«ئوغۇزنامە» داستانى ئۇيغۇر ئەدەبىياتıنıڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي، ئومۇمىي تۈرك ئەدەبىياتىنىڭمۇ يىرىك ۋە قىممەتلىك ئەسەرلىرىدىن بىرىدۇر. شۇڭا بۇ داستان ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار خېلى بۇرۇنلا باشلىغان.
رادلوف، رىزا نۇر، باڭ، رەشىت راخمەتى ئارات قاتارلىق ئالىملار بۇ داستاننىڭ ترانسكرىپسىيىسىنى ۋە تەرجىمىسىنى نەشىر قىلدۇرغان. 1933 - يىلى قەشقەردە چىقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى» ناملىق گېزىتتىكى ئوغۇز قاغاننىڭ قەھرىمانلىقى، دۇنيانى پەتىخ قىلىپ جاھان سورىغانلىقى ھەققىدىكى ماقالىلارغا قارىغاندا، بۇ داستان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ مەلۇم ئىدى. بۈگۈڭە قەدەر بۇ داستان ئۈستىدە تىل، ئەدەبىيات، تارىخ ۋە فولكلور قاتارلىق جەھەتلەردىن نۇرغۇن تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن داستاننىڭ تىلى، قاچان ۋە قەيەردە يېزىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر پىكىر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان ئىدى. يېقىندا بۇ مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىلشۇناسلار ئوغۇزنامە داستانىنى قايتىدىن ئوقۇشقا باشلىدى. بۇ تىلشۇناسلارنىڭ بىرى تۈركىيە ئوسماڭازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇرشۇناس دوتسېنت دوكتور فەررۇھ ئاغجا ئەپەندىدۇر. فەررۇھ ئاغجا ئەپەندى ئوغۇزنامە داستانىنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇلۇشى، ترانسكرىپسىيىسى ۋە تەرجىمىسىدە ساقلانغان مەسلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بىر قانچە يىلدىن بۇيان بۇ داستاننىڭ تېكىستى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن فەررۇھ ئاغجا ئەپەندى بىلەن سوھبەت ئۆتكۈزدۇق.
رفا: ھۆرمەتلىك فەررۇھ ئاغجا ئەپەندىم، ئوغۇزنامە داستانى تەكستىدە كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر نېمىلەردىن ئىبارەت؟ نېمە سەۋەبتىن بۇ داستاننى قايتىدىن ئوقۇش ئىھتىياجى تۇغۇلدى؟
فەررۇھ ئاغجا: رەشىت راخمەتى ئارات ۋە ۋ. باڭ "ئوغۇز كاغان داستانى" دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تەكستنى نەشىر قىلغان 1932 - يىلىدىن بۈگۈڭە قەدەر خېلى ئۇزۇن زامان ئۆتۈپ كەتتى. بۇ جەرياندا تۈركولوگىيە تەتقىقاتىمۇ كۆپ ئىلگىرىلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن داستاننىڭ تېكىستىنى يېڭىدىن ئوقۇش ئېھتىياج تۇغۇلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارات ۋە باڭ تېكىسىتنى ترانسكرىپسىيە قىلغاندا ئەسلى شەكلىگە سادىق قالمىغا ۋە نۇرغۇن سۆزنى ئۆزلىرىنىڭ نۇقتىنەزىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتكەن. مەسىلەن، تېكىستتە نۇرغۇن مىسالى مەۋجۇت بولغان ياردەمچى سوزۇق تاۋۇش "ئا" ئارات ۋە باڭ تەرىپىدىن "ı" دەپ قارىلىپ مۇشۇ بويىچە يېزىلغان. ھالبۇكى تەكستنى ئۆزىگە ھاس ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان نەرسىلەرنىڭ بىرى ياردەمچى سوزۇق تاۋۇشنىڭ مانخەئىست تېكىستلىرىدىكىگە ئوخشاش تەرتىپلىك بىر شەكىلدە "ئا" ھەرپى بىلەن ئىشارەتلەنگەن. باشقا بىر تەرەپتىن، بەزى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ بەكىتىلىشىدە مەسىلىلەر بار. مەسىلەن سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنى "گ" ئوقۇش كېرەكمۇ ياكى "ك" ئوقۇش كېرەكمۇ، بۇ ئېنىق ئەمەس. بۇ مۈجىمەللىكنى تېكست يېزىلغان مۇھىتنى توغرا چۈشىنىش ئارقىلىق بېكەتكىلى بولىدۇ. بەزى سۆزلەرنىڭ خاتا ئوقۇلغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. تېكست تۈركىيە تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىنغاندىمۇ بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىش مەقسىتىدە تەكستنى قايتىدىن ئوقۇش تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
