1944-1949-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا باشتىن ئاخىرى قاتناشقان شەخسلەرنىڭ بىرى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ پورۇدچىكى، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئابدۇللاجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ مىللىي ئىنقىلابقا قاتنىشىش ھايات مۇساپىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ 1945-يىلى، 3-ئايدىن باشلانغان قورغاستىكى قىسقا مۇددەتلىك ھەربىي ئوفىتسېرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا 460 كۇرسانتنىڭ بىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىپ، 6 ئايلىق قاتتىق تەربىيەلەشتىن ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 1945-يىلى، 9-ئايلاردا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، غۇلجا زاپاس 4-پىيادىلەر پولكىغا تەقسىم قىلىنغان ۋە كېيىن ئازاد نىشانلىق 2-پولكتا تۇرغان.
1946-يىلى، 6-ئايدا خىتاي تەرەپ بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپ 11 ماددىلىق بىتىم ئىمزالىغاندىن كېيىن، ماناس دەرياسى بويىدىكى مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرى قىسقارتىلىپ، بىر قىسمى غۇلجىغا قايتقان بولۇپ، بىتىم بويىچە مىللىي ئارمىيە 6 پولكقا قىسقارتىلغان. زاپاس 4-پىيادىلەر پولكى بىلەن غۇلجا پىيادىلەر 2-پولكى بىرلەشتۈرۈۋېتىلىپ ھەم قىسقارتىلىپ، ئازادلىق نىشانلىق پىيادىلەر 2-پولكىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئابدۇللاجان ئەنە شۇ پولك تەركىبىدە غۇلجىغا قايتقان.
ئابدۇللاجاننىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ ئازادلىق نىشانلىق پولكنىڭ 2-باتاليونىنىڭ شتابى باشلىقى ۋە كېيىن سىياسىي بۆلۈم باشلىقى بولغان ھەم 1947-يىلى، قالىبېك ساۋەندە ئىسيان كۆتۈرگەندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە قالىبېك ئىسيانلىرىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان.
ئابدۇللاجان پولكتا بىر مەزگىل باتاليون سىياسىي ئىشلار باشلىقى بولۇپ، خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، باتاليون سىياسىي كومىسسارىنىڭ ۋەزىپىسى جەڭچىلەرگە سىياسىي تەربىيە بېرىش، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت، خەلقئارا ۋەزىيەت قاتارلىقلاردىن چۈشەنچە بېرىش، خىتاي تەرەپ بىلەن بىتىم تۈزۈلگەندىن كېيىن بولسا بىتىمنى ئىجرا قىلىشقا مەسىلىلەردە تەلىم-تەربىيە بېرىش بولغان. كۆپىنچە سىياسىي پروگرامما كونسپىكلىرى يۇقىرىدىن كېلەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە پولك ۋە باتاليوندا ئىماملارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئەسكەرلەرنى ناماز ئوقۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، دىنىي تەربىيە بېرىش قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئەمما، ناماز ئوقۇش ئىختىيارلىق بولۇپ، بېسىم قىلمايتتى. ئابدۇللاجان يەنە ئازاد نىشانلىق پولكنىڭ بىر مەزگىل خوجىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرغان بولۇپ، بۇ بۆلۈمنىڭ ۋەزىپىسى قوشۇننىڭ قورال-ياراق، ئەسكەرلەرنىڭ تەمىناتى ۋە باشقىلارغا مەسئۇل بولۇش ئىدى.
ئابدۇللاجان تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مىللىي ئارمىيە سېپىدە خىزمەت قىلغان ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ھەربىي سەپتىن بوشىتىلىپ، ئۈرۈمچىدە ئىككى يىللىق سىياسىي كادىرلارنى تەربىيەلەش نەزەرىيە كۇرسىدا ئوقۇپ، بىر مەزگىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، 1950-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىپ، ئالمۇتاغا يەرلەشكەن.
بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ
0:00 / 0:00