مۇنىر يېرزىن: مېنى رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى ئالتايغا مەخسۇس مۇخبىرلىققا ئەۋەتكەن ئىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.11.01
munir-erzin-90-tewellut-1.jpg ئاتاقلىق تارىخچى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى مۇنىر ئېرزىننىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى دېكابىر، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم ئۇيغۇرشۇناس، 1947-1949-يىللىرى غۇلجىدا نەشر قىلىنغان «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە خىزمەت قىلغان 91 ياشلىق تارىخىي شاھىت مۇنىر يېرزىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىدە كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىپ، 1948-يىلى، 10-ئايدا «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ ئۆزىنى ئالتايدا تۇرۇشلۇق مەخسۇس مۇخبىر سۈپىتىدە ئالتايغا خىزمەتكە ئەۋەتكەنلىكىنى ئەسلىدى.

«ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى مۇنىر يېرزىن ئەپەندى ئالتايغا مېڭىش ئالدىدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنى ئۆز ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە بىۋاسىتە كۆرسەتمە بەرگەن. ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنىڭدىن ئالتايغا بارغاندىن كېيىن، ئالتايدىكى خەلقلەرنىڭ ئىلىغا بولغان چۈشەنچىلىرىنى ئاشۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈچ ۋىلايىتىنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىنى كۈچەيتىش ھەققىدە تىرىشىپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان. چۈنكى، بۇ ۋاقىت ئالتايدا ئوسمان ئىسلام ئىسيان كۆتۈرۈپ، مىللىي ئارمىيە ئۇنى ئالتايدىن قوغلاپ چىقارغان ھەم ئالتايغا دەلىلقان سۇگۇربايېف ۋالىيلىققا تەيىنلىنىپ، بىر يىل بولغان چاغ ئىدى.

ئەخمەتجان قاسىمى مۇنىر يېرزىننىڭ ۋە باشقا مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان، قابىل رەھبەر ئىدى.

ئۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ پۈتۈن ئىش-ھەرىكەتلىرى، سۆز-نۇتۇقلىرى ئارقىلىق جاڭ جىجوڭ، سوڭ شىليەن قاتارلىق خىتاي چوڭ مىللەتچى ھەربىي-سىياسىي ئەمەلدارلىرى بىلەن يۈزمۇ-يۈز سىياسىي كۈرەش قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى «‹ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى› دەپ ئاتالغان ئەمەلىيەتتىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن راۋاجلىنىپ، خىتاي تەرەپنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمەتنى ئىقتىسادىي قامال ئارقىلىق يوقىتىش، مىللەتلەر ئارىسىغا زىددىيەت سېلىش، يەنى قازاقلار ۋە باشقا مىللەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا قارشى قويۇش ئارقىلىق پارچىلاپ يوقىتىش تاكتىكىسىنى مەغلۇپ قىلغان كۈچلۈك سىياسىي رەھبەر ئىدى. ئۇ، پەقەت ئۈچ ۋىلايەتتىكى خەلقلەرلا ئەمەس، بەلكى يەتتە ۋىلايەتتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈنمۇ كۈرەش قىلغان ئىدى».

ئۇنىڭ قارىشىچە، مەيلى ئەلىخان تۆرە ۋە ياكى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر بولسۇن، ئۇلار باشتىن ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىشى جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. ھەتتا قازاقلارنىڭ ئوسمان باتۇر، دەلىلقان قاتارلىق باشلىقلىرىمۇ ئوخشاشلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمما، خەلقنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى ۋە كۈرەش نىشانى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نىشانى ئوخشاش چىقمىدى، ئاقىۋەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىنىشىگە يول ئاچتى ۋە 5 يىللىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى پاجىئەلىك خۇلاسىلەندى. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ئىنقىلابلارنى ئۆزىنىڭ سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى ۋە يەر-ئاستى بايلىقلارغا ئېرىشىشى ئۈچۈن پايدىلانغان بولۇپ، ھېچقاچان بۇ خەلقنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە ئازادلىقىنى خالىغان ئەمەس.

مۇنىر يېرزىن ئالتايغا بارغاندىن كېيىن، دەلىلقان سۇگۇربايېفنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. دەلىلقان سۇگۇربايېف باشتىن ئاخىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى - ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنى ھىمايە قىلىپ، غۇلجا ھۆكۈمىتىگە بولغان تەۋەلىكىنى ساقلىغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇ ئەخمەتجان قاسىمىنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلغان.

مۇنىر يېرزىن ئالتايدا 10 ئاي ئەتراپىدا ئىشلەپ، 1949-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، ئۆز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.