشىپ، قەھرىمانلىق جاسارىتىنى نامايان قىلغانلار، بەزىلىرى ھەتتا 2-پولكنىڭ روتا-باتالىئونلىرىدا كوماندىر ئىزۋوت، پومكوم ئىزۋوت قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغانلار. بەزىلىرى پىلىموتچى، زەمبىرەك، مىنامىيوتچىلار. مەسىلەن: نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ مۇھىم باشلىقى بولغان پولكوۋنىك نازاروف تۆكۈنىڭ قەيسەر ئىككى ئوغلى، سانىتاركا كىلاۋا، ئۇنىڭدىن باشقا سوپاخۇن ئادەملىرىدىن ئىبراھىم پەيجاڭ، تۇراق بەنجاڭ، دوستەك(تاجىك) قاتارلىق بەش نەپەر جەسۇر جەڭچىلەر ئەترىتىمىزگە قوشۇلدى. ئەترىتىمىزنىڭ سانى 50 نەپەر ئەتراپىدا بولدى. قوراللىرىمىزمۇ خىللانماقتا، ئۈچ-تۆت مىناميوت، ئون نەچچە يېنىك پىلىموتلار(دىكتار، ئىمگا34) ۋە 20 نەچچە يېڭى ئاپتومات، مىلتىقلىرىمىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى مىلتىقى-ترىيوخلېنىيكا، گىراناتلىرىمىزمۇ تۆت-بەش خىل ئىشەنچلىك ھەم قۇدرىتى كۈچلۈك گىراناتلار. ئىشقىلىپ، رازۋېدكا ئەترىتىمىزنىڭ ئادىمى ئاران 50 بولسىمۇ، سەپلەنگەن قوراللارنىڭ ساپاسىدىن قارىغاندا، شۇ ۋاقىتتىكى بىر باتاليوننىڭ قوراللىنىشى بىلەن باراۋەردەك بولدى».
مەزكۇر ئەترەت مىللىي ئارمىيەنىڭ 1945-يىلى 9-ئاينىڭ بېشىدا شىخۇ ۋە جىڭنى ئازاد قىلىشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ئوپېراتسىيەلەرنى بېجىرىپ غۇلجاغا قايتىپ كەلدى. بىراق ھاكىم تۇرسۇن ئېغىر يارىلىنىپ ساقايغاندىن كېيىن، 1945-يىلى، 8-ئايدىن 1946-يىلى 2-ئايغىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى كاتىبات بۆلۈمىدە خىزمەتكە ئورۇنلىشىدۇ ۋە بىر مەزگىلدىن كېيىن غۇلجا شەھىرىدىكى زاپاس 1-پولكنىڭ پىلىموت ئىزۋوتىنىڭ كوماندىرى ۋە ئاخىرىدا 1-باتاليوننىڭ شتاب باشلىقى بولىدۇ. ھاكىم تۇرسۇن 1947-يىلى غۇلجا بىلىم يۇرتى ھەربىي شتابى باشلىقى، غۇلجا شەھەرلىك گارنىزون كامېندانتىدا كاتىپ، مىللىي ئارمىيە ئالىي سوتىدىكى ھەربىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ مەسئۇل كاتىپى، تېرگاۋچى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان. 1949-يىلى 12-ئايدىن كېيىن مىللىي ئارمىيە 5-كورپۇسقا ئۆزگەرتىلگەندە 5-كورپۇس شتابىدا كوماندىر لېسكىننىڭ قول ئاستىدا ئىشلىدى.
ھاكىم تۇرسۇن ئەسلىمىسىدە نۇرغۇن باشقا ھېچقانداق ئەسلىمىلەردە تىلغا ئېلىنمىغان تەپسىلاتلار، ئۇچۇرلار ۋە تارىخى مەلۇماتلار بار. مەسىلەن ئۇنىڭ جىڭ جەڭ مەيدانىدىكى قەھرىمان زىخرۇللام نادىروف ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرى ئۆزگىچىدۇر. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە مەشھۇر قەھرىمان زىخرۇللام 1946-يىلى 7-ئايدا ھەربىي سەپتىن بوشاپ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن شۇ جايدىكى خەلقنى بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنغان بىر باينىڭ ئەدىپىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن ھەر خىل بەتناملار چاپلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. ئەمما، مەيلى گېنېرال ئىسھاقبېك ۋە ياكى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بۇ ئەھۋالدىن خەۋەرسىز قالغان. 1948-يىلى، ئەخمەتجان قاسىمى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرىلەشتە زىخرۇللامنى تەقدىرلىمەكچى بولۇپ ئىزدىگەندە ئۇنىڭ تۈرمىدىلىكىنى بىلىپ، ھاكىم تۇرسۇن قاتارلىقلارنىڭ ئىزدىشى بىلەن تۈرمىدىن چىقىرىلغان ھەم 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى مۇراسىمدا ئەخمەتجان قاسىمى زىخرۇللامغا ئوردېنىنى ئۆزى تاقاپ ئۇنى تەقدىرلىگەن.
ھاكىم تۇرسۇن سادىروفنىڭ «مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى جەريانىدا مەن ھەقدار بولغان ئىشلار» ناملىق ئەسلىمىسىدىكى بۇ مول مەزمۇنلۇق ئۇچۇرلار 1943-1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى دەۋرىنى چۈشىنىشتە مۇھىم تولۇقلىما روللارنى ئوينايدۇ.
ھاكىم تۇرسۇن سادىروف 1953-يىلى، ھەربىي سەپتىن بوشاپ، ئۈرۈمچىدىكى كان-سانائەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن سانائەت ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ، پېنسىيەگە چىققان. 2006-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان. ئۇ مەزكۇر ئەسلىمىسىنى كېسەل ھالەتتە يېزىپ تاماملىغان.