ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرى يېنىدىكى تۈرگەن يېزىسىدا 1958-يىلى غۇلجا شەھىرىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققاندىن بۇيان ياشاۋاتقان، 1945-يىلى 5-ئايدا مىللىي ئارمىيىگە قاتنىشىپ، بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ھەربىي خىزمەت ئۆتەش جەريانىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاقسۇ فرونتىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغان، 89 ياشلىق تارىخى شاھىت نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىلىرىنى داۋاملاشتۇردى.
نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 1949-يىلى، 10-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب مەركىزى ئىلى دىيارىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ئۇ، 1951-يىلى، باشقا بىر قىسىم غۇلجا ياشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك كادىرلىرى مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەر ئىسلاھاتى باشلان ۋە ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان كادىرلار ھەم ئوقۇغۇچىلاردىن 800 دىن ئارتۇق كىشى بىلەن بىرگە يەكەن، قەشقەردە ئىككى يىل يەر ئىسلاھاتى ۋە باشقا خىزمەتلەرگە قاتناشقان.
نۇرمۇھەممەت سادىقوف قاتناشقان بىر گۇرۇپپا ئەينى ۋاقىتتىكى يەكەن ۋىلايىتىدە (كېيىن ناھىيەگە ئايلانغان) ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش ۋە يەر ئىسلاھاتى خىزمىتى ئېلىپ بېرىشقا تەقسىم قىلىنغان بولۇپ، ئەسلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە تۇغۇلۇپ، غۇلجا دىيارىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى قەشقەر ۋە يەكەن دىيارىدا بىر مەزگىل ياشاپ، ئۇ يەردىكى جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق تۇرمۇشى، كىشىلەرنىڭ مىجەز خۇلقى شۇنىڭدەك بۇ ئىككى جايدىكى مىللەتلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەرنى يېقىندىن كۆزەتكەن.
نۇرمۇھەممەت سادىقوف 1952-1954-يىللاردىكى يەكەن شەھىرىدە ۋە ئۇنىڭ يېزىلىرىدا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار ياشايدىغانلىقى، بەزى رايونلاردا ئاز ساندىكى تاجىكلار توپلاشقان جايلار بارلىقى، خىتاي مىللىتى ئاھالىسىنىڭ ھەربىي ۋە كادىرلاردىن باشقا يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزى چۈشكەن يەكەن يېزىلىرىدا ھېچقانداق خىتاي ئاھالىسىنى كۆرمىگەن.
نۇرمۇھەممەت سادىقوف يەكەن ۋە قەشقەر خەلقلىرىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، مىجەز خۇلقى، تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يېقىندىن كۆزەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يەكەن خەلقى تولىمۇ ئاق كۆڭۈل ۋە سەمىمىي كىشىلەر ئىدى. ئەمما، ئۇ قەشقەر خەلقىنىڭ ئۇلارغا قارىغاندا جانلىقراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.
يەكەندىكى كۆپلىگەن يېزىلاردا بىر مەزگىلدىن تۇرۇپ خىزمەت قىلغان نۇرمۇھەممەت سادىقوفنىڭ قارىشىچە، 1950-يىللارنىڭ بېشىدىكى يەكەندە خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد كۈچلۈك بولۇپ، ھەتتا ئىشانلىق مەزھىپىنىڭ پائالىيەتلىرى خېلى قويۇق ئىدى.
نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئەينى ۋاقىتتىكى يەكەن، قەشقەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئىلى دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش خۇسۇسىيەتلىرى، مەدەنىيەت ۋە باشقا بىر قاتار تەرەپلىرىنى سېلىشتۇرغان بولۇپ، ئۇ، 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدا گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ ئازاد ۋە باياشات ياشىغان ئىلى خەلقى، جۈملىدىن ئىلى دېھقانلىرىغا قارىغاندا ئۇزۇن مەزگىل مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا ياشىغان يەكەن ۋە قەشقەر خەلقىدە، جۈملىدىن جەنۇبىي ۋىلايەتلەردىكى خەلقلەردە قول ھۈنەرۋەنچىلىك تەرەققىي قىلغانلىقى شۇنىڭدەك خەلقنىڭ تولىمۇ جاپاكەش ۋە تىرىشچان ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قەشقەر، يەكەن قاتارلىق يۇرتلار خەلقلىرى دېھقانچىلىق تامام بولغان قىش ئايلىرىدا پۈتۈنلەي توقۇمىچىلىق، ماتا، شايى، ئەتلەس توقۇش ۋە باشقا قول ھۈنەرۋەنچىلىكلەر بىلەن شۇغۇللىناتتى.
نۇرمۇھەممەت ئەپەندى 1954-يىلىنىڭ 4-ئايلىرىدا يەر ئىسلاھاتى خىزمەتلىرى ۋە بەزى ئاپتونوم يېزا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك كادىرلىرى مەكتىپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 1955-يىلى، 5-ئايدا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن غۇلجىغا قايتىپ، تاكى 1958-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكۈچە شۇ يەردە خىزمەت قىلغان.
0:00 / 0:00