مۇنىر يېرزىن : ئەخمەتجان قاسىمى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىقلارنى غۇلجىغا كېتىشكە دەۋەت قىلغان ئىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.10.04
munir-erzin-90-tewellut.jpg ئاتاقلىق تارىخچى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى مۇنىر ئېرزىن(ئوڭدىن بىرىنچى)نىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى دېكابىر، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

1946-يىلى، 1-ئىيۇل كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپ بىلەن خىتاي گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۈرۈمچىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى.

بۇ ھۆكۈمەتتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپتىن ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىر ھاجى، سەيپىدىن ئەزىز، ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىق 4 كىشى بىۋاسىتە ئۈرۈمچىگە كېلىپ ۋەزىپە ئۆتىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق ئىلى تەرەپ بىلەن خىتاي تەرەپ ئارىسىدا كەسكىن سىياسىي كۈرەش باشلىنىپ، ۋەزىيەت كۈندىن-كۈنگە ئۆتكۈرلەشتى. تارىخىي شاھىتلارنىڭ قارىشىچە، سىياسىي كۈرەش 1947-يىلى، 2- ۋە 5-ئايدىن ئېتىبارەن يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» بىلەن خىتاي تىلىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» بۇ سىياسىي كۈرەشتىكى بىر-بىرىگە قارشى مۇھىم سەھنە بولغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى شىنجاڭ گېزىتى باشلىقى ئۇيغۇر سايرانى قاتارلىقلارنى جازالاشقا ئۇرۇندى. شۇ يىلى 8-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلۇش ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن، ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى داۋاملىق ئۈرۈمچىدە تۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمىدى دەپ بىر-بىرلەپ غۇلجىغا كەتتى. مانا شۇ ۋاقىتتا ئاشۇ خادىملار بىلەن غۇلجىغا كەتكەن، ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خادىمى مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، غۇلجىغا كېتىش ھەرىكىتى ناھايىتى مەخپىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، رەھبەرلەر ۋە خادىملار نەچچىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.

مۇنىر يېرزىننىڭ ئەسلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى ھەتتا ئىلىغا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ ئەپەندىنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئويلاشقان.

ئۇيغۇر مىللەتچى رەھبەرلىرىدىن «ئۈچ ئەپەندى» نىڭ ئىچىدىكى مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغىمۇ بۇ خىزمەت ئىشلەنگەن، چۈنكى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى ئارىسىدا تاشقى كۈچلەرگە يۆنىلىش مەسىلىسىدە پىكىر ئىختىلاپى بولسىمۇ، ئەمما كۆپ جەھەتلەردە ھەمكارلىق بولغان ئىدى. شۇڭا ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنىڭ غۇلجىغا بىرگە كېتىشى ئويىدا بولغان ئىكەن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرامۇ كۆپ ئويلاشقان، ئىككىلەنگەن ۋە ئاخىرىدا كەتمەي ئۈرۈمچىدە قالغان ئىكەن.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىدىن بىرى رەھىمجان سابىر ھاجى قېيىن ئاتىسى، ئۆلكە رەئىسى مەسئۇد سابىرىغىمۇ بىرلىكتە غۇلجىغا كېتىش ھەققىدە خىزمەت ئىشلىگەن. بىراق، ئۇ رەت قىلغان.

مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۈچ ئەپەندىنىڭ، بولۇپمۇ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىلىغا كەتمەسلىكىدىكى سەۋەبلەر ھەر خىل بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنى رۇسلار بىلەن ھەمكارلاشتى دەپ قارىغانلىقىدا ئىدى.
يەنە بىر نۇقتا 1947-يىلى، 5-ئايدا جاڭ جىجوڭ جاڭ كەيشى بىلەن سۆزلىشىپ، مەسئۇد سابىرىنى رەئىسلىككە تەيىنلىگەندە ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق ئىلى تەرەپ بۇنىڭغا قارشى چىققان ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئىلى رەھبەرلىرى ۋە مەسئۇد ئەپەندى تەرەپدارلىرى ئارىسىدا بۆلۈنۈش كۈچەيگەن.

91 ياشلىق تارىخى شاھىت مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، جاڭ جىجوڭ قاتارلىق گومىنداڭ دائىرىلىرى دەل ئەنە شۇنداق ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە مىللەتپەرۋەرلىرى ئارىسىدا زىددىيەت چىقىشىنى ھەم كۈچىيىشىنى خالايتتى. ۋەھالەنكى، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋە كېيىنكى خىتاي سىياسەتچىلىرى ۋە تارىخچىلىرى بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ئىختىلاپىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۈرۈمچىدە ئۇنچىۋالا ئۆزئارا ئاشكارا توقۇنۇشلار بولغانمۇ ئەمەس، ئەمما، يىغىنلار بولغان. بىر-بىرىنى ئەيىبلەشلەر 1948-يىللاردىكى ئىش ئىدى. مۇنىر يېرزىن مۇنداق دەيدۇ: «لېكىن، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەرەپدارلىرى، يەنى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغانلار بەك كۆپ ئىدى. پۈتۈن ئۈرۈمچىدىكى تۈركىيلەر، يەنى ئۇيغۇرلار ئاساسەن دېگۈدەك ئۇنى قوللايتتى، پۈتۈن يەتتە ۋىلايەت، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى خەلق ئۇنى قوللايتتى. مەسئۇد ئەپەندىنىڭمۇ قوللىغۇچىلىرى بار ئىدى. لېكىن ئەخمەتجاندەك ئۇنداق كۆپ ئەمەس ئىدى».

1947-يىلى، 8-ئايدا شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تۈزۈلگەن بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ تولۇق بۇزۇلۇپ، ئىككى تەرەپ يەنە بىر-بىرىگە قارشى جىددىي ھالەتكە ئۆتۈش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ بۇزۇلۇشىدا بىر قاتار سەۋەبلەر بار بولۇپ، ئاساسلىق مەسىلە خىتاي تەرەپتە ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.