رۇس تارىخچىسىنىڭ «ئاسىيانىڭ ئىسيانچى يۈرىكى» ناملىق كىتابىدا نېمىلەر دېيىلگەن؟ (2)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.12.20
asiyaning-isyankar-yuriki.jpg سانكىتپېتېربۇرگلىق رۇس تارىخچىسى، ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە ئۆزى 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقان ۋاسىلىي پېتروۋنىڭ موسكۋادا نەشر قىلىنغان «ئاسىيانىڭ ئىسيانكار يۈرىكى» ماۋزۇلۇق ئەسىرىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA

رۇسىيە تارىخچىسى، ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقان ۋاسىلىي پېتروف ئۆزىنىڭ موسكۋادا نەشر قىلىنغان «ئاسىيانىڭ ئىسيانكار يۈرىكى» ماۋزۇلۇق ئەسىرىدە ئۆزى قاتناشقان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ۋە ئۇنىڭ ئاخىرلىشىشى ھەققىدىمۇ ئۆز كەچۈرمىشلىرى ھەم چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا بىر قاتار مەسىلىلەرنى بايان قىلغان.

ئۇ كىتابىدا 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە قوزغىلاڭلارغا ئۇيغۇر، قازاق، تاتار، رۇس، ئۆزبېك ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بەزىلەرنىڭ بۇ ئىنقىلابنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ تەشكىللىگەن، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسلارنىڭ رولى زور بولغان دەيدىغان پىكىرلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. ئۇ، 7-نويابىر كۈنىدىكى غۇلجا قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا دىنىي زات ئەلىخان تۆرە رەئىس بولۇپ، ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرى ھۆكۈمەت ئەزاسى بولسىمۇ، ئەمما رۇسلاردىن پولېنوف قاتارلىقلارنىڭ ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ئۇ بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي، مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رولى چوڭ بولغانلىقىنى تەكىتلەپ: «قوزغىلاڭنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ئۇيغۇرلاردىن ئەخمەتجان قاسىمى بولۇپ، ئۇ يۇقىرى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن، قابىلىيەتلىك ۋە ئىلغار پىكىرلىك كىشى ئىدى. ئۇ، مۇداپىئەدە تۇرۇشنى قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەڭ دەپ قاراپ، پۈتۈن دىققىتىنى قوراللىق كۈچلەرنى قۇرۇشقا، ئەترەتلەرنى تەشكىل قىلىشقا، ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاراتتى ۋە ئۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنى قۇرۇش تەشەببۇسكارى ئىدى. كېيىنرەك ئەخمەتجان قاسىمى ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلدى» دەپ يازىدۇ.

ۋاسىلىي پېتروف كىتابىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارمىيەسى» دەپ ئاتالغان بىر پاراگرافىدا مىللىي ئارمىيەنىڭ تەركىبى، ئەھۋالى، قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە باشقىلار ھەققىدە توختالغاندا، بەزى تارىخچىلارنىڭ ئالتايدىكى ئوسمان باتۇر پۈتۈن ئالتاي، تارباغاتاي ۋە ئىلى ئەتراپلىرىدا جەڭ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن زور ھەسسە قوشقان دەپ مۇبالىغە قىلىپ كۆرسىتىدىغان خاھىشلارنى، بولۇپمۇ تارىخچى گ. م. مېندىكۇلوۋانىڭ «ئوسمان باتۇر ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلغان» دېگەن قارىشىنى تەنقىد قىلىپ، ئوسمان باتۇرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ھېچ مۇناسىۋىتى يوق» لىقىنى كۆرسىتىپ: «ئارمىيەنىڭ تەشكىل قىلغۇچىسى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمەت ئەزاسى، ئۇيغۇر ئەخمەتجان قاسىمى بولۇپ، ئىلىنى ئازاد قىلىشقا قاتناشقا پىدائىيلاردىن تۈزۈلگەن قوزغىلاڭچىلار ئەترەتلىرىدىن ھەربىي قوشۇنلىرى قۇرۇلغان، بۇ 1945-يىلى، 8-ئاپرېلدا ئارمىيەنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلاشقا ئىمكانىيەت ياراتقان» دەيدۇ.

ۋاسىلىي پېتروفنىڭ يېزىشىچە، ئۇيغۇرلار، يەنى «تارانچىلار» ئىلى ۋادىسىدىكى، جۈملىدىن غۇلجىدىكى ئاساسىي ئاھالە بولۇپ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇلار ناۋايلار، موزدوزلار، ھارۋىكەشلەر، مەدىكارلار، ئۇششاق تىجارەتچىلەر ۋە قوللىرىدا كەتمەننى ياخشى تۇتالايدىغان دېھقانلار ئىدى. تارانچىلار پۈتۈنلەي ساپ ئادەملەر ئىدى. ھەربىيگە چاقىرىلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەربىي خىزمەت ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە ئەمەس، قانداق سەپتە تۇرۇشنى، قورال ياراق ئىشلىتىشنىمۇ بىلمەيدىغان، ھەربىي سەنئەتتىن خەۋەرسىز ئادەملەر ئىدى. ئەنە شۇلاردىن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە مۇداپىئە كۆرۈشنىلا ئەمەس بەلكى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە جەڭ قىلغۇچى قىسىملار قۇرۇلدى».

قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخچى دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ قەيت قىلىشىچە، گەرچە رۇس تەتقىقاتچىلىرىدىن ۋادىم ئوبۇخوف «ئالتە ئىمپېرىيەنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن ئېلىشىشى»، «بېرىيا ئۈچۈن ئۇران»، پروفېسسور ۋالېرىي بارمىن «1941-1949-يىللىرىدىكى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ» قاتارلىق قىسىم كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ۋاسىلىي پېتروفتىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىق تەرىپى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسلارنىڭ بۇ ئىنقىلابلاردىكى رولى ناھايىتى كۆپتۈرۈۋېتىلگەن.

