مۇنىر يېرزىن: بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى تۈپ ئامىل- خىتاي مۇستەبىتلىرىگە تىز پۈكمەسلىك

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.10.11
Tarikhchi-Munir-Yerzin.jpg تارىخچى مۇنىر يەرزىن سوز سوزلىمەكتە. 2017-يىل 19-ئوكتەبىر، ئالماتا، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

1946-يىلى، 7-ئايدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى بىتىم بويىچە قۇرۇلغان مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمەت 1947-يىلى، 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا كېتىشى بىلەن بۇزۇلدى. تارىخچىلار مەزكۇر بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى سەۋەب-ئامىللارنى ھەر خىل نۇقتىدىن شەرھلەۋاتقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا مىللىي ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن خىتاي گومىنداڭ تەرەپ ۋەكىلى جاڭ جىجوڭمۇ ئۆزئارا خەت يېزىشىپ، بىر-بىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. 1947-يىلى، ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى» دە خىزمەت قىلغان ۋە 1947-يىلى، 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى، ئۇيغۇر سايرانى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە غۇلجىغا كەتكەندىن كېيىن تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان 91 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇرشۇناس مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى تۈپ ئامىل ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىقى ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي گومىنداڭ مۇستەبىتلىرىگە قەتئىي تۈز پۈكمەي كۈرەش قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر.

ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، خىتاي ھەربىيلىرى، ساقچىلىرى باشتىن ئاخىرى 11 بىتىمنى ئىجرا قىلماسلىق، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇنىڭدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى تۇتقان ھەتتا، خىتاي ھەربىي-سىياسىي دائىرىلىرى ناھىيە ھاكىملىرى، كېڭەش ئەزالىرىنى سايلاش جەريانىدا خىتاي تەرەپدارلىرىنى سايلىتىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇنى خالىمىغان ئاممىغا ئوق چىقىرىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە يارىلاندۇرۇش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغان بولۇپ، خەلق بۇنىڭدىن كۈچلۈك نارازى بولغان ئىدى.

جاڭ جىجوڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي تەرەپ دائىم ئىلى تەرەپنى «ئالاھىدە بولۇۋالدى» دەپ ئەيىبلىگەن بولۇپ، دېمەكچى بولغىنى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئازاد ئۈچ ۋىلايەتكە، يەنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيەسىگە كىرىپ ئورۇنلىشىشىغا يول قويمىدى دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.

مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان تەرەپ رەھبەرلىرى خىتاي گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ 11 ماددىلىق بىتىمنى ئىجرا قىلمايۋاتقانلىقى، ئەكسىچە ئۆز قوشۇنلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋاتقانلىقى، يەتتە ۋىلايەت خەلقىگە ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ بىتىمدىن پايدىلىنىپ، ئۈچ ۋىلايەتنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئازاد ئۈچ ۋىلايەتكە كىرىشىگە قەتئىي يول قويمىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىتىمنى ئىجرا قىلىشقا تىرىشقان.

ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەرەپنىڭ ئەڭ غەزىپىنى قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى جاڭ جىجوڭ، سوڭ شىليەن قاتارلىقلارنىڭ ئوسمان ئىسلامنى قوللاپ ۋە قوراللاندۇرۇپ، ئۇنى ئىلى ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا كۈشكۈرتىشىدۇر. تارىخىي شاھىت مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جاڭ جىجوڭ، سوڭ شىليەن قاتارلىق خىتاي گومىنداڭ دائىرىلىرى نامدا «خەلقچىللىق»، «مىللەتلەر باراۋەرلىكى» شوئارلىرىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردىمۇ تەسىرى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان ئىلى تەرەپنى، يەنى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرىنى پارچىلاش ئۈچۈن قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىش، باشقا مىللەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا قارشى قويۇش تاكتىكىسى قوللانغان.

ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، جاڭ جىجوڭ، سوڭ شىليەن، ليۇ مېڭچۈن باشچىلىقىدىكى خىتاي گومىنداڭ ھەربىي-سىياسىي رەھبەرلىرى دائىم ئۈچ ۋىلايەتنى ئىچىدىن پارچىلاش، مىللەتلەر ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىش، نامايىشقا نامايىش، تەشكىلاتقا تەشكىلات ئارقىلىق قارشى تۇرۇش، باشقا مىللەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا قارشى قويۇش تاكتىكىسى قوللىنىش ھەققىدە يىغىنلار ئېچىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان ئىدى.

مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مىللىي ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر ھەتتا 1947-يىلى، 24 ۋە 25-فېۋرال كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قىسىم قازاق ۋە تۇڭگان، خىتاي قاتارلىقلارنىڭ نامايىشى، بولۇپمۇ 25-فېۋرال ۋەقەسىنى ئەنە شۇ خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ ئىلى تەرەپكە قارشى ئورۇنلاشتۇرغان بىر يۈرۈش پىلانلىق ھەرىكەتلىرى دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تارىخى ماتېرىياللار ئاساسىدا تەھلىل يۈرگۈزۈشىچە، جاڭ جىجوڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقان تەسىرى، شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ سىياسىي كۈرەش ۋە ئىنقىلاب قوزغاش يولى بىلەن يەتتە ۋىلايەتنىمۇ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەنە بىر قاتار چارىلار قاتارىدا مەسئۇد سەبىرى بايقوزىنى ئەخمەتجان قاسىمىغا مەسلىھەت سالماي ئۆز ئالدىغا رەئىسلىككە تەيىنلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پىكىر ئىختىلاپىنى كۈچەيتىش تاكتىكىسىنىمۇ قوللانغان.

لېكىن، ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخى ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى مۇنىر يېرزىننىڭ ئەسلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار مەسئۇد سەبىرىنىڭ رەئىس بولۇشىغا قارشى چىقسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە ئۇنىڭ ھەم ئۈچ ئەپەندىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلىغا كېتىشىنى ئۈمىد قىلغان.

20-ئەسىر ئۇيغۇر دىيارى تارىخىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىتىم تۈزۈپ، تەڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت جەمئىي 13 ئاي 12 كۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي گومىنداڭ مۇنتىزىم ئارمىيەلىرى تاكى 1949-يىلى 10-ئايغىچە ماناس دەرياسى بويىدا بىر-بىرىگە قارشى تىغمۇ-تىغ تۇرۇش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.