رفا: ھۆرمەتلىك فەررۇھ ئاغجا ئەپەندىم، ئوغۇزنامە داستانىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ۋە قايسى تۈرك قوۋمىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ھەققىدە بىراز مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟
فەررۇھ ئاغجا: تەكستنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرى جەھەتتىن قەدىمقى تۈركچە دەۋرىگە ئائىت ئەمەسلىكى ئېنىق. شۇڭا كۆكتۈركلەر، مانىخەئىست ۋە بۇدىست ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىلار دەۋرىدە يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. تىل ئالاھدىلىكلىرى نوقتىسىدىن چاغاتاي تۈركچىسى بىلەن بەزى ئورتاق تەرەپلىرى بولسىمۇ، بۇنى چاغاتاي ساھاسىدا يېزىلغان دەپمۇ ئېنىق ئېيتالمايمىز. مەيلى فونېتىكىلىق ۋە مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى لۇغەت تەركىبى جەھەتتىن بولسۇن، تەكست ئۈچۈن ئەڭ ئۇيغۇن ساھە خارەزم ساھەسىدۇر. لېكىن خارەزم ئەدەبىي تىلى بىلەن يېزىلغان دەپ قارىغىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا تېكىستنى ھەم يېزىق تەرزى ھەم تىل ئالاھىدىلىكلىرى نۇقتىسىدىن خارەزم ساھەسىدا يېزىلغان؛ ئەمما يەرلىك بىر شىۋىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ ئېيتىش مۇمكىن. بۇ يەرلىك شىۋىنىڭ قايسى شىۋە ئىكەنلىكىنى ھازىر مەن قولغا كەلتۈرگەن مەلۇماتلارغا تايىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇش تەس. بۇ يەردە تېكستنىڭ ئوغۇز ۋە قىپچاق تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە ئەمەسلىكىنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈشۈم كېرەك.
رفا: بۇ ئەھۋالدا، ئوغۇزنامە داستانى قاچان ۋە قەيەردە يېزىلغان دەپ قارايسىز؟
فەررۇھ ئاغجا: ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئوغۇز قاغان داستانىنىڭ 14 - 15 - ئەسىردە يېزىلغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن يېزىلغان بولۇش ئېھتىمالى تۆۋەن. داستان يېزىلغان جۇغراپىيە بولسا، ئىبنى مۈھەننا لۇغىتى يېزىلغان جۇغراپىيە بىلەن ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەرنىڭ خارەزم ساھەسى بولۇشى ئېھتىمالى چوڭ. تېخى ئېنىق بىر نەتىجىگە ئېرىشمىدىم. لەكىن چاغاتاي ئەدەبىي تىلى شەكىللىنىشتىن بۇرۇن يېزىلغان بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.
ھۆرمەتلىك ئاڭلىغۇچىلار، ئوغۇزنامە داستانىنىڭ بەش ۋاريانتى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئوغۇزنامە تىلى، مەزمۇنى، دىنى ئېتىقات ۋە فولكلورلۇق ئامىللار جەھەتتىن ئەڭ قەدىمقى، ئەڭ ئورىگىنال ۋە ئەڭ قىممەتلىك ۋارىيانت دەپ قارىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇيگۇر تىلشۇناسلىرى ئوغۇزنامە داستانىنىڭ 10 - ئەسىردە تۇرپاندا يېزىلغانلىقىنى ۋە تىلىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيەدە ئوغۇزنامە داستانىنىڭ تىلى، قاچان ۋە قەيەردە يېزىلغانلىقى مەسىلىسى ھەلىھەم مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر تېما. فەررۇھ ئاغجا ئەپەندىم بەرگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوغۇزنامە داستانى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
0:00 / 0:00