ئابلەت كامالوفنىڭ قەيت قىلىشىچە، پروفېسسور ۋالېرىي بارمىننىڭ «1941-1949-يىللىرىدىكى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ» ناملىق ئەسىرى 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەتقىقاتىدا تۇنجى قېتىم سوۋېت ئارخىپ ھۆججەتلىرى ئىشلىتىلگەن ئىلمىي ئەسەر بولسىمۇ، بىراق بۇ ئەسەردە بۇ ئىنقىلاب خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ۋە بىۋاسىتە ھەربىي، ماددىي، مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشى بولمىسا ئەمەلگە ئاشمايتتى، خەلق قانچە باتۇر بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ياردىمى بولمىسا غەلىبە قىلالمايتتى، ھەممە ئىشنى سوۋېت ئىتتىپاقى قىلغان دېگەندەك ئىدىيەدىن بېشارەت بېرىدۇ.

پروفېسسور ۋ. بارمىن، ۋ. ئوبۇخوف قاتارلىق رۇس تارىخچىلىرى پەقەت يېقىندا ئاشكارىلانغان سوۋېت ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ ۋە باشقا رۇسچە ماتېرىياللار بويىچە ئەسەر يازغان بولۇپ، ئىنقىلابقا قاتناشقان ئۇيغۇر شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىنى كۆرمىگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ چاغدا نېمىلەرنى ئويلىغانلىقى، نېمىلەرنى يازغانلىقى، نېمىلەرنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى بىلمىگەن، پۈتۈنلەي رۇس ھۆكۈمەت مەنبەسىگە تايانغانلىقى ئۈچۈن ھەممە مەسىلىدە ئاشۇ ھۆكۈمەتنىڭ، يەنى رۇسلارنىڭ مەيدانىدىن چىقىش قىلغان.

1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىدىن تارتىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغىچە بولغان پۈتۈن جەريانلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوينىغان رولى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇپ كۆرسىتىش، بۇ ئىنقىلابتا رۇسلارنىڭ، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ۋە باشقا جەھەتلەردە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىش مەزكۇر دەۋر تارىخى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم غەرب ئاپتورلىرى، بولۇپمۇ خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، بىر قىسىم خىتاي ئاپتورلىرىدىن باشقا يەنە ئاۋسترالىيەلىك خىتاي تارىخچىسى دەۋىد ۋاڭ ئۆزىنىڭ «سوۋېت كۆلەڭگىسى ئاستىدىكى غۇلجا ۋەقەسى» قاتارلىق كىتابلىرىدا مەزكۇر ئىنقىلابنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك رۇسلارنىڭ، سوۋېتلەرنىڭ رولىغا باغلاپ قويىدۇ ۋە ئەلىخان تۆرە قاتارلىقلارنى «پانتۈركىست ۋە پان ئىسلامىست» دەپ قاراپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

ئەمما، ئەنگلىيەلىك تارىخچى ئاندرېۋ فوربۋسنىڭ «خىتاي مەركىزى ئاسىياسىدىكى مىلىتارىستلار ۋە مۇسۇلمانلار: شىنجاڭنىڭ 1912-1949-يىلىدىكى سىياسىي تارىخى»، ئامېرىكىلىق تارىخچى لىندا بېنسوننىڭ «ئىلى ئىنقىلابى» ناملىق كىتابلىرىدا بولسا ئوخشاشلا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە خىتاي ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىنقىلابتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رولى بولۇشىنى جەزم قىلسىمۇ، بىراق پاكىت بولمىغانلىقى ئۈچۈن سوۋېت رولىنى ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلانغان. ئۇلار ئىنقىلابنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۈرىشى ۋە ئۆزلىرى ئاساسىي رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

يۇقىرىقى تارىخچىلاردىن پەرقلىق نۇقتا شۇكى ۋاسىلىي پېتروف ئۇيغۇر دىيارىدا چوڭ بولغان، ئاشۇ ئىنقىلابقا ئۆزى قاتنىشىپ، ھەممىنى كۆرگەن كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئىنقىلابقا رۇس ئاھالىلىرىنىڭمۇ ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى يازسىمۇ، ئەمما ئۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ جۇمھۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى، قازاقلاردىن قالىبەك قاتارلىقلارغا ئىجابىي باھا بېرىدۇ ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى ئۈچ ئەپەندىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىگىمۇ سۆكۈشتىن ساقلىنىپ، ئۇلارنى «مىللەتچى» لىك ئىدىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ.

ۋەھالەنكى، يۇقىرىقى 1930-1940-يىللار تارىخى ھەققىدە ئەسەر يازغان رۇس، خىتاي ۋە غەرب تارىخچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يازما مەنبەلىرىدىن، شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن پايدىلانمىغان ئىدى.

«ئاسىيانىڭ ئىسيانكار يۈرىكى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ۋاسىلىي پېتروف 1925-يىلى چۆچەكتە تۇغۇلغان، 1941-1945-يىللىرى ئۈرۈمچىدە گىمنازىيە ۋە شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان ۋە 1945-يىلى بىر قىسىم دوستلىرى بىلەن ماناس تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپ، قالىبەك پارتىزانلىرىغا قاتناشقان ۋە كېيىن مىللىي ئارمىيەدە خىزمەت قىلغان. كېيىنكى ھاياتى قازاقىستاندا ۋە رۇسىيەنىڭ سانكىتپېتېربۇرگ شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر دىيارى تارىخى تەتقىقاتى بىلەن ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.